باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

بالىلىق قەلب چاڭ – توزان باسقان خاتىرىلەرنى ئويغاتتى

ــ پەرھات ئىلياسنىڭ چۆچەكسىمان رومانى «كرورانلىق بالىلار» ھەققىدە

2014.07.23 12:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كروراندىن ئىبارەت كۆمۈلۈپ قالغىنىغا مىڭ يىللارچە بولغان بۇ قەدىمىي قەلئە، سانسىز ئېكىسپىدىتسىيىچىلەرنى ئۆزىگە رام قىلغان بۇ سىرلىق مەنزىل تىلغا ئېلىنسا، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قۇرۇپ قالغان كۆللەر، قاقشال توغراقلار، چۆلدەرىگەن خارابىلىكلەر ۋە قەبرسىتانلىقلار قاتارلىق ئۆلۈم ۋە گۇمرانلىق بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان جۇغراپىيىلىك نامنى ئويلىشى تۇرغان گەپ. قەدىمدىن ھازىرغىچە، نۇرغۇن ئالىملار ئارخولوگىيىلىك بايقاش، مۇھىت تەكشۈرۈش، تارىخىي تەتقىقات، گۇمانىتارلىق ئۆزگىرىش، كۆچۈش قاتارلىقلارغا ئائىت ماتېرىياللارغا ئاساسەن، بۇ جايدىكى ھاياتلىقنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە كۆپ تەرەپلىمە ئەھمىيەتلىك چۈشەندۈرۈشلەرنى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، ئەمما قاقاسچىلىققا تولغان چەكسىز چۆل ئالدىدا يەنىلا ئېغىر ئۇھسىنىشتىن ساقلىنالمىدى. «كروران» دېگەن بۇ ئەسلىدە قىزىقارلىق ھەم يېڭىچە ئاڭلىنىدىغان ئىسىم ئىلىم ئەھلىلىرى تەرىپىدىن ھەمىشە توپىغا ئايلىنىشنىڭ ئەۋرىشكىسى ۋە بەرباتلىقنىڭ ئۈلگىسى قىلىنىپ، شۇ ئارقىلىق كىشىلەر تەنتەنىلىك ئاگاھلاندۇرۇپ كېلىندى. قەدىمكى كرورانلىقلار بىلەن ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ باغلىنىشى، قەدىمكى كروران مەدەنىيىتىنىڭ ھازىرقى زامان كىشىلىرى ئارىسىدا داۋاملىشىشى، ناھايىتىمۇ ئۇزاقتا قېپقالغان تىنما مەدەنىيەتنىڭ ھازىرقى دەۋردىكى پائال ئەھمىيىتى ھەققىدە ئۈمىدۋار پوزىتسىيىدە تۇرۇپ ئىزدىنىدىغانلار بەكلا ئاز. بۇ بەلكىم ئۈزۈلمەس تارىخنى ئۇلاشنىڭ تەسلىكىدىن ياكى قەدىمكى كروران سېپىلىنى قاپلىغان چاڭ – توزانلار زىيادە قېلىن بولغاچقا، تېخىمۇ كۆپ ئارخولوگىيىلىك بايقاشلار ئۈچۈن ۋاقىت كېرەك بولغانلىقىدىن، يا بولمىسا، كۆرگەن – ئاڭلىغانلىرىنىڭ ئاز بولۇشى سەۋەبلىك قارىسىغا ئىش تۇتۇشتىن ئەنسىرگەنلىكتىن بولسا كېرەك. مەن پەرھات ئىلياس يازغان، دىلمۇرات تەلئەت تەرجىمە قىلغان «كرورانلىق بالىلار» ناملىق ورماننى ئوقۇغاندىن كېيىنلا ئاندىن بەزى كىشىلەرنىڭ بىر خىل مەدەنىيەت تۈرى ھېسابلىنىۋاتقان قەدىمكى كروران مەدەنىيىتىنىڭ كۆمۈلۈپ قالماي، بەلكى ھازىرقى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يەنىلا داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتكەنلىكىنى، مىڭ يىللاپ چاڭ – توزان ئىچىدە كۆمۈلۈپ قالغان قەدىمكى كروراننى خىيالىدا تىرىلدۈرمەكچى بولغانلىقىنى تونۇپ يەتتىم.

  ىق ھېكايىلەرنى توقۇپ بەرگەن. ھېكايىلەردىكى كىچىك باش قەھرىمانلار خۇددى يېقىن قوشنىلىرىمىزنىڭ ئوغۇل – قىزلىرىدەك يازلىق تەتىل مەزگىلىدە سەھراغا كېلىپ، تۇغقانلىرىنىڭ بالىلىرى بىلەن دالىلارغا بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ تەبىئىەت دۇنياسىغا بولغان تەلپۈنىشىنى قاندۇرىدۇ. تۆت كىچىك دوست خۇددى رىئاللىقتىكى بالىلاردەك سەبىي، شاد – خورام، شوخ ھەم ناھايىتى قىزىققاق. بىر قېتىملىق مەقەسەتسىزلا قىلىپ قويغان خەيرلىك ئىشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھەر بىرى تاسادىپىي ھالدا ئالاھىدە ئىقتىدارغا ئىگە بىردىن ئەڭگۈشتەرگە ئېرىشىدۇ ھەمدە ئەڭگۈشتەرلەرنىڭ سېھرىي كارامىتىنىڭ ياردىمىدە قەدىم بىلەن ھازىرنىڭ ۋاقىت كارىدورىدا خالىغانچە موكىدەك ئايلىنىپ يۈرۈپ، شەھەرلەر، يېزىلار، يايلاقلار ۋە ئورمانلاردىكى كەڭ بوشلۇقلاردا ئەركىن ساياھەت قىلىدۇ؛ تىل – يېزىق توسالغۇسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، تۈرلۈك ھايۋانات، ئۆسۈملۈكلەر، تەبىئىەت ھادىسىلىرى ۋە ئوخشىمىغان دەۋر، ئوخشىمىغان مىللەت ھەمدە ئوخشىمىغان دۆلەت كىشىلىرى بىلەن بىمالال سۆزلىشىدۇ. ھەتتا رىۋايەتتىكى كروران مەلىكىسى بىلەنمۇ تونۇشۇپ يېقىن دوستلاردىن بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە بىر قاتار ئاجايىب – غارايىب ساياھەتلەرنى قىلىدۇ. بۇ جەريانلاردا بۇ بالىلار توغراقلارنىڭ يىغا ئاۋازىنى، قومۇشلۇقلارنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنى، ئېشەكلەرنىڭ نارازىلىقلىرىنى، ياۋا تۆگىلەرنىڭ چۆلگە بولغان تەلپۈنۈشلىرىنى ئاڭلايدۇ. مانا مۇشۇنداق ئارقىمۇ – ئارقا تاسادىپىي ئۇچرىشىشلار بالىلىق قەلبنىڭ تەبىئىەتكە بولغان مەڭگۈ ئۈزۈلمەس قىزىقىشىنى نامايان قىلىدۇ. يولدا كىچىك باش قەھرىمانلار مەھمۇد كاشغەرىي بىلەن كۆرۈشىدۇ، ئاندېرسېننى زىيارەت قىلىدۇ. شۈ شياكې بىلەن خۇاڭشەن تېغىدا ئاجايىب سەيلىلەرنى قىلىدۇ... ئاقىل كىشىلەر بىلەن ئۇچراشقان بۇ كۆرۈنۈشلەر بالىلار قەلبىنىڭ بىلىمگە بولغان تەشنالىقى ۋە ئاقىللارغا بولغان چوقۇنۇشىنى ئىپادىلەيدۇ. سەپەردە كىچىك باش قەھرىمانلار قەدىمكى جەڭ مەيدانلىرىنى، شەيتانكەرىشنى كۆرىدۇ... ئالۋاستىلار بىلەن ئېلىشىشلىرى ھەمدە ئۇلاردىن ئۈستۈنلۈك تالىشىشلىرى بالىلارنىڭ باتۇرلۇققا ئىنتىلىش ئارزۇسىنى ئىپادىلەيدۇ. سەپەردە يەنە كىچىك باش قەھرىمانلار كروران مەلىكىسىنى قۇتۇلدۇرىدۇ، توغراق جەمەتىنىڭ جەم بولۇشىغا، ئاييورۇق مەلىكىسىنىڭ كۆڭلىدىكى كىشىسى بىلەن توي قىلىشىغا، ئۈمىدسىزلىكتە قالغان بوۋاينىڭ ياشاش ئىسەنچىسىنى كۈچەيتىشىگە ياردەم بېرىدۇ... زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇپ، رەزىللىكنى يوقىتىش، نامراتلارنى يۆلەپ، ئاجىزلارغا ياردەم بېرىش توغرىسىدىكى ھېكايىلەر بالىلار قەلبىنىڭ توغما ئاقكۆڭۈللۈكىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. سەپەر جەريانىدا كىچىك باش قەھرىمانلار يەنە ياپونىيە، گېرمانىيە، ئامېرىكا، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى مەدەنىيەت زاتلىرى ۋە بالىلار بىلەنمۇ دائىم ئۇچرىشىپ تۇرىدۇ، يىراق دېڭىز – ئوكيانلارغا بېرىش كۆرۈنۈشلىرى بالىلارنىڭ ئەركىن پەرۋاز قىلىشقا قانچىلىك تەشنا ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ.

  چۆچەك ــ تولىمۇ قىزىقارلىق رەڭدار چۈش. پەرھات توقۇغان چۈش ساھىللىرىدا قار ئۇچقۇنلىرى ناخشا ئېيتالايدۇ، بۇغداي مايسىلىرى ئۇسسۇل ئوينىلايدۇ، قومۇشلار تولىمۇ سۆزمەن بولۇپ كېتىدۇ، مۈشۈك ياپىلاق كېسەل كۆرەلەيدۇ، قاغا كۆپكە قادىر پىر ھەزرەتكە ئايلىنىدۇ، يىتىمسىرىگەن توغراقلار ئۆز ئەھۋالى ھەققىدە يىغلاپ داتلايدۇ، شور پىشانە ئېشەكلەر ئۆز كۆڭلىدىكى گەپلىرىنى دەپ پۇخادىن چىقىۋالىدۇ... بۇ چۈش ساھىللىرىدا يەنە كىچىك باش قەھرىمانلار قەدىمكى ئەجداتلىرى بىلەن بىللە نورۇز بايرىمىنى ئۆتكۈزىدۇ، كۆك مەشرىپىگە قاتنىشىدۇ، ئىز – دېرەكسىز يوقالغان شىنجاڭ يولۋىسى بىلەن ئۇچرىشىدۇ، چايقىلىپ تۇرغان كۆپكۆك لوپكۆلدە قېيىقلار بىلەن ئايدىڭ سەيلىسى قىلىشىدۇ، كۆنچى دەرياسى بويىدا بېلىقچى بوۋاينىڭ توغراق ياغىچىدىن ئوت چىقىرىۋاتقان كۆرۈنۈشنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرىدۇ، كۈسەنلىك قىزنىڭ يېقىملىق بالىمان ئاۋازىنى ئاڭلايدۇ... دەل مانا مۇشۇ كۆرۈنۈشلەردىن بىز شۇنى ھېس قىلالايمىزكى، قەدىمكى كروران بىزگە يېقىنلا جايدا، ئەنە، ئۆلۈم تىمتاسلىقىغا تولغان سېپىللار نەپەس ئالماقتا، قۇمغا كۆمۈلگەن مەدەنىيەت يەنىلا كەڭ زېمىندا پەرۋاز قىلماقتا.

  چۆچەك ــ گۈزەل پانتازىيە. ئۇنىڭ مەۋقەسى رېئاللىققا قۇرۇلغان بولۇپ، رېئال تۇرمۇش ئاساسىدا ئىنسانىيەتنىڭ گۈزەل ئىنسانىي پەزىلىتى جەھەتتىكى تەسەۋۋۇر ۋە ئارزۇلار بىلەن تولغان. دۇنيا مەدەنىيەت تارىخىدا، ئاندېرسېن چۆچەكلىرى پەۋقۇلئاددە بەدىئىي سېھرىي كۈچى ئارقىلىق دۇنيا مەدەنىيەت مۇنبىرىنى زىلزىلىگە سالغان. بۇ ئۇشبۇ ئۇستازنىڭ 19 – ئەسىرنىڭ بېشىدا دانىيە جەمئىيىتىگە بولغان مۇلاھىزىلىرى ئاساسىدىكى ئەسەرلىرى بولۇپ، پاك ئىنسانىي پەزىلەتكە بولغان ھۆرمەت تۇيغۇسى، شېئىرىي تەبىئىەت ۋە گۈزەل خىياللارغا بولغان قوغداش تۇيغۇسى ھەمدە تەبىئەتكە يېقىنلىشىش تۇيغۇلىرى بىلەن تولغان. شۇ ئارقىلىق كلاسسىك ئۇسلۇب يارىتىلغانلىقتىن، قانچىلىك ئۇزاق ۋاقىت ئۆتسىمۇ، چۆچەك پادىشاھلىقىدا ھېچكىم ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلىگىنى يوق. مېنىڭ پەرھاتنىڭ ئىجادىيىتىنى كلاسسىك ئەسەرلەر بىلەن سېلىشتۇرۇش ئويۇم يوق. چۈنكى، «كرورانلىق بالىلار»نى ھېچقانداق نۇقسانى بولمىغان ئەسەر دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ. نۇرغۇن بابلىرىدىكى ھېكايىلەردە چوڭقۇر قاتلاملىق پەلسەپەۋى پىكىر يەنىلا كەمچىل، سۇژېت بىلەن دېئالوگلار بىرئاز كونا قېلىپتا، پېرسوناژلار خاراكتېرىمۇ سەل تۇتۇق. ئەمما، مەيلى قانداق بولسۇن، ئوقۇرمەنلەر يەنىلا رەڭدار ھېكايە كۆرۈنۈشلىرىگە، ئىنسانىي پەزىلەت ۋە مول تەسەۋۋۇر بىلەن تويۇنغان بەدىئىي قۇرۇلمىغا رام بولماي، ئاپتورنىڭ مىڭلاپ يىللار كۆمۈلۈپ ياتقان قەدىمكى كرورانغا ئۈمىد باغلىغانلىقىدىن تەسىرلەنمەي تۇرالمايدۇ. سەللا كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇغان ئوقۇرمەنلەر بۇ روماننىڭ بىلىم ئارقا كۆرۈنۈشىنىڭ شىنجاڭ ئىكەنلىكىنى، شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئاپتورغا قالتىس ھەم مول تەسەۋۋۇرلارنى ئاتا قىلغانلىقىنى كۆرۈپ ئالالايدۇ. شۇڭا، بىزنىڭ شۇنىڭغا ئىشىنىش ئاساسىمىز باركى، شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ پايانسىز ۋە ئاجايىب سېھىرلىك زېمىندا تەسەۋۋۇرنى يېتىلدۈرگۈچى مەدەنىيەت گېنلىرى ئەزەلدىن كەم بولمىغان، پەقەت مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ رېئال تۇرمۇشىغا قويۇپ، كۆپ مىللەتلىك ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتتىن ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىدىغانلا بولسا، پەرھات ھەمدە تېخىمۇ كۆپ ئاپتورلار چوقۇم تېخىمۇ رەڭدار چۆچەكلەرنى يارىتالايدۇ.

  دەۋر ئۆزگەرگەن، دۇنيا ئۆزگەرگەن بولسىمۇ، لېكىن تۈپكى، ئەڭ تۇراقلىق نەرسىلەر ئۆزگەرگىنى يوق. ئەدەبىياتىمىز، جۈملىدىن چۆچەكلەر جەۋلان قىلدۇرغان ئەشۇ گۈزەل روھ ۋە قىممەت ئۆتمۈش، بۈگۈن ۋە كەلگۈسىنى مەھكەم باغلىغان بولۇپ، مەڭگۈلۈك قىممەتكە ئىگە. دەۋرىمىزگە ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقىنىمۇ دەل مانا مۇشۇ.

  خەنزۇچە «شىنجاڭ ئاخبارات – نەشرىياتچىلىقى» ژۇرنىلىنىڭ 2009 – يىللىق 4 – سانىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر