باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

ئاجايىبات . يەرلىك تۈسكە ئىگە جۇلا . تەشۋىش . ئۆسۈپ يېتىلىش

2014.07.23 11:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «كرورانلىق بالىلار» قىزغىن ھاياجان ۋە مول تەسەۋۋۇرغا تويۇنغان ئۆزگىچە بالىلار رومانى بولۇپ، سېھرىي ھېكايىلەرگە ناھايىتى يېقىن بولسىمۇ، يەنىلا نازۇك پەرقلەرگە ئىگە. روماندىكى ئاجايىب ساياھەت تەسەۋۋۇر ۋە ھاياجاننىڭ ياردىمىدە خۇددى ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان كەلگۈنگە ئوخشاش چەكسىز كېڭىيىپ، بىزگە ئاجايىب سىھىرلىك تۇيغۇلارنى ئاتا قىلىدۇ. بۇ خىل تۇيغۇلارغا سىرلىقلىقمۇ، يېڭىلىقمۇ يوشۇرۇنغان.

  روماندا بىرنەچچە ئۇيغۇر بالىسىنىڭ دانىشمەن قاغىنىڭ ياردىمىدە ئۇزاققا سوزۇلغان ئاجايىب ساياھىتى ھېكايە قىلىنغان. بۇ ساياھەت روماننىڭ ماۋزۇسىدا تىلغا ئېلىنغان «كروران» دائىرىسىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەن، ئەسەر پېرسوناژلىرى خۇاڭشەن تېغىدىن ئېشىپ ھەتتا چەت ئەللەرگىمۇ ئاياغ باسىدۇ. روماننىڭ ئومۇمىي مەزمۇنىدىن قارىغاندا، كروران ھەققىدى ۋەقەلىك ئومۇمىي ۋەقەلىكنىڭ پەقەت ئازغىنە بىر قىسمىدىنلا ئىبارەت. ئەمما، شۇنداقلىقىغا قارىماي، بۇ ئازغىنە ۋەقەلىك بىزنىڭ بۇ سىرلىق قەدىمىي دۆلەتنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلىپ يېتىشىمىزگە يېتەرلىكتۇر. تېخىمۇ مۇھىمى، ئاپتور ئوقۇرمەنلەرنى تېخىمۇ جەلپ قىلىش ئۈچۈن كروران مەلىكىسىنى روماندىكى بالىلار قاتارىغا قوشۇپ، ئۇلار بىلەن بىللە ئاجايىب قىزىقارلىق ساياھەتكە قاتناشتۇرغان. شۇنىڭ بىلەن كروران مەلىكىسى كروران قەدىمكى ئېلىنىڭ سېمۋولىغا ئايلانغان.

  ئاجايىب - غارايىب خىياللار بىلەن تولغان بۇ روماننىڭ سېھرىي پانتازىيىلىك رومانلاردىن ئاز – تولا پەرقىلىنىپ تۇرۇشىدىكى سەۋەب شۇكى، ئاپتور سېھىرگەرلىكنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىمەي، باش قەھرىماننىڭ كۆرگەن – ئاڭلىغانلىرىنى ئەڭ مۇھىم دەپ بىلگەن. روماندا سېھىرگەرلىك پەقەت بىر سەھنە جابدۇقىلىق رولىنىلا ئويناپ، خىيالىي مەنتىقە بىلەن رېئال دۇنيانى ئەقىلگە مۇۋاپىق ھالدا بىرلەشتۈرگەن. بۇ رومان قويۇق مىللىي مەدەنيەتنى ئاساسىي تىرەك قىلغان. بۇ روماننى ئوقۇغاندا، بىز شىنجاڭنىڭ چەكسىز گۈزەل تەبىئىي مەنزىرىلىرىنى كۆرۈش بىلەنلا قالماي، يەنە شۇنىڭغا تۇتۇشۇپ كەتكەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىنمۇ تەسىرلەنمەي تۇرالمايمىز. مەسىلەن، ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، ئەپسانە – رىۋايەتلىرى، تۇرمۇشى، ئۆرپ – ئادىتى، تارىخى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە خاس ئەخلاق – ئېتىكىسى قاتارلىقلار. ئاپتور بىمەنىگە ئوخشاپ كېتىدىغان ئىپادىلەش ئۇسلۇبىنى قوللىنىپ، بەزىبىر بەتبەشىرە ئادەتلەرگە يوشۇرۇنغان نادانلىقلارنىمۇ بالىلارچە كۆز بىلەن كۈزەتكەن.

  روماندىكى باش قەھرىمانلار سېھرىي ئەڭگۈشتەرلەرنىڭ خاسىيىتى بىلەن قالتىس ئىقتىدارغا ئىگە بولۇپ، تەبىئىەتتىكى ھەممە نەرسە بىلەن، مەسىلەن، ھايۋانات، ئۆسۈملۈكلەر بىلەن كەڭ – كۇشادە پىكىرلىشەلەيدىغان بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ ھايۋانات، ئۆسۈملۈكلەر ۋە ئۇلار مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان جۇغراپىيىلىك مۇھىتنىڭ ھەممىسى شىنجاڭدىكى تىپىكلىككە ئىگە بولغان خاس نەرسىلەردۇر. ئاپتور بۇ نەرسىلەرنى بىزگە خۇددى بىر مۇنەۋۋەر ساياھەت يېتەكچىسىدەك زوق – شوقى بىلەن بايان قىلىۋاتقاندا، ئۇنىڭدىكى بۇلاردىن چەكسىز ئىپتىخارلىنىش تۇيغۇسىنى كۆرۈۋالالايمىز. شۇڭلاشقا، بۇ كىتابنى ناھايىتى ئوبرازلىق ساياھەت خەرىتىسى دەپ قاراشقىمۇ بولىدۇ. ئاپتورنىڭ شۈ شياكې(جۇڭگونىڭ مىڭ دەۋرىدىكى داڭلىق سەيياھى، جۇغراپىيەشۇناسى. ئەمەل تۇتۇشتىن ۋاز كېچىپ بىر ئۆمۈر تاغ – دەريالارنى كېزىش ۋە تەتقىق قىلىش بىلەن ئۆتكەن) ۋە ئاندېرسېندىن ئىبارەت ئىككى پېرسۇناژنىمۇ تىرىلدۈرگەنلىكى، ناھايىتى روشەنكى، ئۇنىڭ بۇ كىتابىنىڭ يوشۇرۇن ئەھمىيىتىنىڭ ئىپادىسىدۇر. ئەگەر بىز ئاچقۇچلۇق سۆزلەرنى «ساياھەت»، «چۆچەك» دېگەن ئىككى سۆزگە يىغىنچاقلىساق، ئاپتورنىڭ بۇ ئىككى پېرسوناژنى بالىلار بىلەن ئۇچراشتۇرۇشىدىكى مۇدىئاسىنى ناھايىتى تەبىئىي ھالدا چۈشىنەلەيمىز. ئەلۋەتتە، بۇ كىتابنى يەنە بالىلار ئوقۇيدىغان شىنجاڭنىڭ ئۆرپ – ئادەت، مەدەنىيەت تارىخى دەپ قارىساقمۇ بولىۋېرىدۇ. ئاپتورنىڭ ئويلىغىنىمۇ مانا مۇشۇ.

  ئاپتور بىر شائىر بولغاچقا، بۇ پانتازىيىلىك رومان روشەن ھالدا شېئىرىي مەنە ۋە شېئىرىي ھاياجانغا ئىگە بولغان. كىتابقا كىرگۈزۈلگەن شېئىرلارمۇ لىرىكىلىق تۈسنى قويۇقلاشتۇرغان. ئىنكار قىلىشقا بولمايدىغىنى شۇكى، بۇ شېئىرلار ئەسەردىكى بالىلىق تۇيغۇنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، چىنلىق، يىراق تارىخ تۇيغۇسى ھەمدە پىغانلىق، غەم - ئەندىشە تۇيغۇسىنى قويۇقلاشتۇرغان. بۇلارنى ھەرگىزمۇ بولسىمۇ، بولمىسىمۇ بولىدىغان زىننەت بۇيۇملىرى ئەمەس.

  گەرچە بۇ ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ۋە قىممەتلىك خىيالىي ساياھەت بولۇپ، نەزەر دائىرىمىزنى كېڭەيتىدىغان، ئۇنىڭدىكى بىلىم، مەنزىرە، تارىخ، مىللىي ئۆرپ – ئادەت خاراكتېرلىق مەزمۇنلار بىزگە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدىغان بولسىمۇ، لېكىن ئاپتورنىڭ چوڭقۇر كۈلپەت، غەم – ئەندىشىلىك ئېڭىمۇ كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ. بۇ خىل ئاڭنىڭ قاتلىمى ناھايىتى كەڭ بولۇپ، ئۇنىڭغا ئېكولوگىيىلىك بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراشمۇ، مەدەنىيەتتىكى چىركىنلىكلەرمۇ، ئىنسان تەبىئىتىدىكى رەزىلىكلەرمۇ يوشۇرۇنغان. ئەلۋەتتە، ئىجادىي، ئاكتۇئال پىكىر ۋە ناھايىتى ئۈمىدۋارلىققا تولغان كىشىلىك ھايات پۇزىتسىيىسىمۇ ماۋجۇت. بۇلار بىزگە بۇ دۇنيانى ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن كۈزىتىش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىدۇ. بىز روماننى ئوقۇش جەريانىدا ئۇنىڭدىكى باش قەھرىمانلار بىلەن بىللە ساياھەت قىلىپ، تەڭ ئۆسۈپ يېتىلىمىز. شۈبھىسىزكى، خىيال ۋە سېھىر بىلەن تولغان ئەسەرلەر ھامان ئۆسۈپ يېتىلىش مەزمۇنىنى ئۆزىگە سىڭدۈرگەن بولىدۇ. ئۇنىڭ بالىلارغا بەخىش ئېتىدىغىنى يالغۇز تەسەۋۋۇرلىرىمىزنىڭ قاندۇرۇلۇشى ۋە ئىستېتىك خۇشاللىقلا بولۇپ قالماستىن، بەلكى يەنە بالىلارنىڭ تونۇشىنى ئۆستۈرۈپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ھېسسىياتى، پسىخىكىسى ۋە ئەخلاق – ئېتىكىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى بىر نۆۋەت يۇيۇپ تازىلايدۇ.

  بۇ رومان نۆۋەتتە بىر قەدەر مودا بولۇۋاتقان مەدەنىيەت ئېلىمىنتلىرىنى قوبۇل قىلغان. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئاپتور جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرنىڭ مەشھۇر بالىلار ئەسەرلىرىدىن ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىشقا ماھىر، ئۇنىڭ ئۈستىگە خېلى مول جۇغلاش خىزمىتىنىمۇ ئىشلىگەن. ئەسەر ئەسەبىي جۇشقۇنلۇق بىلەن تولغان بولۇپ، غەربىي قىسىمچە ئۇسلۇب ۋە ئالاھىدىلىك گەۋدىلىنىش بىلەن بىللە، يەنە تەپسىلىي ۋە نازۇك ئىپادىلەش تۈسىگىمۇ ئىگە. مەسىلەن، ئاپتور ھەر بىر باب ئۈستىدە ئىنچىكە ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى ئېلىپ بارغان. بۇ ھەرگىزمۇ بۇ ئەسەرنى مۇكەممەل، قۇسۇرسىز ئەمەس دېگەنلىك ئەمەس. ئەمما، شىنجاڭلىق يەرلىك بىر يازغۇچىنىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە مۇشۇنداق بىر بالىلار رومانىنى يېزىپ چىقالىغىنىڭ ئۆزىنىلا خېلى قالتىس ئىش ھېسابلاشقا بولىدۇ.

  خەنزۇچە «ئەدەبىيات – سەنئەت گېزىتى»نىڭ 2009 – يىل 6

  – ئاينىڭ 20 – كۈنىدىكى سانىدىن

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر