باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

پەرھات ئىلياس بىلەن بىللە سەيلە قىلىش

2014.07.23 11:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا شىنجاڭ ياشلار – ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان كۆپ قىسىملىق بالىلار رومانى «كرورانلىق بالىلار»نى ئوقۇپ يېپيېڭى بىر خىل ھېسسىياتقا چۆمۈلدۈم. ئەللىك ياشقا يېقىنلىشىپ قالغان چېغىمدا مۇشۇنداق بىر روماننى ئوقۇش ئارقىلىق روھىيىتىمنى بالىلىق تۇيغۇلار بىلەن يۇيۇپ پاكلاندۇرغاندەك بولدۇم ھەمدە «كرورانلىق بالىلار» رومانىنىڭ ئاپتورى پەرھات ئىلياسقا ئەگىشىپ تارىم ئويمانلىقىغا جايلاشقان قەدىمىي كرورانغا، جۇڭغار ئويلمانلىقىدىكى شەيتانكەرشكە، يەنە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كۈسەن قەدىمىي شەھىرىگە، دۇنخۇاڭدىكى موگاۋ غارلىرىغا بېرىپ، بىر قېتىملىق كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان ئاجايىب سەيلە – ساياھەتلەرنى قىلدىم.

  پەرھات ئىلياس 2006 – يىلى ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك «شىنجاڭ ياش يازغۇچىلار ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا، 2008 – يىلى مەملىكەتلىك 9 – نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي ئىجادىيەت «تۇلپار مۇكاپاتى»غا ئېرىشكۈچى. ئۇ نۇرغۇن شېئىر، ھېكايە، پوۋېستلارنى ئېلان قىلغان. «كرورانلىق بالىلار» پۈتۈنلەي بالىلارغا خاس بولغان چۆچەكسىمان رومان بولۇپ، بىر ئۇيغۇر ياش يازغۇچىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىجادىيىتىنىڭ يۇقىرى پەللىسىدە ئەقىل – پاراسىتى ۋە زېھنىي كۈچىنى بالىلار ئەدەبىياتىغا سەرپ قىلىشى ئىجادىيەتتىكى بىر قېتىملىق تەۋەككۈلچىلىك، شۇنداقلا ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغانلىق. بۇ كىتابنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغۇچى دىلمۇرات تەلئەت بولسا خەنزۇچە شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ياش ئۇيغۇر شائىرلارنىڭ بىرى. مەن «كرورانلىق بالىلار» ھەققىدە مۇنداق ئۈچ نۇقتا ھەققىدە توختالماقچىمەن:

  بىرىنچى، بۇ رومان ئۇيغۇرلارنىڭ چۆچەكسىمان بالىلار رومانى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىنى ئاساسىي لېنىيە قىلىپ، سەمىمىيلىك، ئاق كۆڭۈللۈك، گۈزەللىك ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىكنى ئاساسىي تېما قىلىپ، غەربىي يۇرتنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق غايەت زور تارىخىي ئۆزگىرىشلىرىنى بەدىئىي ۋەقەلىكلەرگە قىزىقارلىق، تەبىئىي، تولىمۇ جانلىق سىڭدۈرىۋەتكەن. ئۆسمۈر دوستلار بۇ روماننى ئىنتايىن ئەركىن – ئازادە كەيپىياتتا ئوقۇپ تۈگىتىدۇ. ئاپتور شىنجاڭنىڭ رەڭدار تارىخىي مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشلىرىگە ئالاھىدە كۈچەپ، كۆڭۈل قويۇپ ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بارغان. ياش يازغۇچى پەرھات ئىلياسنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت تەربىيىسى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى بۇ بالىلار رومىنىدا خېلى ئەتراپلىق نامايان قىلىنغان.

  ئىككىنچى، پەرھات ئىلياس روماندا ئۆزگىچە خاراكتېرگە ئىگە تۆت ئوبرازنى ياراتقان بولۇپ، ئۇلار دانىشمەن قاغا سوۋغا قىلغان تۆت ئەڭگۈشتەرگە ئېرىشىدۇ. تۈرگۈن «تىلتاش»دىن ئىبارەت ئەڭگۈشتەرگە ئېرىشىدۇ. بۇ تاشنى ھەرقانداق ئادەم ياكى نەرسىگە تەگكۈزسە، شۇ ئادەم ياكى نەرسە بىلەن سۆزلەشكىلى بولىدۇ. تۇيغۇن «نۇقۇت»تىن ئىبارەت ئەڭگۈشتەرگە ئېرىشىدۇ. بۇ ئەڭگۈشتەر ئارقىلىق كۆرۈشنى خىيال قىلغان ھەرقانداق نەرسىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئايچەش «تەپكەك باتۇر»دىن ئىبارەت خاسىيەتلىك ئۆتۈككە ئېرىشىدۇ. بۇ ئەڭگۈشتەر ئارقىلىق بارلىق دۈشمەننى مەغلۇب قىلغىلى بولىدۇ. زۇمرەت ھەرۋاقىت ۋاقىتنىڭ ئايلىنىشىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدىغان «خاسىيەتلىك سائەت»كە ئېرىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئون ياشلار ئەتراپىدىكى بۇ تۆت بالا ئۆردەك بوۋىسى(سۋېن ھىدىنغا يول باشلىغۇچى)نىڭ قەبرىسىگە تاۋاپ قىلىپ بولغاندىن كېيىن، دانىشمەن قاغىغا ئەگىشىپ بىر قېتىملىق ئاجايىب قىزىقارلىق ساياھەتنى باشلىۋېتىدۇ. سەمىمىي، ئاق كۆڭۈل، باتۇر، چېچەن تۆت ئۇيغۇر ئۆسمۈر كروران ئېلىگە كېلىپ كروران مەلىكىسى ئايچەچەكنى قۇتقۇزۇپ قالىدۇ. ئاندىن ئۇلار نەچچە مىڭ يىللار ئىلگىرىكى كروران قەدىمىي شەھىرىگە بارىدۇ. بۇ بەش بالا كروراندىن يولغا چىقىپ، قەدىمدىن بۈگۈنگىچە، جۇڭگودىن چەت ئەللەرگىچە بولغان نۇرغۇن جايلارغا بېرىپ، بىر قېتىملىق تولىمۇ ئۆزگىچە بولغان تارىخىي مەدەنىيەت ساياھىتىنى باشلاپ، كۈچلۈك ۋە چوڭقۇر ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسىگە ئىگە بولىدۇ. بۇ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى ناھايىتى قىزىقارلىق، خۇشال – خورام كەيپىياتتا ئېلىپ بېرىلىدۇ. شۇڭا، «كرورانلىق بالىلار» رومانىنى شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشتا ئومۇملاشتۇرۇشقا تېگىشلىك ياخشى ئوقۇشلۇق دېيىشكە بولىسۇ. كىتابنىڭ خەنزۇچە نۇسخسى ئىككى قىسىم، 41 بابتىن تۈزۈلگەن، ھەر بىر بابتا كىشىنى جەلب قىلىدىغان بالىلار ھېكايىلىرى بايان قىلىنغان بولۇپ، قىزىقارلىق تارىخىي مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشلىرى ھېكايە ۋەقەلىكىگە تولىمۇ تەبىئىي، جانلىق سىڭدۈرۈۋېتىلگەن، شۇڭا بالىلار بۇ روماننى ئوقۇغاندا ئاجايىب خۇشال – خورام كەيپىياتقا چۆمىدۇ.

  ئۈچىنچى، روماننىڭ ئاساسىي ۋەقەلىكى شىنجاڭنىڭ چوڭقۇر تارىخىي مەدەنىيەت قاتلىمىدىن كەلگەن بولۇپ، ئاپتور ئىجادىيەت داۋامىدا ئۆزى بەش قولدەك پىششىق بىلىدىغان بۇ تارىخ، مەدەنىيەت ئېلىمىنتلىرىنى ۋە بەلگىلەرنى ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق ۋە ئىنچىكىلىك بىلەن ئورۇنلاشتۇرغان. مەيلى كروران قەدىمىي شەھىرىدە، لوپكۆلدە، مەھمۇد كاشغەرىي ياشىغان ئوپالدا بولسۇن ياكى نىيە قەدىمىي شەھىرى، دۇنخۇاڭ موگاۋ غارى، ئاييورۇق قەدىمىي شەھىرى، تۇرپاندىكى كارىزدا بولسۇن، ئاپتور بۇ تارىخىي مەدەنىيەت ئېلىمىنتلىرىنى بەدىئىي تۈسى قويۇق چۆچەكسىمان ۋەقەلىكلەرگە سېڭدۈرىۋەتكەن. بۇ ئاددىي ئىش ئەمەس، بۇنى ئالاھىدە قەدىرلەشكە ئەرزىيدۇ.

  رومان يېزىقچىلىق ئۇسلۇبى جەھەتتە ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدىبلىرىنىڭ تارىخىي نۇقتىئىنەزەرلىرىگە ۋارىسلىق قىلغان. پۈتۈن كىتاب ئۇيغۇرلارنىڭ سەۋەب – نەتىجىلىك قىسمەت قارىشىدىن ئىبارەت پەلسەپە قاراشلىرى بىلەن تويۇنغان. ھەر بىر ۋەقەلىك بىر خىل ھايات پەلسەپەسىنى ئىپادىلىگەن بولۇپ، ئوقۇرمەنلەرنى ياخشىلىق قىلىشقا، ئادالەت يولىدا پىداكارانە بولۇشقا دەۋەت قىلغان. تەرجىمان دىلمۇرات تەلئەت يازغۇچىنىڭ تىل ئۇسلۇبىنى ياخشى ئىگىلىگەن، مەن بۇ يەردە بۇنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇ، دەپ قارايمەن.

  «كرورانلىق بالىلار» ئۇيغۇرلارنىڭ ئىزدىنىش خاراكتېرلىك چۆچەكسىمان بالىلار رومانى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭدا بىر قىسىم يېتەرسىزلىكلەرمۇ يوق ئەمەس، ئەلۋەتتە. بۇ بەلكىم ئاپتورنىڭ يېزىقچىلىقتا كەتكۈزۈپ قويغان تەرەپلىرى بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن باشقا، رومان ۋەقەلىكىدە بىر قىسىم جايلاردا رەڭدارلىققا تازا دېگەندەك ئەھمىيەت بېرىلمىگەندەك تۇرىدۇ، بۇنى ئاپتورنىڭ ئىزدىنىش جەريانىدا ھەل قىلىپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

  خەنزۇچە «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 2009 – يىلى 6 – ئاينىڭ 25 – كۈنىدىكى سانىدىن ئادىل ئىمىن تەرجىمە قىلدى.

  شىنجاڭلىق ياش ئۇيغۇر يازغۇچى پەرھاتنىڭ بۇ كىتاۋىنى ئوقۇپ تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم. بۇ روماندا نۇرغۇن قىزىقارلىق ئىشلار بىلەن تۆت پېرسۇناژنىڭ بالىلىق ھەۋەسلىرى، ئاق كۆڭۈللۈكى ھەمدە زېرەكلىكى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىلگەن.

  بۇ ۋەقەلىكلەر جۇڭگو شىنجاڭدىكى قەدىمىي كىروران ئېلىدە يۈز بەرگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا تولىمۇ ئېسىل ھېكايىلەر سۆزلەنگەن. بۇ ھېكايىلەردە تارىخ بىلەن رېئاللىق يۇغۇرۇۋېتىلگەن. بولۇپمۇ بۇ ھېكايىلەر ئەقىل – پاراسەت بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ، تارىخ، مەدەنىيەت، مىللەت ھەققىدىكى مەزمۇنلار ئىپادىلەنگەن.

  بۇ روماندىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر نۇقتا شۇكى، ئۇنىڭدا چىنلىق، ئالىيجانابلىق، ئېسىل پەزىلەتلەر تولىمۇ قىزىقارلىق چۆچەكسىمان ھېكايىلەرگە يۇغۇرۇلغان بولۇپ، بالىلار بۇ روماننى ئوقۇش جەريانىدا بىلىپ – بىلمەيلا نۇرغۇن تەربىيىگە ئىگە بولالايدۇ. ئۇنىڭ بۇ خىل يېزىش ئۇسلۇبىنى بۈگۈنكى كۈندە تولىمۇ ئۇتۇقلۇق چىققان بىر خىل تەجرىبە ئۇسۇلى دېيىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭ بۇ روماىندا مەدەنىيەت، تارىخ تۈسى قويۇق بولۇپلا قالماي، يەنە ئاپتورنىڭ تەسەۋۋۇر كۈچىمۇ بىزنى ھەيران قالدۇرىدۇ.

  مەن بۇ كىتابنى بىر كۈندىن ئارۇتقراق ۋاقىتتا ئوقۇپ بولدۇم. پۈتكۈل ھېكايىلەرنىڭ باش – ئاخىرى ماڭا ئايان.

  مەن ئىلگىرى بۇ ئەسەرگە ئوبزۇر يازغان. ئوبزور يېزىش جەريانىدا شۇنى ھېس قىلىدىمكى، ئەمەلىيەتتە ئاپتور بۇ رومانىنى يېزىشتا ئەسەر قۇرۇلمىسىغا ناھايىتى كۆپ كۈچ سەرپ قىلغان. گۆدەك بىر بالىنىڭ نەزەرى بىلەن بالىلار قەلبىدىكى گۈزەللىك تۇيغۇسى، ئاق كۆڭۈللۈك، ئەقىل – پاراسەتلەرنى قايتا نامايەن قىلىپ بەرگەن. شۇڭا، بۇ روماننى كىچىك بالىلارلا ئەمەس، چوڭلار ئوقۇسىمۇ ناھايىتى قىزىقارلىق ھېس قىلىدۇ.

  (لى دۇڭخەي: خەنزۇچە «غەربىي دىيار» ئەدەبىي ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى، ئوبزورچى)

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر