باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

كلاسسىك شېئىرىيەت ۋە «مۇقام»

پەرھات ئىلياس

2014.07.22 16:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەدەبىيات – سەنئەتتىكى ھەر قايسى ژانىر – تۈرلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز ئارا تەسىرلىشىش ۋە ئۆتۈشۈش بۇرۇندىنلا مەۋجۇت ھادىسە. غەرب ئەدەبىيات – سەنئەت تارىخىنى ۋاراقلاپ كۆرىدىغان بولساق، نۇرغۇن ئېقىملار ئەدەبىيات بىلەن سەنئەتنىڭ ھەرقايسى تۈرلىرى ئارىسىدا ئۆتۈشۈشلەر بولۇپ تۇرغان. مەسىلەن، ھالقىما رېئالىزم ئەڭ دەسلەپ رەسساملىق ساھەسىدە مەيدانغا كېلىپ، ئاندىن ئەدەبىي ئىجادىيەتكە كىرىپ كەلگەن. شۇڭا، ئوخشاش بىر ئېقىمدىكى رەسساملار ياكى شائىر – يازغۇچىلارنىڭ ئالدىنقىلىرى رەڭ – سىزىقلار ئارقىلىق، كېيىنكىلىرى يېزىق ئارقىلىق ئىجادىيەت ئېلىپ بارسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئىستىتىك قارىشى ۋە ئىپادىلەش مېتودى ئاساسەن يېقىنلىشىدۇ. ئۇندىن باشقا مۇزىكىنىڭمۇ يازغۇچىلار ئىجادىيىتىگە نۇرغۇن تەسىرلەرنى كۆرسەتكەنلىكىگە مىساللار بار. مەسىلەن، گارسىيە ماركوزنىڭ «ئائىلە باشلىقىنىڭ ئاخىرقى كۈنى» ناملىق ئەسىرى نەشر قىلىنغاندىن كېيىن ئىككى مۇزىكانت ئۇنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، بۇ ئەسەرنىڭ قۇرۇلمىسىنىڭ ۋېنگىرىيىلىك مۇزىكانت بېرا بارتونىڭ بىر مۇزىكىسىنىڭ قۇرۇلمىسىغا ئەينەن ئوخشايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن. ئەمەلىيەتتىمۇ گارسىيە ماركوز بۇ ئەسىرىنى يېزىۋاتقاندا ھەقىقەتەن شۇ مۇزىكىنى پات – پات ئاڭلاپ تۇرغان. بىزدە ئەدەبىي ئىجادىيىتىمىز بىلەن رەسسامچىلىقىمىز، ناخشا – مۇزىكىلىرىمىزنىڭ بىر – بىرىگە زادى قانداق تەسىرلەرنى كۆرسىتىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى تەتقىقاتقا ئەھمىيەت بېرىلمەي كەلدى . مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ پروزا ئىجادىيىتىگە ئىلى چاخچاقلىرىدىن باشقا يەنە ئىلى خەلق ناخشىلىرى تەسىر كۆرسەتتىمۇ يوق؟ ئۇ دائىم ئاڭلايدىغان قايسى ناخشا ئۇنىڭ قايسى ئەسىرىدە ئۆز ئەكسىنى تاپتى؟ داڭلىق پىئانىنۇچى چارلېسنىڭ لەرزان مۇزىكىلىرى بىلەن ئەركىن نۇر نەسرلىرىنىڭ رىتىم تۇيغۇسىدا ئوخشاشلىق بارمۇ قانداق؟ خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، ئۇيغۇر كلاسسىك شېئىرىيىتىنىڭمۇ غازى ئەھمەد ئاكىنىڭ «مۇقام» ناملىق رەسىمىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ھەققىدە ئىزدىنىپ كۆرۈشكە تامامەن بولىدۇ.

  «مۇقام»نى غازى ئەمەت رەسىم ئىجادىيىتىنىڭ يۇقىرى پەللىسى دېيىشكە بولىدۇ. بۇ رەسىمنى كۆرگەن ھەرقانداق بىر كۆرۈرمەن ئۇنىڭدىكى رەڭلەر جۇلاسى، ئۆزگىچە خاراكتېرلىنىپ تۇرىدىغان پېرسوناژلار ئوبرازى، دراماتىك توقۇنۇشلارغا تولغان پىسىخىكىلىق كەچۈرمىشلىرىدىن يۈرىكى لەرزىگە كەلمەي قالمايدۇ. يىراقتىن قاراشتا بۇ رەسىم بىزگە مۇقام ئەۋجىدە مەستخۇش بولغان ھەيۋەتلىك سورۇن ئەھلىنى ئەسلىتىدۇ. ئەمدى بىز بۇ سورۇنغا ئىچكىرىلەپ كىرىپ باقايلى.

  پۈتكۈل رەسىمدە بىزگە ئەڭ ئاۋۋال چېلىقىدىغىنى ھەمدە رەسساممۇ يۈكسەك بەدىئىي زىللىق بىلەن ياراتقان يارقىن ئوبراز – ساتارچى بوۋايدۇر. بوۋاينىڭ ئۆسكىلەڭ قاشلىرى ۋە قار توزانلىرىدەك توزغۇپ تۇرغان ئاپئاق ساقاللىرى ئۇنىڭغا پەرىشتە سىياق سالاپەت ئاتا قىلسا، يېرىم يۇمۇق كۆزلىرىدىن بالقىپ تۇرغان مۇڭ – ھەسرەت، سۈر - ھەيۋە ۋە ئەجدادلاردىن قالغان ئۇدۇمنى روھىي تىرەك قىلىپ ياشاپ كەلگەن سەنئەتكارلارغا خاس پەخىرلىنىش تۇيغۇسى تەبىئىي يوسۇندا ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمەت تۇيغۇمىزنى ئۇرغۇتماي قويمايدۇ. پۈتكۈل رەسىمدە قاپارتما نەقىشتەك ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدىغان بۇ مەركىزىي تىپتا ھەم مۇبالىغە، ھەم بىر خىل سېمۋوللۇق تۈس بار. ئۇ پۈتكۈل رەسىمدە بارلىق سازەندىلەرنى باشلاپ كېتىۋاتقان سەركەسىياقتا كۆرۈنسە، مۇقام مەدەنىيىتىمىزدە تالايلىغان شاگىرتلارنى يېتىشتۈرگەن ئاتاقلىق مۇقامچى تۇرداخۇن ئاكا كەبى پېشۋالارنىڭ تىمسالى قىلىنغان. رەسسام بۇ تىپنى يارىتىشتا بوۋاينىڭ چىراي ئىپادىسىدىن ئۇنىڭ روھىيىتىدىكى تېرەنلىكنى چىقىرىشقا ئالاھىدە كۈچىگەن. ئەپچىللىك بىلەن سىزىلغان ئاپپاق، ئۆسكىلەڭ قاشلار ئارىسىدىن بىزگە قاراپ تۇرغان بىر جۈپ كۆزلەردىن بىلىۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ بوۋاي ھەرگىزمۇ تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە باشقىلار نېمىنى چېلىپ بەر دېسە چالىۋېرىدىغان ياكى ساز چېلىش، مۇقام توۋلاشتىن باشقىغا كۆڭۈل بۆلمەيدىغان ئاۋارە سازەندىلەردىن ئەمەس، بەلكى بېشىدىن تالاي ئىسسىق – سوغۇقلارنى ئۆتكۈزگەن، تۇرمۇشتا نې – نې دېشۋارچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ زادىلا بويۇن ئېگىپ باقمىغان، مۇقامنى چىن مەنىسى بىلەن ھەقىقىي چۈشىنىدىغان ھەم ئۇنىڭغا ئىخلاسى ھەممىدىن غالىس بىر سەنئەتكار. بىز بوۋايدىن نەزىرىمىزنى يۆتكەپ باشقا ئوبرازلارغا بىر – بىرلەپ قاراپ چىقىدىغان بولساق، رەسسامنىڭ ئوبراز يارىتىشتىكى ماھارىتىگە قايىل بولماي تۇرالمايمىز. بوۋاينىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى قوشۇقچىنىمۇ ناھايىتى مۇۋەپپىقىيەتلىك يارىتىلغان تىپلارنىڭ بىرسى دېيىشكە بولىدۇ. يۇمۇلغان كۆزلىرى، تۈرۈلگەن قوشۇمىسى ۋە كىرىشكەن كالپۇكلىرىدىن ئۇنىڭ مۇقام كەيپىنى ھەقىقىي سۈرەلەيدىغان «مۇقام ئاشىقى» ئىكەنلىكى يۇقىرى بەدىئىي ماھارەت بىلەن ئىپادىلەنگەن بولسا، كۈي رېتىمىگە ماس ھالدا قوشۇق چېلىپ ئويناۋاتقان قوللىرىدىن قوشۇق چېلىشقا نەقەدەر ماھىر ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس...

  ئومۇمەن بۇ رەسىمدىكى ھەر بىر ئوبرازدا ئۆزىگە خاسلىق بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ساتارچى بوۋاينىڭ ئوبرازىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈشتە تېگىشلىك رول ئوينىغان. رەسىمدىكى ئىنچىكىلىك بىلەن يارتىلغان ھەر بىر ئوبراز، رەڭلەر ئارىسىدىكى ئۆتۈشمە گۈزەللىك ھەمدە ھەر بىر پېرسۇناژنىڭ بىر – بىرىگە ھېچبىر يوچۇقسىز جىپسىلىشىپ بىر پۈتۈن ئەسەر كومپوزىتسىيىسىنى ھاسىل قىلىشى كالسسىكلىرىمىزنىڭ ئارۇز ۋەزنىدە يېزىلغان شېئىرلىرىنى ئەسلەتمەي تۇرالمايدۇ.

  تىرە ھىجىر ئەييامىدا بىلمەيمەن جانان قايدادۇر،

  كېچىنى بىلسۇن كىشى، خۇرشىد رەخشان قايدادۇر.

  ئى كى دەرسەن يار يەتكەچ، باشىغا جان قىل پىدا،

  ئى پىدا جانىم ساڭا دەي، كىم ماڭا جان قايدادۇر.

  قايدادۇركىم يوقتۇرۇر، كۆكسۈمنى چاك ئەت، تېخى كۆر،

  دېمە جانان كىم ئىچىندە داغى پىنھان قايدادۇر.

  ئى نەۋائى دېمەكىم يوق گۈلدە دىدارىمچە ھۆسىن،

  سۆزلە كىم بۇلبۇلدا تېخى سەنچە ئەپغان قايدادۇر.

  بۇ شېئىردىكى بىر سۆزمۇ ئارتۇق ئەمەس، پۈتكۈل شېئىرىي رېتىم ئاروز ۋەزنىدىكى كۈچلۈك تۇراق، ۋەزىنلەرنىڭ باشقۇرۇشىدا ئاجايىب رەڭدارلىققا ئىگە بولغان. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، بۇ رەسىمدىكى رەڭلەرمۇ ئۇنىڭدىكى پېرسۇناژلارنىڭ مىجەز – خاراكتېرى ھەم مۇقام راسا ئەۋجىگە چىققاندىلا پەيدا بولىدىغان قىزغىنلىققا يارىشا ئىسسىق رەڭلەر شېئىرىي رېتىمغا تەققاسلانغان ئۆتۈشمە ماسلىققا ئىگە قىلىنغان. ئۇندىن باشقا، پۈتكۈل رەسىمنىڭ كومپۇزىتسىيىسى ساتارچى بوۋاينى چۆرىدىگەن ھالدا بىر خىل بەدىئىي مۇۋازىنەت ھاسىل قىلغان. ساتارچى بوۋانىڭ ئالدىدىكى قوشۇقچى بىلەن تاشچى، ساپايچى بىلەن سول ياندىكى(بوۋاينىڭ ئولتۇرۇش ھالىتى بويىچە) راۋاپچى، ئوڭ يېنىدىكى داپچى ۋە غىجەكچى بىلەن سول يېنىدىكى قالۇنچى ۋە راۋابچى بىزگە يۇقارقى شېئىردىكى قاپىيە ۋە رادىف «قايدادۇر»نىڭ تەكرار ماسلىق مۇناسىۋىتىنى ئەسلەتسە، بوۋاينىڭ ئارقىسىدىكى يەنە بىر رەت سازەندىلەرنىڭ تىزىلىشى بۇ ماسلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىش رولىنى ئۆتىگەن. سول تەرەپتىكى ئازادە ئولتۇرۇپ راۋاب، باس غىجەك چېلىۋاتقان ئۈچەيلەن بىلەن ئوڭ تەرەپتىكى قىستىلىشىپ ئولتۇرغان خۇشتارچى، چاڭچى، دۇتارچى، تەمبۈرچى تۆتەيلەنمۇ ساتارچى بوۋايدىن ئىبارەت «رادىف»نىڭ پۈتكۈل رەسىمدىكى ئاھاڭدارلىق تۈسىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش مەقسىتىدە تەڭپۇڭ ھالەتتە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئەمدى ئۇنىڭ كەينىدىكى يەنە بىر سەپ چالغۇچىلارغا قاراپ باقايلى. ئوڭ تەرەپتىكى سۇنايچى بىلەن سول تەرەپتىكى نەيچى، ئوڭ تەرەپتىكى ناغرىچى بىلەن سول تەرەپتىكى داپچى، ئوڭ تەرەپتىكى شاپاق دوپپىلىق سۇنايچى بىلەن ئوڭ تەرەپتىكى بالىمانچى يىگىت، ئوڭ تەرەپتىكى ناغرىچى بىلەن سول تەرەپتىكى داپنى ئۆرلىتىپ مەجنۇنلارچە چېلىۋاتقان داپچى... مانا بۇلارنىڭ ھەممىسىلا يەنە ئاشۇ ساتارچى بوۋاينى سېمىترىك ئوق قىلىپ ئارۇز ۋەزىنلىك شېئىرلارنىڭ بىر – بىرىدىن ئايرىش مۇمكىن بولمىغان مىسرالىرىدەك ئۆزئار بىرى – بىرىنى تولۇقلاش، كۈچەيتىش رولىدا كەلگەن. شۇڭا، بۇ رەسىمدىكى مەزمۇن ۋە مۇھىتنى شېئىر ئارقىلىق ئىپادىلەشكە توغرا كەلسە، چاچما شېئىر، بارماق ۋەزىنلىك شېئىرلاردىن كۆرە، ئارۇز ۋەزىنلىك شېئىر شەكلىنى قوللانسا ئەڭ مۇۋاپىق دەپ قارايمەن.

  ئەمدى بۇ خىل ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن رەسسامنىڭ ئۇيغۇر كلاسسىك شېئىرىيىتىدە تەربىيىلىنىش ئەھۋالىنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە قىياس قىلىپ باقايلى. رەسسامنىڭ «ھاياتىمدىكى ئۆچمەس سۈرەتلەر» ناملىق زور ھەجىملىك ئەسلىمىسىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۇ كىچىكىدە دىنىي مەكتەپتە ئوقۇش بىلەن بىللە نەۋائى، ھۇۋەيدا قاتارلىقلارنىڭ نۇرغۇن شېئىرلىرىنى يادلىغان ھەم كېيىنچە ئارۇز ۋەزنىدە شېئىرمۇ يېزىپ باققان. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە رەسسامنىڭ بۇ رەسىمنى سىزىش جەريانىدا مۇقام تېكىستلىرىنى كۆپ ئوقۇغانلىقى ھەمدە مۇقام ئاھاڭلىرىنى ناھايىتى كۆپ ئاڭلاپ بەرگەنلىكىمۇ تۇرغان گەپ. مانا بۇ ئامىللار ئۇنىڭ كاللىسىغا ئورنىشىپ بۇ رەسىمىنىڭ كومپوزىتسىيىسىگە تەسىر كۆرسەتكەن دېگەن قاراشتىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر