- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
«مۇقام» ۋە غازى ئەھمەد
پەرھات ئىلياس
2014.07.22 16:09 مەنبە: خەلق تورى
«تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن ئاتاقلىق رەسسام غازى ئەمەت ئاكىنىڭ رەسىملىرى ھەققىدە ماقالە يېزىش ئويىغا كەلگەن بولساممۇ، ئەمما نېمىنى يېزىشنى بىلمىدىم. بۇ پېشۋانىڭ شەكىل يارىتىش ماھارىتى ۋە رەسىملىرىدە يارىتىلغان ئوبرازلارغا قايىللىقىم زور بولسىمۇ، لېكىن رەسساملىق ھەمدە غازى ئەمەت ئاكا رەسىم ئىجادىيىتىگە بولغان چۈشەنچەم بەكمۇ يۈزە ئىدى. شۇڭا، ئالدى بىلەن غازى ئەمەت ئاكا ۋە ئۇنىڭ رەسىملىرى ھەققىدە يېزىلغان ماقالىلەرنى تېپىپ بىر قۇر ئوقۇپ چىقاي دېگەن ئويغا كەلدىم. غازى ئەمەت ئاكىنىڭ رەسىملەر توپلىمى ھەمدە ئۇنىڭ رەسىم ئىجادىيىتى ھەققىدە يېزىلغان بىرمۇنچە ماقالىلەرنى ئوقۇپ بىرەر كۈنچە تەرييارلىق قىلغاندىن كېيىن غازى ئەمەت ئاكىغا تېلېفون قىلدىم. سالام – سەئەتتىن كېيىن مەقسىتىمنى ئېيتقانىدىم، ئۇ دەسلەپ ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى، ئىشلىرىنىڭمۇ بەك ئالدىراش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. شۇنداق بولسىمۇ بىز خېلى ئۇزاق پاراڭلىشىپ قالدۇق. ئۇ رەسساملىق ھەققىدە ئۆزىنىڭ بەزى قاراشلىرىنى سۆزلەپ بەردى. پاراڭ ئارىلىقىدا غازىكامدىن مونۇ سوئالنى سورىدىم:
- گولاندىيەلىك رەسسام ۋانگوك ئۆز رەسىملىرىدە سېرىق رەڭ ئارقىلىق ھاياتقا بولغان ئۈمىدۋارلىقىنى ئىپادىلىگەنىكەن. سىزنىڭمۇ ئۆز ئىدىيىڭىزنى ئىپادىلەشتە سېمۋول خاراكتېرلىك تاللىۋالغان رېڭىڭىز بارمۇ؟ غازىكام بىردەم تۇرۇۋالغاندىن كېيىن ئېغىر – بېسىقلىق بىلەن جاۋاب بېرىشكە باشلىدى:
- سىز ئېيتقان ۋانگوك تەسىراتچىلىق ئېقىمىدىكى رەسسام، ئۇ تەبىئىەتتىكى رەڭلەر نوقۇل بىر خىللا بولمايدۇ، مۇھىتنىڭ تەسىرى بىلەن بىزگە ھەر خىل بولۇپ كۆرۈنىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئۇ سېرىق رەڭدىن باشقا يەنە كۆك رەڭنىمۇ كۆپ ئىشلەتكەن. ئەمما، مەن ئۆزۈمنى بىر رېئالىست رەسسام دەپ قارايمەن، ياۋروپانىڭ، بولۇپمۇ روسىيىلىك رېپىن قاتارلىقلارنىڭ يولىنى تۇتقانمەن. ئادەتتە رەڭ نۇر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ، ئەتىگەندە سوغۇقراق كۆرۈنسە، كەچتىكى شەپەقتە ئىسسىق كۆرۈنىدۇ. ھاۋا ئوچۇق، ھاۋا تۇتۇق مەزگىللەردىكى رەڭلەرمۇ يەنە مۇھىتقا قاراپ پەرىقلىق بولىدۇ. يەنى رەڭ سىزماقچى بولغان ئوبيېكت ياكى مەزمۇنغا قاراپ پەرىقلىق بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا تاللىنىلىدىغان رەڭ يەنە شۇ رەسسامنىڭ مىجەز – خاراكتېرى ۋە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتىنىڭ مۇھىتى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام، مەن قەشقەردە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان. قەشقەرنىڭ ھاۋارايى قۇرغاق، تۇپرىقى كۆپىنچە سېغىز تۇپراق، يەنە قۇممۇ بار. مەن ئاشۇنداق جايدا چوڭ بولغاچقا، ئاشۇ تۇپراقنىڭ رەڭگى، يەنى ئىسسىق رەڭگە بەكرەك مايىلمەن. ئەمما، «قاناس» قاتارلىق رەسىملىرىمدە سوغۇق رەڭنى كۆپرەك ئىشلەتكەن...
غازىكام ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ «ھاياتىمدىكى ئۆچمەس سۈرەتلەر» ناملىق ئەسلىمىسىنى پات ئارىدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ نەشر قىلىدىغانلىقىنى، ئىمكان بولسا ئاشۇ كىتابنىڭ ئورگېنالىنى بىر ئوقۇپ چىقىشىمنى تەۋسىيە قىلدى. كىتابنى ئوقۇپ بولۇپ، رەسسامىمىزنىڭ مول تۇرمۇش بىلىملىرى ھەم خەلق تىلىغا يېقىن بولغان بايان تىلىغا قاراپ، ئۇنى بۇ جەھەتتە داۋاملىق ئىزدەنگەن بولسا زامانىمىزدىكى تەسىرى بار يازغۇچىلىرىمىزدىن بىرى بولۇپ قالاتتىكەن، دېگەن تونۇشقا كەلگەن بولسام، ئۇنىڭ كلاسسىك شېئىرىيىتىمىزدىن ئەلىشىر نەۋائى قاتارلىقلارنىڭ نۇرغۇن شېئىرلىرىنى يادقا بىلىشى ھەمدە ئەينى مەزگىلدە يازغان »شىكايەت« ناملىق ساتىرىك شېئىرىدىكى پىشقان تىل ۋە ۋەزىن - تۇراقلارنى دەڭسەپ كۆرۈپ، ئۇنىڭدا ئارۇز ۋەزنىدە شېئىر يازالىغۇدەك قۇۋۋەتنىڭ بارلىقىنىمۇ مۆلچەرلىدىم. ئۇنىڭدىن باشقا، رەسسامىمىزنىڭ ئۇيغۇر فولكلورىمىزنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىغا شۇنچىۋالا تونۇشلۇق ئىكەنلىكىمۇ مېنى ھەيران قالدۇردى. ئەمما، ئۇ بۇ ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ ھەممىسىنى رەسىم ئىجادىيىتىگىلا بېغىشلاپتۇ. بۇ ئەلۋەتتە ئۇنىڭ رەسىملىرىدە سىڭىپ كەتكەن روھىي تىندۇرمىلارنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىنى قىدىرىپ كۆرۈش ھەم ئۆز ئىستىتىك ئەركىنلىكىم بويىچە بەھىرلىنىشىمگە ئاچقۇچ بولالايتتى. ئەمەلىيەتتە مېنىڭ مەقسىتىممۇ رەسساملىققا ئائىت نەزەرىيىيىۋى يۈكسەكلىكتە ئەمەس بەلكى ئاددىي بىر قەلەم ئىگىسىنىڭ نەزەرى بىلەن ئۇنىڭ رەسىملىرىگە يوشۇرۇنغان ئىدىيە ۋە تۇيغۇلاردىن ئاخىرقى ھېسابتا رەسسامنىڭ قەلبىگە يوشۇرۇنغان بەزى سىرلارنى قىياس قىلىپ بېقىش ئىدى. مەن غازى ئەمەت ئاكا رەسىملىرىنى قايتا – قايتا كۆرۈش ۋە سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئاخىر بارلىق ئويلىغانلىرىمنى ئۇنىڭ «ئۇيغۇر 12 مۇقامى»نى دۇنياغا تونۇشتۇشتا ئالاھىدە رول ئوينىغان ھەم ئەڭ ۋەكىللىك ئەسىرى ھېسابلانغان «مۇقام»غا مۇجەسسەملەشنى لايىق تاپتىم.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر