باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

كروراندىن چىقتۇق، كرورانغا قايتىمىز

پەرھات ئىلياسنىڭ «كرورانلىق بالىلار» نامىلىق رومانى توغرىسىدا

2014.07.21 11:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۇرسۇنجان ھېبىبىللا

  (1)

  تالاي ئەسىرلىك تارىخىي مۇساپىلەر جەرىيانىدا ۋاقىت قۇملىقىغا قانچە چوڭقۇر چۆككەنسىرى ئىلىم ساھەسىدە مەدەنىيەت كېملىكى، جۇغراپىيىلىك دائىرسى مۇقىملىشىۋاتقان كروران ھەققىدىكى چۈشەنچىلەر بارا-بارا مۇكەممەللىشىپ باردى. ئىلگىركى كرورەن ھەققىدە گۈزەل رىۋايەتلەرنى توقۇپ، ئۇزاققا سوزۇلغان زىرىكەرلىك ھايات مۇئەممالىرىغا تەسەللىي ئىزدەپ ياشاپ كەلگەن كرورانلىقلارنىڭ بۈگۈنكى مەدەنىي دۇنيادا ياشاۋاتقان ئەۋلادلىرى، «يېڭى ئەسىر» نىڭ بوسۇغىسىغا كەلگەندە ئۆزى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىشقا دۈچ كەلدى. ئۇلار يېڭى ئەسىر ھارپىسىدا نەشىر قىلىنغان رۇس شەرقشۇناسى نىكولاي پرژىۋالىسكىينىڭ «لوپنۇرغا سەپەر»، فرانسىيىلىك گابرىل بونۋلوتنىڭ «ئادەمسىز جەزىرىنى كېسىپ ئۆتۈش»، شېۋىتسىيىلىك سىۋېن ھېدىننىڭ «كۆچمە كۆل» قاتارلىق ئەسەرلىرىدىن دۇنيا تەرىپىدىن ئۇنتۇپ كېتىلگەن ئۆتمۈشىنىڭ تارىخچىلار، ئارخولۇگلار، سىياسىئۇنلار ۋە ئىكىسپىدىيچىلەرنىڭ ئەگمەچ قوللىرىدا قايتىدىن ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ مەھەللىك ھاياجانغىمۇ چۆمگەن بولدى. گەرچە بۇ ھاياجاننىڭ زۇۋۇلىسى نۇرغۇن يوقىتىشلارنى ئۆزىگە بەدەل قىلغان بولسىمۇ، ئۇزاق مۇددەت بىراۋ تەرىپىدىن «بېشى سىيلىنىپ» كۆنۈپ قالغان يېتىم بالىنىڭ، تۇيۇقسىز ئۆزىنىڭ بېشىغا ئۆزى ئىگە بولغۇسى كېلىپ قالغاندەك بىر تۇيغۇ بىلەن ئوخشىمايدىغان ئۆزگىچە بىر ھاياجان ئىدى.

  دەرۋەقە، 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن 20- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى كروران خاربىسىنى مەركەز قىلغان ئىكىسپىدىيىلىك تەكشۈرۈشلەر، نۇرغۇن ياۋرۇپالىقلارغا ئىلمىي ئاتاقلارنى تەقدىم ئەتكەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ قالدۇرۇپ ئۆتكەن خاتىرىلىرى كروران ۋادىسىدا ياشاۋاتقان بۈگۈنكى خەلىققە نىسبەتەن ھەسرەتلىك، ئاچچىق يالداما سۈپىتىدە 21- ھارپىسىدىكى غەم-ئەندىشىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتكەن ئىدى. بېسىپ بولغان قەدەم ئىزلىرىغا قارىسا ئەپسانىلەرگە كۆمۈلگەن، تارىخ بىلەن رىۋايەتلەر يۇغۇرلۇپ بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ كەتكەن قايتىلانماس ئۆتمۈش.... ئۆزلىرى ھەققىدە يېزىلغان خاتىرىلەردە بولسا ئەجنەبىيلەرنىڭ كەمسۇندۇرۇش خارەكتىرىنى ئالغان ھەرخىل باھا ۋە مۇلاھىزىلىرى...... ئالدىغا قارىسا يېڭى ئەسىرنىڭ سىناق ۋە تەخىرسىزلىككە تولغان رەھىمسىز رىقابىتى......

  ئەمما بىر نەرسە ئېنىق ئىدىكى، كرورانلىقلارنىڭ تاپىنى تېگىپ تۇرغان بۇ تۇپراقتا، «يىپەك يولىدىكى ئەجنەبىي ئالۋاستىلار» نىڭ مەدەنىي مىراسلىرىمىزغا قاراتقان تالان-تاراجلىرىنىڭ ئارقا كۆرۈنىشىگە قانداق سىياسىي، ئىجدىمائىي سۈقەسىتلەر يوشۇرۇنغانلىقىدىن قەتئىي نەزەر ، «ئورا كۆز، قاڭشارلىق، ساقال بۇرۇتلىرى قويۇق ۋە بەسىتلىك كەلگەن قەدىمقى كرورانلىقلار چەكلىك بوستانلىقلار بىلەن چەكسىز قۇملۇقلارنىڭ ئۆز-ئارا تىركىشىشىدە، پەسىللىك دەريا-ئېقىنلار بىلەن يىراقتىكى قارلىق تاغلارنىڭ ئۇلانما مۇناسىۋىتىدە، ئىنسانلار بىلەن تەبىئەتنىڭ دىئالېكتىكىلىق بىرلىكىدە ئۆزلىرىنىڭ ھاياتىي مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئىدى.»[1] بۇ يەرگە ھەرگىزمۇ خۇددى سېۋىن ھېدىننىڭ «ئەمدى بۇ يەردە كارۋانلار قايتا كۆرۈنمەيدۇ. قاتار تىزىلىپ بارخانلار ماڭىدىغان تۆگە كارۋانلىرىنىڭ كولدۇرما سادالىرىمۇ ياڭرىمايدۇ. پوچتا ھارۋىلىرى بىلەن ئاتلىق يولۇچىلارنىڭ ئاياغ تىۋىشلىرىمۇ ئاڭلانمايدۇ. ئىلگىركى ھەممە كۆرۈنۈشلەر بىر-بىرلەپ غايىپ بولىدۇ. شۇنداق، ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىنىڭ سۈر-ھەيۋىسى بىلەن ماشىنا، تېخنىكلارنىڭ سۈرەن-چۇقانلىرى يېقىن كەلگۈسىدە بۇ يەردىن تارىخنىڭ سېھرىي كۈچىنى ۋە شېئىرىي تۇيغۇسىنى كەلمەسكە ئېلىپ كېتىدۇ.»[2] دەپ چىقارغان يەكۈنىدەك، زاۋاللىققا يۈزلەنگەن ئاددىي بىر ئىتنىك تەركىبنىڭ سىيدام ھايات كارتىنىسى دەپىن ئېتىلگەن ئەمەس ئىدى. ئۇلارنىڭ مەيلى قۇم دەھشىتى سەۋەبلىك ۋاز كەچكەن كۈجۈم-كۈجۈم مەھەللىرى بولسۇن، مەيلى نەچچە مىڭ يىلللار ئىلگىرى قۇم ئاستىغا كۆمۈلۈپ كېيىنكى كۈنلەردە ھەر خىل نام بىلەن قايتىدىن قېزىۋىلىنغان خارابىلىرى بولسۇن، مەيلى قايتىدىن بەرپا قىلغان ھاياتلىق چەمبىرىكى بولسۇن، ھەممىسىگە كرورانلىقلارنىڭ مىھىر-مۇھەببىتى سىڭگەن ئىدى. «ئاشۇ ئۇزاق جەرىياندا، ئۇلار نۇرغۇن مىللەتلەر ۋە ئىتنىك تۈركۈملەر بىلەن ئۇچرىشىپ، ناھايىتى مۇرەككەپ بولغان ئىرقىي خۇسۇسىيەتنى ھەمدە مەركىزىي ئاسىيا ئىنسان تۈركۈملىرىگە خاس قان تىپىنى ھاسىل قىلغان ئىدى.»[3] تېخىمۇ ئېنىقىنى دېگەندە، ئۇلار ئۆز مەدەنىيىتىگە بولغان كۈچلۈك ۋارىسچانلىق ۋە ھەقدارلىق تۇيغۇسىغا ئىگە ئىدى.

  ئۇلار تەبىئەتنىڭ سىرلىق قوينىدا ئەللەيلىنىپ ئېغىز ئەدەبىياتىمىزنىڭ بىپايان زېمىنىنى توختىماي سېھىرلەيتتى. يازما ئەدەبىياتىمىزنىڭ مەڭگۈلۈك تېمىلىرىغا ياندىشاتتى. مىللەت ئېڭىنىڭ مەھسۇلى ھىسابلىنىدىغان ئەدەبىيات – سەنئەت، تارىخنىڭ ھەر بىر دوقمۇشلىرىدىكى بۇ خەلىقنىڭ چىن ئىسانىي تىنىقلىرىدىن ئوزۇق ئېلىپ گۈللەپ ياشنايىتتى. ئادەملەنىڭ مەنىۋىيىتى مىسلىسىز جانلىناتتى. ئۇلار ئۈچۈن كروران تېمىسى ئانا تېما ئىدى. كروران تېمىسىغا قايتىش ھاياتلىققا قايتىش بىلەن باراۋەر ئىدى. كروران ۋادىسىدىكى تېنىمسىز يۆتكىلىپ تۇرىدىغان كۆچمە كۆل، ئۇزۇنغا سوزۇلغان، قۇرۇپ كېتەيلا دەپ قالغان غىرىب دەريالار، تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ تۇيۇقسىز غايىب بولىدىغان خارابىلەر، ھەيۋەتلىك قۇم بارخانلىرى، ئۇزۇن كەتكەن تۆگە كارۋانلىرى، غايىۋىي شەھەرلەر، قۇملۇقلارنىڭ ئەتراپىغا يۇلتۇزلاردەك تارالغان بوستانلىقلار، بوستانلىقلارنى ئاۋات قىلىش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان دىھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، ئوۋچىلىقلار، كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ئۇچرىشىپ زىرىكمەيدىغان كۆل، قۇمۇش، قېيىق، قارماق، ساتما، بىلىق ۋە مەزىلىك بىلىق كاۋىپى پۇرىقى .......قاتارلىقلار ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ ئەبەدىيلىك ماتىرىيالى سۈپىتىدە قۇم ئاستىدا ئۇيقۇغا كەتكەن شانۇ-شەۋكەتلىك خاندانلىقدىن زېمىننىڭ تومۇرلىرىغىچە، ئۆزىنىڭ بىر تۇققان قىرىندىشىدەك مۇۋازىنەتنى ساقلاپ كەلگەن سوغۇققان تەبىئەتتىن كېلىچەككە تۇتاشقان ئارزۇ ئارمانلىرىغىچە، ئىنسانىيەتنىڭ سەمىمىي ئۈمىدى جەملەنگەن سەبىي بالىلاردىن ۋۇجۇدىغا ھايات تەجىربىلىرىنى جەملىگەن قاۋۇل، بەردەس ئاتىلار، تارىخنىڭ گۇۋاھچىسى سۈپىتىدە رىئاللىق بىلەن سىردىشىۋاتقان بوۋاي-مومايلارغا قەدەر ھەممىنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىنى زىلزىلىگە سېلىپ كىشىلەرنى ساغلام تەپەككۇر قىلىشقا ئۈندەيىتتى.

  دېمەك، كروران تېمىسى ئېغىز ئەدەبىياتىمىز ھەم يازما ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئانا تېمىسى، مەڭگۈلۈك قايتىش تېمىسى بولۇش سالاھىيىتى بىلەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ھەر خىل ژانىر ۋە شەكىللىرىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى. كرورەن خاتىرىسىگە ئاتالغان تالاي نەزىملەر سازلارنىڭ نازۇك تارلىرىغا زەخمەك ئۇردى. يېقىملىق قوشاقلار ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۈپ ئوقۇلۇپ كەلدى. ئۆتمۈش، ھازىر، كېلىچەك كېسىشمىسىنى ئۆزىگە پاسىل قىلغان نۇرغۇن ھازىرقى زامان چۆچەكلىرى يېزىلدى. مىننەتسىز مىھنەتكەشلەرنىڭ ھارماس قەلەملىرى ئۆچمەس تەزكىرە-تارىخلارنى پۈتۈپ ئۈلگۈردى. ئەدەبىيات بىلەن خەلىقنىڭ ۋۇجۇدىنى زەرەتلەش ئۈچۈن قولىغا قەلەم ئالغان ھەر قانداق ئەدىبنىڭ ھىس-ھاياجىنى «كروراندىن چېقىپ يەنە كرورانغا قايتاتتى»...........

  بۇ خەلىققە ئەدەبىيات شۇ دەرىجىدە مۇھىم ئىدى. ئەدەبىيات بىلەن ھاياتىنى خاتىرلەيىتتى. ئەدەبىيات بىلەن ئۆزىگە تەسەللىي تاپاتتى. ئەدەبىيات بىلەن مەدەنىي ھاياتىنىڭ تۈرلۈك ھالقىلىرىنى بىزەپ پانىي دۇنيادىكى تەقدىر ئاتا قىلغان كەچمىشلىرىدىن ھوزۇرلىناتتى. ھەتتا خەلىقنىڭ بىر ئەسىرلىك ئىجتىمائىي، تارىخىي، سىياسىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردىكى غوللۇق مەسىلىلەر ئۈستىدە تەتقىقاتقا يول ئالغان ھەر قانداق بىر ئىلىم ساھىبىنىڭمۇ ئۆزىگە لازىملىق ئىلمىي دىتاللارغا ئىرىشىشتە، يەنىلا خەلىق ياراتقان ئەدەبىيات سەھىپىلىرىگە مۇراجەت قىلماي ئامالى يوق ئىدى، خالاس.

  قىسقىسى، ئۇزاق تارىختىن ھاياتلىق قەدىمىنى ھازىرغا ئۇلىغان خەلقىمىزنىڭ روھىي كەچۈرمىشلىرى ۋە مەدەنىيەت تىندىرمىلىرى يازما ئەدەبىياتىمىزدا ئەكىس ئەتمەي قالمىدى. دېمگۇراتىك ئىدىيىلەر بىلەن قوراللانغانلىقى، شەكىل جەھەتتىن كۆپ خىللىققا قاراپ يۈزلەنگەنلىكى، كىلاسسىك ئەدەبىيات بىلەن مەزمۇن ۋە تىل جەھەتتىن قىنىق پاسىل ئاجراتقانلىقى، ئىپادىلەشتە ئەركىن يول تۇتقانلىقىدەك ئالاھىدلىكلىرى بىلەن كىشىلەرنىڭ ئىىستىتىك خاھىشلىرىنى ئىپادە قىلىۋاتقان بۈگۈنكى دەۋىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تېما ۋە ئەكىس ئەتتۈرۈش ئوبىكتى جەھەتتىن كۆپ قىرلىقلىققا ۋە كۆپ قاتلاملىققا قاراپ تەرەققىي قىلدى. يازما ئەدەبىيات تارىخىمىزدا بوش قالغان، ئىتىبارسىز قارىلىپ كەلگەن، ھەتتا ژانىر جەھەتتىكى تەرەققىياتىدىن ئېغىز ئېچىش مومكىن بولمايدىغان بەزى مۇھىم ساھەلەردىمۇ ئادەمنى خۇشال قىلارلىق نەتىجىلەر مەيدانغا كەلدى. «بالىلار ئەدەبىياتى» ژانىرى بولۇپمۇ «ئۇيغۇر بالىلار پىروزىسى» نىڭ باش كۆتۈرۈپ چىقىشى بىزنىڭ يۇقارقى يەكۈنىمىزنى دەلىللەيدۇ.

  ئۇنداقتا بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا نېمىشقا بۇ ژانىرنى تەرەققىي قىلدى دېيىش مومكىن؟ شەكشۈبھىسىزكى، ئۇيغۇر بالىلار پىروزىسى يوقلۇقتىن بارلىققا كەلدى ياكى نۇرغۇن ئەسەرلەر يېزىلىپ سان جەھەتتىن بېيىدىلا ئەمەس، يېزىلغان ئەسەرلەرنىڭ تېماتىك ئىدىيىسى ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئەبەدىيلىك ئانا تېمىلىرىغا قايىتتى. بالىلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش غەۋغالىرى چەمبىرىكىدىن ھالقىپ ئۆزلۈكنى تونۇش، ئىنسان بىلەن تەبىئىي ئىكولوگىيىلىك موھىت ئوتتۇرىسىدىكى كۆرۈنمەس مۇناسىۋەت، مەدەنىيەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى دۇنياۋىي بىردەكلىك موھىتىدىكى ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت كېملىكىنى نامايان قىلىشقا ئوخشاش ماكان چىگرالىرىدىن ئاتلاپ ئۆتۈشتەك چوڭ تېمىلارغا باغلاندى.

  بىز كىلاسسىكلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىنى ۋاراقلىغىنىمىزدا بالىلار تەربىيىسىگە ئائىت نەسىھەتلەرنى ئۇچرىتىلايدىغان بولساقمۇ، «قۇتادغۇبىلىك»تىكى بالىلارنى قانداق تەربىيلەشكە دائىر بايانلار، «دىۋانى لۇغەتى تۈرك» دىكى ماقال-تەمسىللەردىن، قىسمەن بالىلار قوشاقلىرىدىن باشقا مەخسۇس بالىلارغا بېغىشلانغان ئەسەرلەرنى تاپالماسلىقىمىز بىزنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. « تاكى 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرى، 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىغا قەدەر بالىلار بۇنداق ئەسەرلەرنى ئۆزلىرى بايقاپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىستىتىك ئىتىلىشلىرىگە ئاساسەن بالىلار ئەسەرلىرىنى تېپىپ كۆرگەن، ھازىرقىغا ئوخشاش مەخسۇس بالىلار ئۈچۈن تاللاپ، تەييارلاپ يېزىپ بېرىدىغان، كىلاسسىك ئەسەرلەردىكى ئۇلارغا ماس كېلىدىغان مەزمۇنلارنى، ئوبزارلارنى ئۆزگەرتىپ يېزىپ بېرىدىغان ئەھۋالمۇ مەۋجۇت بولمىغان. »[4] پەقەت 20- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغا كەلگەندە ياۋرۇپادا يۈز بەرگەن تېخنىكا ئىنقىلاۋىنىڭ غايەت زور نەتىجىلىرى، ھەر خىل دىموكراتىك ھەركەتلەر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى جەدىدىزىمنىڭ تەسىرى ۋە ئەۋلاد تەربىيلەش ئىستەكلىرىنىڭ ھەسسىلەپ كۈچىيىشى، ئۇيغۇرلاردا بالىلار ئەدەبىياتى ژانىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشى ۋە ئىلغار مەرىپەتپەرۋەر تېمىلاردا ئىجادىيەت ئېلىپ بىرىشنى تەخىرسىز ئىجدىمائىي ھادىسىگە ھەم ئەدەبىيات ھادىسىسىگە ئايلاندۇردى.

  دېمەك، 20- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن ھىسابلىغاندىمۇ ئازكەم يېرىم ئەسىرلىك تارىخىي باسقۇچتا، بالىلار ئەدەبىياتى نۇرغۇن ئەگرى-توقايلىقنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ، ئۆزىنىڭ تېگىشلىك ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ كەلدى. ھەتتا كۈنىمىزگە كەلگەندە نۇرمۇھەممەد توختىنىڭ «چۆل ئوغلى»، جاسارەت جاپپارنىڭ «ياغاچ قۇلاق»، پەرھات ئىلياسنىڭ «كرورانلىق بالىلار» نامىلىق پوۋېسىت، رومانلىرى نەشىر قىلىنىپ ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتىنىڭ خىلى يۇقىرى سەۋىيە ياراتقانلىقىدىن نىشانە بەردى. شۇڭىمۇ كېسىپ ئېيتىش كىرەككى، بالىلار پىروزىچىلىقىنىڭ يېڭى ئەسىردىكى قىياپىتى تولىمۇ ئۆزگىچە ۋە يېڭىچە بولدى. «ئۆزىنىڭ ئېڭىدىكى ھەربىر پارلىنىش دەقىقىلىرىدىكى ئاشۇ گۈزەل كۆرۈنۈشلەرنى ساددا پېتى زاھىر قىلىپ، ھەمدە موشۇ ئارقىلىق يېڭىچە ئىپادىلەش يولىنى ئىزدەيدىغان»[5] پەرھات ئىلياسنىڭ «كرورانلىق بالىلار» نامىلىق رومانىنى، يۇقارقى پىكىرلىرىمىز نوقتىسىدا يۈكسەك پەللە ياراتقان دەپ باھا بەرسەك مېنىڭچە ئارتۇقچە بولماس.

  قېنى بىزمۇ پەرھات ئىلياسنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى كروراندىن چېقىپ ئۆز دىيارىنىلا ئەمەس پۈتۈن دۇنيانى ئايلىنىش ئىستىكىگە چىرمالغان، تالاي كەچمىشلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ يەنە كرورانغا قايىتقان سۆيۈملۈك بالىلار بىلەن سىردىشىپ باقايلى....

  (2)

  «ئۇلار ئۆردەك بوۋاينىڭ ياپيىشىل توغراق، چوغدەك تاۋلىنىپ تۇرغان يۇلغۇنلار بىلەن پۈركەنگەن ھەيكىلى ئەتراپىدا خېلى ئۇزاق ئوينىغاندىن كېيىن ئۆيگە قايتىشتى..........»[6] رومان شېۋىتسىيىلىك دۇنياغا مەشھۇر ئىكىسپىدىيچى سىۋېن ھېدىنغا كروران خارابىلىكىدە ئاخىرقى قېتىم يولباشچى بولغان ئۆتمۈشنىڭ گۇۋاھچىسى، تارىختىكى رىئال شەخىس كۈنچىققانبەگنىڭ ئوغلى ئۆردەكنىڭ ھەيكىلى توغرىسىدا بېرىلگەن سىيدام تەسۋىردىن باشلىنىدۇ. گەرچە دەسلىۋىدىلا بۇ تەسۋىرلەر بىزنى مەقسەتسىز بېرىلگەندەك بىر تەسىراتقا كەلتۈرۈپ قويغاندەك قىلسىمۇ، لېكىن ئارقىدىنلا كۆزئالدىمىزغا زاھىر بولىدىغان تۇيغۇن، زۇمرەت، ئايچەش، تۈرگۈن قاتارلىق تۆت كرورانلىق بالىنىڭ ئۆردەك ھەيكىلى ئالدىدا قىلىشقان، ھازىرقى زامان مائارىپىمىزنىڭ تۈگەل تەلەپلىرىگە ماسلىشىش قىزغىنلىقىغا يانداشقان دىئالۇگلىرىنى ئوقۇغاندىن كېيىن، يازغۇچىنىڭ ئىدىئال مەخسىتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى دەسلەپتە قەدەمدە ھىس قىلغاندەك بولىمىز. بۇ بالىلار مائارىپىمىز خارەكتىرىنىڭ تەبىئەتتىن يىراقلىقىنىڭ تەسىرىدىن شەكىللەنگەن بىر چاڭقاقلىقنىڭ تەسىرىدىنمۇ، ئەيتاۋۇر ئۇلار كروران ھەققىدىكى غارايىباتلار بىلەن ئاۋۇنغان چۆچەكلەرگە ۋە ئۆزىنى ئوراپ تۇرغان تەبىئەتنىڭ مۆجىزاتلىرىغا ئىچكىرلەپ كىرىشكە باشلايدۇ. «پايانسىز توغراقزارلىقلار ئۇلارغا تېخىمۇ سىرلىق ھەم قىزىقارلىق تۇيۇلۇشقا باشلايدۇ. يىراقتا غىل-پال كۆرۈنۈپ تۇرغان كۆنچى دەرياسى، دەريا بويىدىكى ئېتىزلار، كۆللەر، توپ-توپ ئۇچۇپ يۈرگەن قۇشلار، يەنە يىراقلاردا بۇ گۈزەل بوستانلىققا خۇددى بۇغىلارنى ساقلاپ مۆكۈنۈپ ياتقان شىردەك كۆرىنىدىغان قۇم بارخانلىرى...... بۇلارنىڭ ھەممىسىلا خۇددى ساماۋىي چۆچەكلەردىكىدەك ئۇلارنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىدۇ.» [7] ھايال ئۆتمەي ئۇلار تەبىئەت دۇنياسىدىكى جانۋارلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بېرىش ئىھتىمالى چوڭ بولغان ھايات-ماماتلىق كۈرەشنىڭ شاھىدى بولىدۇ. بۇ كرورانلىق بالىلار قەدىمدىن تارتىپلا «زېمىن نەپەسلەنسە بىزمۇ نەپەسلىنىمىز، زېمىن نەپەسلەنمىسە، بىزنىڭ ھاياتىمىزمۇ ئاخىرلىشىدۇ» دېگەن ئەقىدىنى ئۆزىگە مىيزان قىلىپ كەلگەن بىر پۈتۈنسۈرۈك مىللەتنىڭ پەرزەنتى بولغىنى ئۈچۈن، ئۇلار تەبىئىيلا «ئۇۋىسىدىن چۈشۈپ كېتىپ، يىلانغا يەم بولۇش ئالدىدا تۇرغان تېخى سېرىق تۈكمۇ چىقمىغان قاغا بالىسىنى» قۇتقۇزۇپ قالىدۇ. بۇ جەرىيان تەبىئەت دۇنياسىدىكى جانلىقلارنى پەقەت تېلېۋىزۇردىكى «ھايۋانات دۇنياسى» پروگراممىسىدىن كۆرۈپ ئادەتلەنگەن بۈگۈنكى بالىلار ئۈچۈن تولىمۇ قىممەتلىك تەجىربە ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ بېرىدۇ. شۇنداق قىلىپ كرورانلىق بالىلار بىلەن تەبىئەت ئوتتۇرىسىدىكى يىرىكلىك يۇمشاشقا، ماكان ئارىلىقى بارا-بارا كىچىكلەشكە باشلايدۇ. بالىلارنىڭ تەبىئەتكە قىلغان بىر قېتىملىق مىننەتسىز شاپائىتى ئويلىمىغان يەردىن ئۇلارنىڭ بېشىغا «ئامەت قۇشى» نى قوندۇرىدۇ. خۇددى خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىمىزدىكى «ئۇر توقماق» چۆچىكىدە تەسۋىرلەنگەن ھىلىقى «بەخىت سائادەت ئەكەلگۈچى» قاغا قايتىدىن تىرىلگەندەك، بالىلار ئالدىغا ئالتۇن تاج تاقىغان بىر قاغا ئۇچۇپ كېلىپ، بالىسىنى قۇتقۇزىۋالغىنىغا رەھمەت-تەشەككۈرىنى بىلدۈرۈپ بالىلارغا «تۆت ئەڭگۈشتەر» سوۋغا قىلىدۇ. بۇ ئەڭگۈشتەرلەر ئىسمى جىسمىغا لايىق كارامەتلىرى بىلەن بالىلارنى ماكان-زاماندىن ھالقىتىپ، ئاجايىپ ئىسىل، مەنىلىك ئارزۇ-ئۈمىدلەر بىلەن تولغان خىيالىي دۇنيانىڭ تىزگىنىنى باشقۇرىدىغان، ھاياتلىق تېپىشماقلىرىنىڭ ئىشىكىنى ئاچىدىغان خاسىيەتلىك ئاچقۇچنى بۇ «كەپسىز ئەمما ئەقىللىق، سەل تاۋى نازۇك ئەمما زېرەك، سەل جاھىلراق ئەمما چېچەن» بالىلارنىڭ قولىغا تۇتقۇزىدۇ. بالىلار خۇددى ئۇزاق مەزگىللىك سەۋر-تاقەتتىن كېيىن، يەتتە ئىقلىمنى ئايلىنىشنىڭ «يول خېتى» گە ئىرىشكەن چاڭقاق سەيياھقا ئوخشاش كروران ۋادىسىدىن يولغا چىقىدۇ. بىزنىڭ روماننىڭ بوسۇغىسىدىلا ئىرىشىدىغىنىمىز «بېشىنى ئوقۇپ بولغىچە، ئاخىرىنى ھىس قىلغىلى بولىدىغان» قۇرۇلمىدىكى ئاددىي بايان بولماستىن، بەلكى «ئەمدى بۇ بالىلار نېمە ئىشلارنى قىلار؟» دېگەن بىر قىزىقسىنىش، تەقەززالىق تۇيغۇسى بولىدۇ. چۈنكى بىزنىڭ نۆۋەتتىكى كۆرمەكچى بولغىنىمىز ھەرگىزمۇ ئەقلىيلىكى كامالەتكە يەتكەن پەيلاسۇپ، دۇنيا تەرتىپىنى ئالقىنىدا ئۇيان-بۇيان قىلىپ ئوينايدىغان سىياسىئۇن، ياكى دۇنيا ئىقتىسادىي كىرزىسىنى ھەل قىلىۋىتەلەيدىغان ۋال –سىتىرت كوچىسىدىكى كاتتا باي ئەمەس. پەقەت تولىمۇ ئاددىي ياشاش ئەندىزىسىگە ئىگە، ئېغىزىدىن تېخى سۈت تەمى كەتمىگەن، ۋۇجۇدىغا بالىلارنىڭ جېمى شوخلۇقلىرىنى، غەلىتە قىلىقلىرىنى، ئادەم ئەقلى يەتمەيدىغان فانتازىيىلىك خىياللارنى جەملىگەن ئاقكۆڭۈل، سەمىمىي بالىلار. بىز روماننىڭ دەسلەپكى دىتاللىرىدىن بۇ نوقتىدا يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ رۇشەنلىكلەرگە ئېرىشىمىز. بالىلار «تۆت ئەڭگۈشتەر»نى قولغا ئېلىپ قىلغان تۇنجى سەپىرىدە، ئۇلار «بالىلىقنىڭ شەيتىنى» نىڭ ئارقىسىغا كىرىپ، ھەرقىسما ئويلار بىلەن بالىلىق خارەكتىنىڭ ئاجىزلىقى ئېلىپ كەلگەن قاملاشمىغان سەھۋەنلىكلەرنىڭ ئىجراچىسىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. كۆز ئالدىمىزدا ئۆزىنى كۆرسىتىش، باشقىلارنىڭ بەخىتسىزلىكىگە تاماشىبىن بولۇش، باشقىلاردا قىپ قالغان ئۆچىنى ئېلىۋىلىش، باشقىلارنى كولدۇرلىتىپ كۆڭلىنى خوش قىلىش .......دېگەندەك يېتەرسىزلىكلەر بىلەن «قولىدىكى مىسران قىلىچنى چامغۇر ئاقلاشقا ئىشلىتىۋاتقان» سەلبىي تىپلار زاھىر بولغاندەك قىلىدۇ. ئەمما روماندىكى مەنىسىزلىكنىڭ ئالدىنى ئالغۇچى، ئىجدىمائىي تەڭسىزلىكلەرنى تەڭشىگۈچى كۈچ «قاغا» تەرىپىدىن بالىلار ئاخىرى «خاتا قىپتۇق، بىزنى كەچۈرگىن» دېيىشكە مەجبۇر بولىدۇ. ئۇلار ئەقلىيلىككە قايتىدۇ. دەرىسخانىدىكى چۆيۈندەك قېتىپ كەتكەن، ئابىستىراكىتنى تەربىيلەر ئىچىدە ئىچى سىقىلىپ، ھەقىقىي ئادىمىيلىك تەربىيسىنىڭ تەبىئىي كارتىنىسىنى سېغىنغان بالىلارنىڭ ۋۇجۇدىدا ياخشىلىق بىلەن يامانلىق، مىھرى-ۋاپا بىلەن قارا نىيەتلىك، ئىسانىي كۆيۈم بىلەن ئەجەللىك خاتالىقلار، گۇناھ تۇيغۇسى بىلەن پاكلىنىش روھى ، قېرىنداشلىق مىھرى بىلەن زالىم، ئىستىبداتلىقنىڭ ۋاباسى ئارىسىدىكى ئەخلاقىي ئۆلچەملەر تەبىئىيلا بىخلىنىشقا باشلايدۇ. بالىلار ئەمدى ھاياتنى قايتىدىن ياشاشقا، ياشىغاندىمۇ مەرىپەت بىلەن ياشاشقا باشلايدۇ. ئىنسانلىق مەرىپىتىنى بۇ كروراندىن چىققان سەپىرىگە « يول باشلىغۇچى» قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەقىقىي مەنىدىكى سەپەر باشلىنىدۇ.

  بىز ئىككىنچى قەدەمدە روماننىڭ ئاساسىي قىسمى بىلەن تونۇشۇشقا باشلايمىز. بالىلار خاسىيەتلىك ئەڭگۈشتەرلەرنىڭ ياردىمىدە بارلىق سەپەرنىڭ سەۋەب–نەتىجىلىك جەريانىغا تولۇق رىژسورلۇق قىلىدۇ. ئۇلار تۈرگۈننىڭ قولىغا تۇتقۇزۇلغان «تىلتاش» ئارقىلىق كائىناتتىكى جېمى مەۋجۇداتلار بىلەن بىمالال سۆزلىشىپ تەبىئەتنىڭ سىرلىق ئوردىلىرىدىكى سۆھبەتلەرگە داخىل بولسا، تۇيغۇنغا تەقسىم ئېتىلگەن «نوقۇت» بىلەن نېمىنى خىيال قىلسا شۇنى كۆز ئالدىدا ھازىر قىلىپ، سەپەر جەرىيانىدا دۈچ كەلگەن كۈللى مۈشكۈللۈكلەردىن خالاس بولىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن زۇمرەتكە تەقدىم ئېتىلگەن سائەت بىلەن بالىلار ماكان، زامان سىرىتماقلىرىدىن ئەپچىللىك بىلەن قۇتۇلۇپ خام خىيالىدىكى دۇنيا بىلەن رىئاللىقنى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرىدۇ. ئاخىرىدا ئايچەشكە ئېشىپ قالغان بىر جۇپ ئۆتۈك «تەپكەك باتۇر» بىلەن ئۇلار ئۆزى ئىنتىلگەن ئادالەتلىك دۇنيا تارازىسىنىڭ چۇۋۇلۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

  ئۇلار شۇ ماڭغانچە كروران قاغانىنڭ مەلىكىسى ئايچەچەكنى قۇتقۇزۇپ قالىدۇ. «كروران بويىدىكى جەڭ» گە قاتنىشىدۇ. كروران ۋادىسىدىكى توغراقلار بىلەن ئورتاقلىشىدۇ. ھايۋاناتلار بىلەن مۇڭدىشىدۇ. «قۇمۇشلار ئاكادىمىيىسى»دىكى «دانالار» بىلەن ئىلمىي سۆھبەتلەردە بولىدۇ. ھەم ئۇلارنىڭ ئېكولوگىيىلىك موھىتى ئۈسىتىدە مۇڭلىنىدۇ. ئۇلار كروراننى خىيالىي دۇنياسىدا قايتىدىن قۇرۇپ چىقىدۇ.

  ئۇلار ھىلى ئىلى ۋادىسىغا بېرىپ دەردمەنلەرنىڭ دەردىگە شىپا بولسا، ھىلى بىردەم كۈسەنگە بېرىپ «بالىمانچى قىز» نىڭ قىسمىتىگە ھەمشىرىك بولىدۇ.ھىلى ئاتۇشقا بېرىپ ئەنجۈر سېتىپ «ھالال ئەمگىكى» نىڭ مېۋىسى بىلەن ئۆز تۇرمىشىنى ئۆزى قامداۋاتقان بالىلارغا قايىل بولسا، تۇيۇقسىز «نۇرۇز خۇشاللىقى» دا مەھمۇد كاشىغەرى بوۋىمىزنى نۇرۇزنامە ئوقۇتۇپ، ساياھەتنىڭ ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ ئەۋجىگە كۆتۈرىدۇ. ئاپتۇر روماندا يەنە بالىلارنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن ھالقىغان «تەتۈرلەر شەھىرى»نى بەرپا قىلىپ، ئادەمنى يا كۈلەلمەيدىغان، يا يىغلىيالمايدىغان ھالەتكە ئېكىلىپ قويىدۇ. نەسلى قۇرۇپ كېتش گىرداۋىدا جان تالىشىۋاتقان «تارىم يولۋىسى» نى، قۇملۇق ئېكولوگىيىسىدە قىينىلىۋاتقان ياۋايى ھايۋانلارنىڭ قۇتقازغۇچىسى سۈپىتىدە قاتتىق سېغىنىدۇ. قەدىمىي ئۇدۇملارغا بولغان ئوتتەك ھىرىسمەنلىك بىلەن «كۆكتىن تامدۇق، يەردىن ئۈندۇق» دەپ كۆككە قاراپ رەھمەت تەشەككۈرىنى بىلدۈرىۋاتقان ئۆزگىچە كۆرۈنۈشلەرنىڭ شاھىتى بولىدۇ. كرورانلىق بالىلار ھىلى باغدا سەيلى قىلسا ھىلى تاغدا سەيلى قىلىدۇ. ھىلى دەھشەتلىك دېڭىز ئوكيانلادا ئۈزسە، بىر دەمدىلا چەكسىز كەتكەن قۇملۇقلاردا خىلمۇ-خىل ھايات قىسمەتلىرىگە دۇچار بولىدۇ. ئۇلار بارمىغان ئۆتمۈش، ئۇلار بارمىغان كېلىچەك قالمايدۇ. بىز روماننى ئوقۇپ ئاخىرقى بۆلەكلىرىگە ئۆتكەن چىغىمىزدا، «كرورانلىق بالىلار» نىڭ قولىدىكى تۆت ئەڭگۈشتەر بىلەن ئۆزى تەۋە بولغان مەدەنىيەت چەمبىرىكىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، دۇنياۋىي مەدەنىيەتلەر قوشۇلمىسىدىن ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك ئورنىنى تەخمىن قىلماقچىبولغانلىقىنى كۆرۈپ يېتىمىز. ھەم بىز يازغۇچىنىڭ بۇ يىراقنى كۆرەر ئىستىداتىغا قايىل بولماي تۇرالمايمىز. كرورانلىق بالىلار دۇنياۋىي مەدەنىيەتلەر ئارىسىدىكى كاتتا مۆجىزە ھىسابلانغان «كارىز»نى، ھەر ئىقلىملاردىن كەلگەن ئالىملارغا تونۇشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، دۇڭخۇاڭغا بارىدۇ. دۇڭخۇئاڭدىكى «17- نومۇرلۇق» كېمىردىن مەدەنىيىتىمىزنىڭ بۇددا دىنىغا تەۋە قاتلاملىرىنى بىر-بىرلەپ سايقانلاپ چىقىدۇ. ئۇلار كۆرۈشمىگەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ پىركالان «شائىرچاق»لىرى قالمايدۇ. ياپۇنىيىگە بېرىپ «كروران مەلىكىسى» توغرىسىدىكى يېغىنلاردا ئۆزىنىڭ سېھرىي كارامەتلىرىنى كۆرسىتىپ يېغىن ئەھلىنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرىدۇ. ھەتتا كۆرمىگەن «دىسنىي باغچىسى»، كۆرۈشمىگەن ياپۇنىيە قونچاق فىلىمىدىكى «ئەقىللىق يىشۇ» لار قالمايدۇ. ئارقىدىن «فىرانسىيە دۆلەتلىك كۇتۇپخانىسى»نىڭ تەكلىپى بويىچە داڭلىق دۇڭخۇئاڭشۇناسلار، تىلشۇناسلار، تۇرپانشۇناسلار، كرورانشۇناسلار، ئارخولۇگلار قاتناشقان سۆھبەت يېغىنىغا قاتنىشىپ ئىلىم ساھەسىدىكى قاراڭغۇلۇقلارنى يورۇتۇپ كاتتا مۆجىزىلەرنى يارىتىدۇ. گىرمانىيىنىڭ دۆلەتلىك كۇتۇپخانىسىدىكى «مىڭ ئۆيلەرنىڭ نالىسى» غا قۇلاق سالىدۇ. قۇلاق سالىدۇلا ئەمەس، ئۇلارنى ئانا ۋەتەننىڭ تۇپرىقىغا ئىرىشىشتەك مۇراد مەقسىتىگە يەتكۈزىدۇ.

  ئۇلار روماننىڭ ئاخىرقى قىسمىدا بالىلىقنىڭ باش ئاخىرى چىقماس ساددا خىياللىرىنىڭ ئارقىسىغا كىرىپ، ئاندېرسېننىڭ تۇرالغۇسىغا بارىدۇ. «سەرەنگە ساتقۇچى قىزچاق» بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭغا كەپسىز بالىلار ئېلىپ قېچىپ كەتكەن بىر پاي كەشىنى تېپىپ بېرىدۇ ھەم چۆچەكنى بۈگۈنكى دەۋر غايىلىرى بىلەن تېخىمۇ جۇلالاندۇرىدۇ. چۆچەكنىڭ رېئاللىقىنى قايتىدىن توقۇپ چىقىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا ئافرىقا قىتئەسىدىكى «سەھرايى كەبىر چۆلى» نىڭ شەكىللىنىش تراگىدىيىسىنى بىلىدۇ. مىكسىكا كارتۇن فىلىمى «ئامېگو ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى» دىكى ئامېگو بىلەن ئۇچرىشىدۇ. ھەتتا كرورانلىق بالىلارنىڭ قەدىمى يەتمىگەن شىمالىي مۇز ئوكياندىكى ئېسكىموسلارنىڭ مۇز ئۈستىدىكى كەپىسىمۇ قالمايدۇ. لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ئاندىس تاغ تىزمىسىدا ئىنكا خانلىقىنى قۇرغان ھەم پارلاق مەدەنىيەت ئىزنالىرىنى قالدۇرۇپ كەتكەن، ئىندىئانلار ئارىسىدا كۈنگە چوقۇنىدىغان قەدىمىي خەلق ئىنكالار ھەققىدە ساۋاتقا ئېگە بولىدۇ.

  بىز روماننىڭ ئاخىرقى بەتلىرىدىن تۆۋەندىكى قۇرلارنى ئۇچرىتىمىز . «ئۇلار ئاخىرى ئۆردەك بوۋاينىڭ ھەيكىلى يېنىغا قايتىپ كېلىشتى. بۇ يەرگە كېلىپ توغراق، يۇلغۇن، سۆكسۆكلەرنى كۆرۈپلا ئايچېچەكنىڭ بۇرنىغا يۇرتنىڭ ھېدى پۇراپ كەتتى .........» [8]ئۇلار كروراندىن چىققان سەپىرىنى كرورانغا قايتىپ ئاياغلاشتۇرىدۇ. ئۆردەك بوۋاينىڭ ھەيكىلىنى تىرىلدۈرۈپ خارابىلەرگە قايتىدىن سەپسالىدۇ. ئۇلارنىڭ ئارزۇ ئىستەكلىرىدە «تەرەپ-تەرەپتىن كەلگەن سۇلار تارىم دەرياسى، چەرچەن دەريالىرى ئارقىلىق لوپنۇر كۆلىگە قۇيۇلۇشقا باشلايدۇ. لوپنۇر كۆلى خۇددى تۆت مىڭ يىل ئاۋۋالقىغا ئوخشاشلا سۇغا لىق تولۇپ، قىرغاقلىرىدا يەنە قۇمۇش، يېكەنلەر، يۇلغۇنلار ئۆسۈشكە، خۇددى ئۆلۈكلەرنىڭ سۆڭەكلىرىدەك ئاقىرىپ ياتقان توغراقلاردىن يۇمران بىخلار شۇڭ تارتىشقا باشلايدۇ......»[9] بالىلار ئۆزىنىڭ گۇناھىنى تونۇپ قايتىدىن باشلىغان سەپىرى ئاياغلاشقىچە رايۇن ھالقىغان، مەدەنىيەت ھالقىغان بىر موھىت ئىچىدە پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى سۆيىدۇ. پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت جەۋھەرلىرىنى قەدىرلەيدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزىگە قايتىدۇ. مانا بۇ ئەسەرنىڭ پۈتۈن قۇرۇلمىسى سۆرەپ مېڭىۋاتقان ھەقىقىي مەنىدىكى «كروراندىن چىقىپ، كرورانغا قايتىش» تۇر.

  (3)

  بىز روماننى ئوقۇپ بولۇپ چوڭقۇر خىياللارغا غەرق بولىمىز. تۇيۇقسىز روماندىكى تۆت پىرسۇناژنىڭ بىرسىگە ئايلىنىپ قالغىمىز كېلىدۇ. بۇ ئوماق «شۇمتەكلەر»نىڭ ئالەمشۇمۇل قىلىقلىرىغا «ھەسەت» قىلغىمىز كېلىدۇ. ئۆز-ئۆزىمىزگە «بالىلىقنىڭ باش ئاخىرى زادى قەيەر؟» دەپ سۇئاللارنى قويۇپ كېتىمىز. پەرھات ئىلياسنىڭ ئۆزگىچە قۇرۇلما بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا تاكى ھازىرغىچە دىققەت مەركەزلەشتۈرۈلگەن ھەر خىل ئىجتىمائىي تېمىلارنىڭ جەۋھەرلىرىنى يۇغۇرۇپ، ھەم ئۇنىڭدىن ھالقىپ، ئۇستىلىق بىلەن بالىلار ئەدەبىياتىنىڭ غوللۇق تۈرى بولغان

  بالىلار رومانچىلىقىدا، «مەڭگۈلۈك ئانا تېما» لارنىڭ بىرىكمىسىنى سىناق قىلالىغانلىقىغا تەھسىن ئوقۇماي تۇرالمايمىز. ئۇنداقتا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۈچۈن بۇ « مەڭگۈلۈك ئانا تېمىلار » قايسى؟ «كرورانلىق بالىلار» رومانىدا قانداق ئەكىس ئەتتى؟.......

  1.ئۆزلۈككە تەلپۈنۈش، يېلتىزدىن كۆكلەش 20- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى دۇنيا ئەدەبىياتى سەھنىسىدە بىر مەھەل گۈللەپ ياشنىغان «يېلتىز ئىزدەش» قىزغىنلىقىنىڭ بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا يېڭى قان قوشۇپ ئۈلگۈرگەنلىكى، ھەم ئۇنى زەرەتلەپ كەلگەنلىكى كۈنىمىزدىكى ئەدەبىيات ئەھلىلىرىگە ناتونۇش بولمىسا كېرەك. لېكىن ئۇنى ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتىدا سىناق قىلىش ئاددىي ئىش ئەمەس ئىدى. چۈنكى بالىلارنىڭ ئېڭى سەۋەب نەتىجىنى ئۆزىگە شەرت قىلغان لوگىكىغا قارشى بىر جەريان. شۇڭىمۇ ئەدەبىيات بالىلارنىڭ ھاياتىغا سىڭىپ كىرىپ بولغىچە مىڭ ئۆلۈپ، مىڭ تىرىلىدۇ. ئەسەرلىرىمىزنى بالىلىق خارەكتىرگە ماسلاشتۇرۇپ بولغىچە تالاي قېتىم بالىلىقىمىزغا قايتىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. تولىمۇ سەۋىرچانلىق بىلەن بالىلارنىڭ كۆڭۈل خاھىشلىرىغا بويسۇنىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ قەلبى چوڭلارنى ئوراپ تۇرغان ھەرخىل ئىجتىمائىي بېسىملارنى، سىياسىي بەلگۈلىمىلەرنى بەك كۆتۈرۈپ كەتمەيدۇ. تومتاق پىكىرلەر، شۇئار خارەكتىرىنى ئالغان ئۇلۇغۋار چاقىرىقلار ئۇلارنى زىرىكتۈرسە زىرىكتۈرىدۇكى، ھەرگىزمۇ بىر دەمدىلا «ھەممنى بىلىپ يەتكەن، ھەممىنى ئىجرا قىلىشقا تەييار تۇرىدىغان» «ماشىنا بالىلار» قاتارىغا تىزىلىشنى راۋا كۆرمەيدۇ. بىز موشۇ نوقتىدا، پەرھات ئىلياسنىڭ «كرورانلىق بالىلار» رومانىغا يېلتىز ئىزدەش تېمىسىنىڭ دادىللىق بىلەن تەدبىقلانغانلىقنى بايقايمىز. روماننىڭ مەۋزۇسىمۇ بىزگە دەماللىقچە بۇ نوقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بىرىدۇ. توڭ جىنجۈن دېگەن بىر خەنزۇ ئوقۇرمەن «كرورانلىق بالىلار» رومانى ئۈستىدە توختالغاندا : «كرواندىن ئىبارەت كۆمۈلۈپ قالغىنىغا مىڭ يىللارچە بولغان بۇ قەدىمىي قەلئە، سانسىز ئېكىسپىدىيچىلەرنى ئۆزىگە رام قىلغان بۇ سىرلىق مەنزىل تىلغا ئېلىنسا، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قۇرۇپ قالغان كۆللەر، قاخشال توغراقلار، چۆلدەرىگەن خارابىلىكلەر ۋە قەبرىستانلىقلار قاتارلىق ئۆلۈم ۋە گۇمرانلىق بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان جۇغراپىيلىك نامنى ئويلىشى تۇرغان گەپ. قەدىمدىن ھازىرغىچە نۇرغۇن ئالىملار ئارخولوگىيىلىك بايقاش، موھىت تەكشۈرۈش، تارىخىي تەتقىقات، گۇمانتارلىق ئۆزگىرىش، كۆچۈش قاتارلىقلارغا ئائىت ماتىرىياللارغا ئاساسەن بۇ جايدىكى ھاياتلىقنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە كۆپ تەرەپلىمە ئەھمىيەتلىك چۈشەندۈرۈشلەرنى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، قاقاسچىلىققا تولغان چەكسىز چۆل ئالدىدا يەنىلا ئېغىر ئۇھسىنىشتىن ساقلىنالمىدى. <كروران> دېگەن بۇ ئەسلىدە قىزىقارلىق ۋە يېڭىچە ئاڭلىنىدىغان ئىسىم ئىلىم ئەھلىلىرى تەرىپىدىن ھەمىشە توپىغا ئايلىنىشنىڭ ئەۋرىشكىسى ۋە بەرباتلىقنىڭ ئۈلگىسى قىلىنىپ كىشىلەر ئاگاھلاندۇرۇپ كېلىندى. قەدىمقى كرورانلىقلار بىلەن ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ باغلىنىشى، قەدىمقى كروران مەدەنىيىتىنىڭ ھازىرقى زامان كىشىلىرى ئارىسىدا داۋاملىشىشى، ناھايىتىمۇ ئۇزاقتا قىپ قالغان تىنما مەدەنىيەتنىڭ ھازىرقى دەۋردىكى پائال ئەھمىيىتى ھەققىدە ئۈمىدۋار پوزىتسىيىدە تۇرۇپ ئىزدىنىدىغانلار بەكلا ئاز..............مەن پەرھات ئىلياسنىڭ «كرورانلىق بالىلار» ناملىق رومانىنى ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن قەدىمىي مەدەنىيەت ھىسابلانغان كروران مەدەنىيىتىنىڭ كۆمۈلۈپ قالماي، بەلكى ھازىرقى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىپ يەتكەنلىكىنى، مىڭ يىللاپ چاڭ-توزان ئىچىدە كۆمۈلۈپ قالغان قەدىمقى كروراننى خىيالىدا تىرىلدۈرمەكچى بولغانلىقىنى تونۇپ يەتتىم» [10] دەيدۇ. دەرۋەقە، پەرھات ئىلياس رومان دىتاللىرىنى ئۇيغۇرلانىڭ تىلى، ئەپسانە رىۋاياتلىرى، تۇرمۇشى، ئۆرپ-ئادىتى، تارىخى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە خاس ئەخلاق ئېتىكىسى قاتارلىقلارنىڭ ئىچىدىن ئىزدەيدۇ. ھەم ئۇنى مۇئاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ سەنئەت يۈكسەكلىكىدە بالىلارنىڭ ئالدىغا تاشلايدۇ. بالىلار كروراندىن باشلىنىپ شاخلىنىپ مېڭىۋاتقان «ئۆز يېلتىزى» ئىچىگە باشچىلاپ ماڭىدۇ. يوشۇرۇن ئېڭىدا چۇقان كۆتەرگەن زىلزىلە بالىلارنى «ئۆز يېلتىز»ىدىن كۆكلەش ئىستەكلىرىگە ئاپىرىپ چەمبەرچەس باغلايدۇ. بىز ئەسەر تەپسىلاتلىرىغا تەپسىلىي كۆز يۈگۈرىتسەك مەيلى مەھمۇد كاشىغەرىينى نۇرۇزنامە ئوقۇتۇشلار بولسۇن، قەدىمقى جەڭ مەيدانلىرى بولسۇن، قەدىمقى مەدەنىيەت مىراسلارنىڭ ھەقدارلىق مەسىلىسىدىكى ساددىلارچە ھەرىكەتلەر بولسۇن ھەممىگە ئاپتۇرنىڭ ئۆز يىلتىزىغا بولغان چەكسىز ئىپتىخارلىنىش ھىسسىياتى سېڭىپ كەتكەنلىكىنى كۆرىمىز. مەركىزىي نوقتىدا جۇلالىنىپ تۇرغان نەرسىنىڭ، كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىد بىلەن قاراش ئىكەنلىكى بىزنىڭ ھاردۇقىمىزنى چىقىرىدۇ.

  2. ئىكولوگىيىلىك موھىتقا باغلانغان ئۈزۈلمەس رىشتە

  «كرورانلىق بالىلار» رومانىدىكى چۆچەكسىمان تۈستە ئوقۇرمەنلەرنىڭ قەلبىگە تاپ باستۇرۇپ كېلىۋاتقان يەنە بىر مەزمۇن «ئىكولوگىيىلىك موھىت» مەسىلىسىدۇر. روماندا ئېغىر ھالدا بۇزغۇنچىلىققا دۈچ كېلىۋاتقان موھىت ئالدىدا ئامالسىز ھەسرەت تارتىۋاتقان بۈگۈنكى دەۋر كىشىلىرىگە كەلگۈسى ئالدىدىكى جاۋابكارلىقنى يوشۇرۇن دارىتمىلاشلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويىدۇ. تېخىمۇ ئوبرازلىق ئېيىتقاندا روماندىكى «قار ئۇچقۇنلىرى ناخشا ئىيتالايدۇ، بۇغداي مايسىلىرى ئۇسۇل ئوينىيالايدۇ، قۇمۇشلار تولىمۇ سۆزمەن بولۇپ كېتىدۇ، مۈشۈكياپىلاق كېسەل كۆرەلەيدۇ، قاغا كۆپكە قادىر بىر ھەزرەتكە ئايلىنىدۇ، يېتىمسىرىگەن توغراقلار ئۆز ئەھۋالى ھەققىدە يىغلاپ داتلايدۇ، شور پىشانە ئېشەكلەر ئۆز كۆڭلىدىكى گەپلىرىنى دەپ پۇخادىن چىقىۋالىدۇ......بۇ چۈش ساھىللىرىدا يەنە كىچىك باش قەھرىمانلار قەدىمقى ئەجدادلىرى بىلەن بىللە نۇرۇز بايرىمىنى ئۆتكۈزىدۇ، كۆك مەشرىپىگە قاتنىشىدۇ، ئىز-دىرەكسىز يوقالغان شىنجاڭ يولۋىسى بىلەن ئۇچرىشىدۇ، چايقىلىپ تۇرغان كۆپكۆك لوپ كۆلىدە قېيىقلار بىلەن ئايدىڭ سەيلىسى قىلىشىدۇ، كۆنچى دەرياسى بويىدا بىلىقچى بوۋاينىڭ توغراق ياغىچىدىن ئوت چىقىرىۋاتقان كۆرۈنۈشنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرىدۇ، كۈسەنلىك قىزنىڭ يېقىملىق بالىمان ئاۋازىنى ئاڭلايدۇ......»[11] روماندىكى بىر قىسىم قىسقا ھىكايىلەرگە قارىغىنىمىزدا «تەبىئەت بىلەن ئىنسان ئوتتۇرىسىدىكى مۇۋازىنەت بۇزۇلىدىكەن ھاياتلىق رېتىدىن چىقىدۇ. ئىنسانلار تەبىئەتنى ئاسرىمىغانلىقنىڭ دەردىنى ئېغىر بەدەل بىلەنمۇ تولدۇرۇپ بولالمايدۇ» دېگەن شۈبھىلىك ئاۋاز ۋۇجۇدىمىزنى جىغىلداتماي قالمايدۇ.

  دەرھەقىقەت، تەبىئەت ئىنسانلارنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىنى زىلزىلىگە سىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆزى ھەققىدىكى ئىزدىنىشنىڭ دەسلەپكى قەدەمدىن باشلىغان ئاشۇ كۈنلەردىن باشلاپ ئادەم بىلەن تەبىئەت ئوتتۇرىسىدىكى دىئالوگلارنىڭ ئىزىدىن گۈل – چىچەكلەر ئۈنۈشكە باشلىدى . ئادەملەر تەبىئەتتىن بىر ئۇلۇغلۇقنى ۋە سىھىرلىك بىر قادىرىي كۈچنى ھېس قىلدى . تەبىئەتنى تەڭرى باراۋىرىدە كۆردى . نەتىجىدە ئادەم تەبىئەت تەرىپىدىن نىسىۋىلەندۈرۈلدى . تەبىئەت دۇنياسىدىكى سىرلىق ھايات زەنجىرى ئۇلارنى مول نىئمەت ۋە باياشاتلىققا ئىگە قىلدى. مىللەت ئېڭىنىڭ مەھسۇلىدىن بىرى ھىسابلانغان ئەدەبىيات – سەنئەت گۈللىنىپ، ئادەملەرنىڭ مەنىۋىيىتى مىسلىسىز جانلاندى . ئۇلار ئۆزى تەلمۈرۈۋاتقان جەننەتتە ئەمەس، ئۆزى بەرپا قىلغان جەننەتتە ياشىدى . ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشىگە ھەم كەلگۈسىگە ئەقىل ھەم مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئەمەس، بەلكى تېخنىكا يۈكسەكلىكى ۋە كۆز ئالدىدىكى رىئال مەنپەئەت بىلەنلا قاراپ، مەنپەئەت قۇيۇنلىرى ئىچىدە ھەرقايسى جەھەتلەردە ياتلىشىش كىرزىسىگە پاتقاندا، تەبىئەت ئادەملەردىن رەھىمسىزلەرچە ئۆچ ئالدى. سۇ مەنبەلىرى ئازايدى، زېمىننىڭ قۇملىشىشى تېزلىشىپ قۇرغاقچىلىق، قۇم-بوران ۋە تۈرلۈك تەبىئىي ئاپەتلەر ھەددىدىن زىيادە كۆپ يۈز بېرىدىغان بولدى. كىلىمات نورمالسىزلاشتى ، ئاتموسفىرا ۋە ‹‹يەر شارى كەنتى››نىڭ بۇلغىنىشى ئېغىرلىشىپ، ھاياتلىق شارائىتى تارىيىشقا باشلىدى . . .

  «ئاسىيانىڭ غەربىدىكى دەجلە ۋە ئىفرات دەريا ۋادىسىدا بارلىققا كەلگەن سەلتەنەتلىك بابىلۇن مەدەنىيىتى، بىزنىڭ دىيارىمىزدىكى ئىنسانلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى مەدەنىيىتى بارلىققا كەلگەن، ئىقلىمنى ئىقلىمغا تۇتاشتۇرىدىغان يىپەك يولىنىڭ تۈگۈنى بولغان «كىروران دۆلىتى» ئوخشاش تەقدىر – قىسمەت بىلەن ئورمانلارنى ۋەيران قىلىش سەۋەبلىك تېزگىنسىز قۇم – بوراندا ۋەيران بولدى»[12]يەر تەۋرەش، كەلكۈن كىشىلەرنىڭ تىزگىنسىز ھالدىكى ئەيش – ئىشرىتىنى ھەش – پەش دىگۈچە يالماپ تۈگەتتى . تېخى تۈنۈگۈنلا ھاياتلىق قىزغىنلىقىغا تولغان كۇجۇم – كۇجۇم مەھەللىلەر بىر كىچىنىڭ ئىچىدىلا قۇم ئاستىدا تىپىرلاشقا مەجبۇر بولدى . . .

  بۇ روماننىڭ ئىكولوگىيىلىك موھىت تېمىسىغا ئۇرۇنۇش نوقتىسىدىكى يەنە بىر ئالاھىدىلىك بولسا موھىت تېمىسىنى باشقا ئەسەرلەرگە ئوخشاش «ئادەملەرنىڭ ھەسرىتى بىلەن ئەمەس، تەبىئەتنى ۋە تەبىئەتتىكى مەۋجۇدىيەتلەنىڭ ئۆزىنى سۆزلىتىش » ئارقىلىق يورۇتۇپ بېرىشتۇر. ئەسەردە قۇمۇشلار ئىنسانلارغا شۇنداق خىتاب قىلىدۇ. «بىز قۇمۇشلارنىڭ ياشاش ئىقتىدارىمىزغا ھىچقانداق نەرسە تەڭلىشەلمەيدۇ. سۇسىز قۇرۇپ قالغان قۇمۇش يىلتىزى مەيلى ئاپتاپتا قانچىلىك ۋاقىت قاقلانسۇن، مەيلى چانىلىپ پارە-پارە بولۇپ كەتسۇن، نەچچە ئون يىلدىن كېيىنمۇ پەقەت سۇغىلا ئېرىشەلىسە قايتىدىن كۆلەۋىرىدۇ. بۇ جەھەتتە سىلەر ئادەملەر بىزگە تەڭلىشەلمەيسىلەر................سىلەر بىز قۇمۇشلارنى چۈشەنمىگىنىڭلار بلەن، بىز قۇمۇشلار سىلەرنى بەش قولدەك بىلىمىز ھەم بۇ جەھەتتە نۇرغۇن تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىپ، نەچچە توملڭق قامۇسلارنىمۇ يېزىپ بولغان. ئادەملەر سۇسىز ئەڭ ئۇزاق دېگەندىمۇ پەقەت يەتتە كۈنلا ياشىيالايدۇ. ئۇسسۇزلۇققا ئەڭ چىداملىق سانىلىدىغان ياۋا تۆگىلەرمۇ ئىككى ھەپتە سۇ ئىچمىسە ئۆلۈپ قالىدۇ. بىز قۇمۇشلارنىڭ يەنە بىر ئارتۇقچىلىقىمىز، يەر شارىدىكى بارلىق قۇمۇشلارنىڭ نىشانىمىز ھەر ۋاقىت بىرلا. ئۇ بولسىمۇ دۇنيانى يېشىلچىلىققا پۈركەش. بۇ جەھەتتە سىلەر بىزدىن ئۈگەنسەڭلار بولىدۇ.......»[13] قۇمۇش ئاكادېمىيىسىنىڭ ساھىبقىرانى بىلدۈرگەك دېگەن قۇمۇش بالىلارنى پۈتۈن قۇمۇش ئېلىنى زىيارەت قىلدۇرغاندا تېخىمۇ ئىچكىرلىگەن ھالدا «بىزدىكى مەكتەپ ئۇقۇمى بىلەن سىلەر ئىنسانلارنىڭ مەكتەپ ئۇقۇمىڭلار ئوخشىمايدۇ. ئىنسانلار بالىلىرىنى بىر جايغا يىغىپ، مەخسۇس ئوقۇتقۇچىلارنى بىكىتىپ تەربىيلەيسىلەر. بۇ ئۈگەنگەن بىلىملىرىنى ئەمەلىيەتكە تەدبىقلاش باشقا بىر گەپ. بۇنىڭدىن كۆرە بىۋاستىلا ئەمەلىيەت بىلەن، يەنى كەڭ تەبىئەت دۇنياسى بىلەن ئۇچرىشىپ ئۈگەنگەنگە يەتمەيدۇ. بىز قۇمۇشلارنىڭ مائارىپ قارىشىمىزدا بۇ ىىل ئادەتنى ئەزەلدىن تارتىپ چەكلەپ كەلگەنمىز. چۈنكى، مەيلى قۇمۇشلار ياكى ئىنسانلار بولسۇن، ھەممىسىلا تەبىئەت ئانىنىڭ بالىلىرىمىز. نەدە ئۈنگەن بولساق شۇ جاي ھەم بىزنىڭ ئۆيىمىز، ھەم مەكتىپىمىز. يەنى بىز تەلىم تەربىيىنى تەبىئەت بىلەن بىرلەشتۈرگەن ھالدا ئېلىپ بارىمىز. ئەتراپتىكى ئاتا-ئانا، ئاكا-ھەدە، ھەتتا ئىنى-سىڭىللىرىمىزمۇ ھەممىسىلا بىزنىڭ مۇئەللىملىرىمىزدۇر. قاراش جەھەتتە ئىنسانلار بىلەن ئەڭ چوڭ پەرقىمىز شۇكى، سىلەر ئۆز خاھىشىڭلارغا ئاساسەن تەبىئەت دۇنياسىنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشىسىلەر. ئەمما، بىز قۇمۇشلارچۇ، تەبىئەتنى بەك مۇقەددەس بىلىمىز. ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆزگەرسەك ئۆزگىرىمىزكى، ھەرگىز ئۇنى ئۆزگەرتىش ئويىدا بولمايمىز... ..... »[14] دەپ چۇقان سىلىش ئارقىلىق ئادەم بىلەن تەبىئەت دۇنياسى ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتتىن باشقا، تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ئىچكى مۇۋازىنىتىنىمۇ سىستىمىلىق شەرھىيلەشكە ئۇرىنىدۇ. روماندا «غىرىب ئۇۋىلار» قۇشلارنى سېغىنىپ ھەسرەتلىك شېئىرلارنى ئوقۇيدۇ. توغراقلار يىغلايدۇ. ئاخىرىدا تەبىئەت بالىلارنىڭ قەلبىدە چۇرۇقلاشقا باشلايدۇ. بالىلارنىڭ يوشۇرۇن ئىڭى تەبىئەتكە قاراپ ئېقىشقا باشلايدۇ. بالىلار بالىلىق ساپ ھىسسىياتى بىلەن تەبىئەتكە باغرىنى ياقىدۇ.

  ئاپتۇر روماننىڭ «ماڭالايدىغان ئورمان» دېگەن قىسمىدا «ئافرىقا قىتئەسىدىكى سەھرايى كەبىر چۆلى» نىڭ شەكىللىنىش تراگىدىيىسىنى تەبىئەتنىڭ خانىۋەيرانلىقىغا ئاپىرىپ تاقايدۇ. ئورمانلارنىڭ، قۇشلارنىڭ كاززاپ بىر قەۋىمنىڭ بۇزغۇنچىلىقىدىن نارازى بولۇپ كۆچۈپ كېتىۋاتقانلىقىدەك بىر ھىكايە سىيۇژىتى، ھەم ئادەملەرنىڭ ئەبەدىيلىك پۇشايمىنىنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق ئىنسانىيەتنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنىڭ ئىكولوگىيىلىك موھىتنى ئۆزىگە شەرت قىلىدىغانلىقىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. قەبرىدەك كۆرىنىدىغان زېمىننىڭ كېيىنكى تەقدىرىنى ئاپتۇر شۇنداق تەسۋىرلەيدۇ. «ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۇ جايدا بوران چىققان مەزگىلدە دائىم ئادەملەرنىڭ «ھۈ» تارتىپ يىغلىغىنىدەك، نالە-پەرياد قىلغىنىدەك، ئۇرۇشۇپ بىر-بىرىنى تىللىشىۋاتقاندەك ئاۋازلار چىقىپ تۇرارمىش. بۇلار ئەسلىدە ئۆزلىرىگە بەخىت سائادەت ئاتا قىلغان ئاشۇ شاپائەتلىك ئورماننى سېغىنىشىپ يىغلاشلىرى، نالە-پەرياد قىلىشقانلىرى ھەمدە ئاچ كۆزلۈك، كاززاپلىق قىلىپ ئورماننى رەنجىتىپ قويغانلارنى تىللاپ دۆشكەللەشلىرى ئىكەن.» [15]ئاپتۇر ئارقىدىنلا بالىلارغا گەپنىڭ ئوچۇقىنى قىلىدۇ. «كىچىك دوستلار، شۇ ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭلار پۇتى بولۇپ قالماي، يەنە دەل-دەرەخ، گۈل-گىياھلارنىڭمۇ پۇتى بولىدۇ. ناۋادا ئۇلار سىلەردىن رەنجىپ قالسا، ئۇلار شۇنچىلىك تېز قاچىدۇكى، ھەر قانچە قوغلاپمۇ تۇتۇپ قالالمايسىلەر.» [16]

  دېمەك، ھېكايە تەپسىلاتلىرىنى موھىت تېمىسىغا يۆتكىگەندە، بالىلارغا ئۆز رىسقىنىڭ ماھىيەتتىن ئالغاندا تەبىئەتكە چېچىلغانلىقىنى، تەبىئەت مۇھەببىتىنىڭ بالىلارنىڭ قەلبىگە ئۈزۈلمەش رىشتە بولۇپ چېگىلىشى ۋە ئۇنتۇلماسلىق كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلىپ ئۆتىدۇ.

  3. مەدەنىيەتلەر ئارىسىدىكى دۇنياۋىي بىردەكلىككە ئىنتىلىش

  روماننىڭ كەسمە يۈزىدە بىزگە غىل-پال كۆرۈنۈپ، ئەسەرنىڭ ئىدىئال باش تېمىسىغا ھۆسىن قوشىدىغان يەنە بىر مەزمۇن، رومان تەپسىلاتىدىكى باش قەھرىمانلارنىڭ مەدەنىيەتلەر ئارىسىدىكى دۇنياۋىي بىردەكلىككە ئىنتىلىپ، ئۆزىنىڭ نىسىۋىسىگە بولغان ئېگىدارچىلىق ئېڭىنىڭ ئويغىنىشىدۇر.

  بىز ھەر قېتىم بالىلىرىمىزنىڭ كېلىچىكى ھەققىدە ئويلانغىنىمىزدا ۋۇجۇدىمىز بىر خىل شۈبھە ۋە ئەنسىرەش تۇمانلىرى بىلەن ئېغىر ۋەس-ۋەسىلەرگە دۇچار بولىدۇ. ئابىستىراكىتنىلىق ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەلىم-تەربىيەلەرنىڭ ئاقماي قىلىۋاتقانلىقىدىن ۋايىم يەيمىز. بالىلارنىڭ چىقىش يولى ھەققىدە تەپەككۇرلارنى قىلىپ باقىمىزيۇ، لېكىن تەپەككۇرىمىزدىكى ئادەتلەنگەن ھەم ئادەتلەندۈرۈلگەن ئىدىيىلەر ئارغامچىسى بالىلارنى باغلاشقا تەييار تۇرىدۇ. بىز بالىلىرىمىزنىڭمۇ ساپ بالىلىق قەلبى بىلەن مەدەنىيەتلەر ئارىسىدىكى دۇنياۋىي بىردەكلىككە ئىنتىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئىنسان قاتارىدا ياشاۋاتقان بالىلار بىلەن ئىدىيە سوقۇشتۇرۇپ باقسا، ئۇلار بىلەن بالىلىقنىڭ گۈزەل كۈيلىرىدىن تەڭ بەھرىمان بولسا بولىدىغانلىقنى چۈشىنىمىز ھەم چۈشىنىشكە جۈرئەت قىلالمايمىز. پەرھات ئىلياسنىڭ روماندىكى يەنە بىر مۇۋاپپىقىيىتى بولسا دەل بالىلارنىڭ ئىسيانكارلىق بىلەن ئۆز ۋۇجۇدىن چىقىپ پۈتۈن ئىنسانىيەتنى قۇچاقلاش ئۈچۈن باغرىنى ئاچقانلىقىنى بىزگە پۇرۇتۇپ ئۆتكەنلىكىدۇر. ھەم بالىلىرىمىزدا چوڭلارنىڭ ۋۇجۇدىغا يىلتىز تارتىپ كەتكەن «كەمسىنىش» پىسخىكىسىدىن قۇتۇلۇپ ئەركىن، ھۆر تەپەككۇر ئىگىسىگە ئايلنىش ئۈچۈن تىركىشىۋاتقانلىقنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىدۇر.

  ئاپتۇر روماندا بالىلارنىڭ «خىسلەتلىك ئەڭگۈشتەرلەر» ياردىمى ئاستىدىكى سەپەر جەرىيانىدا «ياپۇنىيە، ئامرىكا، گىرمانىيە، فىرانسىيە، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى مەدەنىيەت زاتلىرى ۋە بالىلار بىلەن ئۇچرىشىشلىرى ۋە يىراق دېڭىز ئوكيانلارغا بېرىش كۆرۈنۈشلىرى ئارقىلىق بالىلارنىڭ ئەركىن پەرۋاز قىلىشقا قانچىلىك تەشنا ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ.»[17] كرورانلىق بالىلار دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا سەيلە ساياھەت ۋە ئىلمىي يىغىنلارغا بارغاندا، بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ چېچەن، زېرەكلىكىنى نامايان قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن يەرلىك خەلقلەر بىلەن ئۇچرىشىپ زوراۋانلارغا قارشى تۇرۇپ، رەزىللىكنى يوقىتىش، نامراتلارنى يۆلەپ، ئاجىزلارغا ياردەم بېرىش غايىلىرىنى ئىپادە قىلىدۇ. ئۇلار ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى مەرىپەت ساھىبلىرىنى زىيارەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن ياپۇنىيىگە بارىدۇ. «كروران مەلىكىسى» توغرىسىدا ئىچىلغان يېغىنغا قاتنىشىدۇ. «دىسنىي باغچىسى»، ياپۇنىيە قونچاق فىلىمىدىكى «ئەقىللىق يىشۇ» لار ئۇلانىڭ پائالىيەت دائىرىسى ئىچىدە ھەرىكەت قىلىدۇ. ھەتتا «ئەقىللىق يىشۇ» ھەل قىلالمىغان قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، مەنىسىزلىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. چۆچەك ئىجادچىسىنىڭ پىرى ئاندېرسېن بىلەن ھەتتا «سەرەنگە ساتقۇچى قىزچاق» بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭغا كەپسىز بالىلار ئېلىپ قېچىپ كەتكەن بىر پاي كەشىنى تېپىپ بېرىدۇ. ئارقىدىن «فىرانسىيە دۆلەتلىك كۇتۇپخانىسى» نىڭ تەكلىپى بويىچە داڭلىق دۇڭخۇئاڭشۇناسلار، تىلشۇناسلار، تۇرپانشۇناسلار، كرورانشۇناسلار، ئارخولۇگلار قاتناشقان سۆھبەت يېغىنىغا قاتنىشىپ ئۆزىنىڭ سېھرىي كامالەتلىرى بىلەن دۇنياۋىي كىملىكتىكى بالىلار ئوبرازىنى يارىتىشقا تىرىشىدۇ. گىرمانىيىنىڭ دۆلەتلىك كۇتۇپخانىسىدىكى «مىڭ ئۆيلەر»نىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنى فانتازىيىلىك تۈستە ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. ئاپتۇر روماننىڭ «مىڭ ئۆيلەرنىڭ نالىسى» دېگەن بابىدا، ئىكىسپىدىيچىلەر تەرىپىدىن تالان-تاراجغا ئۇچرىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىمىزنى زۇۋانغا كەلتۈرۈپ شۇنداق دېئالۇگلارنى قالدۇرىدۇ:

  « __ مەن بۇرخاندۇرمەن، ئەسلى ماكانىم جۇڭگۇ شىنجاڭدىكى قىزىل مىڭئۆي.....بۇ يەردە مەھبۇسلۇقتا ياشاۋاتقىنىمغا بىر ئەسىر بولاي دېدى. ئۆز يۇرتۇمنى، ئۆز ئېلىمنى خۇيمۇ سېغىندىم. ئۇۋۇلۇپ توپىغا ئايلىنىپ كەتسەممۇ ئۆزۈم ئاپرىدە بولغان ئاشۇ تۇپراققا قوشۇلۇپ كەتسەم دەيمەن. .......... بۇنىڭدىن توقسان يىل ئىلگىرى موشۇ يەرلىك لىكوك دېگەن بىر سەيياھ قىزىل مىڭئۆينىڭ تېمىدىن مېنى ئويىۋىلىپ بۇ يەرگە ئېلىپ كەلگەن. بۇ يەردە مەن بىلەن بىللە كەلگەن باشقا قىرىنداشلىرىممۇ بار. ........

  __ ئانا ماكانىمىز دۇنخۇاڭدىكى موگاۋ مىڭئۆيىدە تۇرساقلا ئاندىن ئۆزىمىزنى بەخىتلىك سېزىمىز. ......

  __ بەدىىمدىكى ھەر بىر جاراھەتكە بىر دەۋرنىڭ تارىخى پۈتۈكلۈك. .....»[18]

  ئاپتۇرنىڭ بۇنداق دېئالۇگلارنى بېرىشى ھەرگىزمۇ تاسىدىپىيلىكنىڭ مەھسۇلى ئەمەس. مىڭئۆيلەرنىڭ بۇ نالىلىرىنى ئاڭلىغان بالىلار سېھرىي كارامىتىنى ئىشقا سېلىپ چۈشسىمان رېئاللىقىدا بولسىمۇ بىر قېتىم مەقسىتىگە يەتمەكچى بولىدۇ. ئاپتۇر ئارقىدىنلا ئۇستىلىق بىلەن ئۆزىنىڭ غايىسىنى بالىلارنىڭ فانتازىيىلىك دۇنياسىدا پارلاندۇرۇشقا باشلايدۇ. «نەغمىكەشلەر بەرباپ، غوڭقا، بالىمانلىرىنى بىر-بىرىگە ماسلاشتۇرۇپ شۇنچىلىك ياڭراق ئاۋازدا چالدىكى، پۈتكۈل كۇتۇپخانىدىكى مىڭ ئۆيلەردىن ئېلىپ كېلىنگەن بارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بۇ ئاۋازنىڭ سېھرىي كۈچىدە ئاستا-ئاستا ئويغىنىشقا باشلىدى. يەنە كروراندىن ئېلىپ كېلىنگەن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىمۇ ئۇيقىدىن ئويغىنىپ، بۇ قەدىمىي مۇزىكىنى ھوزۇرلىنىپ ئاڭلاشقا باشلىدى. بۇ مۇزىكا ئۇلارغا يىراق قەدىمنى ئەسلىتىپ، ئۇلارغا ئۆز ماكانىدىكى ئەزىز تۇپراقنىڭ ھىدىنى پۇرىتىشقا، ياپيېشىل بوستانلىقلار، سۈپسۈزۈك سۇلار، خىلۋەتلەردە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان ئىخلاسمەن راھىبلار، كۈن نۇرىدا ئالتۇندەك تاۋلىنىپ تۇرىدىغان قۇم بارخانلىرى، كۆپكۈك ئاسمان، ئاسماندا ئەركىن پەرۋاز قىلىپ يۈرگەن قۇشلارنى كۆز ئالدىغا كەلتۈردى. بۇ مۇزىكىنى ئاڭلىغانچە ھاياجاندىن بەدىنىگە ئىسسىق بىر سېزىم يۈگۈرۈشكە باشلىدى. ........................مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئۇچقان پېتى كۇتۇبخانا ئىشىكىدىن چىقىپ، ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى. بۇنى كۆرگەن باشقۇرغۇچىلار دەرھال ئىشىك دەرىزىلەرنى مەھكەم تاقاشتى. بىراق، تۈرگۈن بەشەيلەن تۇرغان يەدە ئۇلارنى تۇتۇپ قىلىش مومكىن ئەمەس ئىدى....مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى قايسى تامغا يېقىنلاشسا، شۇ تامدىن ئۆزلىكىدىنلا بىرەر ئىشىك پەيدا بولۇپ، ئۇچۇپ چىقىپ كېتىۋەردى. ئاخىرى كۇتۇبخانىدىكى مىڭئۆيلەردىن ئېلىپ كېلىنگەن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ھەممىسى سىرىتقا قېچىپ چىقتى_ دە، خۇددى قاقىرلاردەك قاتار تىزىلىپ ئۆز ماكانىغا قاراپ لەرزان ئۇچۇشقا باشلىدى. بۇ كارامەتنى كۆرۈشكەن بىرلىنلىقلار ھەيرانۇھەس قالدى، ھەتتا ئايرۇپىلانلارمۇ ئۇلارنى توسۇپ قالالمىدى........» [19] بۇ بايانلار رىئاللىقىمىزغا نىسبەتەن بىر خىيال خالاس. ئەمما غايىمىزگە نىسبەتەن ئېيىتقاندىچۇ؟........

  پەرھات ئىلياس مىللەتنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىدا ئۈزلۈكسىز كۆتۈرۈلۈپ چىقىۋاتقان، ئومۇمىي توپقا ئورتاق بولىۋاتقان، نۆۋەتتىكى زىممىمىزدە پەرىز ھەم قەرىز بولۇپ كەتكەن بۇ غايىمىزنى بالىلارنىڭ خىيالىدا رىئاللىققا ئايلاندۇرىدۇ. قىسقىسى، بالىلىقنىڭ تۇتۇپ ئالغىلى بولماس خىياللىرى بىزنى سۆيۈملۈك ئۈمىدنىڭ قېشىغا باشلاپ بارىدۇ. بىز بالىلىرىمىز بىلەن قول تۇتۇشۇپ، دادىللىق بىلەن كەلگۈسىگە يۈزلىنىمىز. مەدەنىيەتلەر ئارىسىدىكى دۇنياۋىي بىردەكلىككە ئىنتىلىش تۇيغۇمىز قايتىدىن جانلىنىشقا باشلايدۇ.

  روماننىڭ سۆيۈملۈك تەرەپلىرى ھەقىقەتەن كۆپ. بەلكىم تەھلىلىمىزنىڭ باش قىسمىدا بېرىلگەن «ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئانا تېمىلار» دېگەن ئۇقۇملار ھەققىدىكى پىچقان تونمىز بەلكىم سەل بالدۇر بولۇپ قالغاندۇر ياكى كەمتۈك بولۇپ قالغاندۇر. ئەمما پەرھات ئىلياسنىڭ بالىلار رومانىدا دەۋايىمىزنىڭ ۋايىغا يەتكەنلىكى بىر ھەقىقەت. مېنىڭچە ئوقۇرمەنلەرگە نىسبەتەن تەھلىللىرىمنىڭ ئاساسى بار دېگەن قاراشتىمەن.

  (4)

  «كرورانلىق بالىلار» رومانىنى تۇنجى قېتىم ئوقۇپ بولغاندا مەندىكى دەسلەپكى تەسىرات «رومان سەل كەمتۈك بولۇپ قالدىمۇ قانداق؟» دېگەن بىر تۇيغۇ ئىدى. ئۆزۈمنىڭ بەدىئىي زوقلىنىش ئادىتىمگە قايتا نەزەر تاشلاپ باقتىم. كاللامدا «روماننىڭ ئاخىرى بارمۇ قانداق؟» دېگەن سۇئال شەكىللەندى. شۇنىڭ بىلەن مەن روماننى يەنە بىر قېتىم ئوقۇپ چىقتىم. تەسىراتىم يەنە باشقىچە ئىدى. مەن رومانغا يەنە قانمايۋاتاتتىم. يەنە ئوقۇسام يەنە يېڭى تۇيۇلىۋاتاتتى. «ئەدەبىيات كوچىسى»غا قەدەم باسقان دەسلەپكى چاغلىرىمدىكى شېئىرىيەتكە بولغان ئوتتەك ھىرىسمەنلىكنىڭ مېنى بىر «ساراڭ، بەڭباش بالا» غا ئايلاندۇرۇپ قويغانلىقى ئىسىمدىن كەچتى. تۇيۇقسىز بالىلىقىمدىكى پەرھات ئىلياس بىلەن غايىۋىي سىردىشىشلىرىمنى ئەسلىدىم. مەن ئاشۇ چاغدا پەرھات ئىلياسنىڭ ئالدىغا ئەسەبىيلەرچە شېئىرىي چاڭقاشلىرىمنى بېسىش ئۈچۈن «چوغ سوراپ» بارغان ئىدىم. پەرھات ئىلياس قولۇمنى چىڭ سىقىپ «چوغ سورىغان بالا» دېگەن توپلامىدىكى شېئىرچاقلىرىنى ماڭا ھەدىيە قىلغان ئىدى. مەن ئوتتەك قىزىق چاڭقاشلىرىمنى چوغ بىلەن بېسىپ بىلىپ-بىلمەي بۈگۈنگە ئۇلاشقان ئىدىم. مانا بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىيات تارىخى بويىچە ئاسپىرانىتلىقتا ئوقۇشقا نائىل بولغىنىمدا پەرھات ئىلياس بىلەن يەنە دىدارلىشىش پۇرسىتىگە قايتىدىن ئىرىشىپ تۇرۇپتىمەن. قېنى پەرھات ئىلياس بىلەن غايىۋىي سىردىشىپ بىر ئېغىز گېپىمنى دەپ باقاي ئۇ نېمە دەيدىكىن:__ پەرھات ئەپەندىم، رومانىڭىزنىڭ بىر يەرلىرى كەم قالغاندەك بىلىندى......خۇددى داۋامى باردەك.........

  __ ئىنىم، بالىلىق كەمكۈتىسىز بولمايدۇ. ئىنساننىڭ پىشقان قىرانلىق مەزگىلىگىمۇ بالىلىقنىڭ ساددا خاتىرىلىرى يۇيۇپ ئۆچۈرۋەتكىلى بولمايدىغان ئەبەدىيلىك سايىلىرىنى تاشلىغان بولىدۇ. شۇڭا مەنمۇ ئۆزۈمنى «چوپچوڭلا بىر بالا» دەك ھىس قىلىمەن. «كرورانلىق بالىلار»غا كەلسەك، ئۇ ئايىغى ئۈزۈلمەس بىر ئېقىن. ئۇنىڭدا بالىلىقىمىزنىڭ چوپچوڭ ئىنسانغا خاس چۇقانلىرىمۇ ئۆز ئەكسىنى تاپتى. شۇڭا بۇ كەمتۈكلۈكلەرنى ئەقلىڭىزگە سىغدۇرىشىڭىز كېرەك. «كرورانلىق بالىلار»نىڭ يىلتىزى دىيارىمىزدىكى يۇلتۇزدەك تارالغان بوستانلىقلارنىڭ نەچچە ئەسىرلىك تارىخىغا چىڭ چىرماشقان. ئۇلار كەڭرى كەتكەن ۋاقىت بوشلىقىغا قاراپ سەيلى قىلىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ خىيالى تېخى تۈگىگىنى يوق. ھەم ئەبەدىي تۈگىمەيدۇ...........

  مەن ئەمدى نېمىمۇ دېيەلەيىتتىم. مانا پەرھات ئىلياس نەخ گەپنى دېدى. مەن بالىلارچە سوقۇققانلىق بىلەن «كرورانلىق بالىلار» رومانىنى، باشقا ئەللەر ئەدەبىياتىدىكى نادىر بالىلار ئەدەبىياتى ئەسەرلىرى بىلەن سىلىشتۇرما قىلىپ باقماقچى بولدۇم. قولۇمغا «كرورانلىق بالىلار» رومانى بىلەن مەن ئىلگىرى ئوقۇپ ئۆتكەن باشقا ئۈچ پارچە رومان ۋە پوۋسىتنى ئالدىم. بىرسى مەشھۇر تۈرك يازغۇچىسى ئەزىز نەسىننىڭ «ھازىرقى بالىلار كارامەت» نامىلىق ئەسىرى، يەنە بىرى نورۋېگىيىلىك جوستېئىن گائادېرنىڭ بالىلار ئۈچۈن يېزىلغان «سوفىيەنىڭ دۇنياسى» نامىلىق رومانى، ئاخىرقىسى 1909- يىلى نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن شۋېتسىيىلىك سېلما لاگەلوفنىڭ «نىلىسنىڭ غاز ئۈستىدىكى ساياھىتى» نامىلىق رومانى ئىدى. مەن تۆت پارچە ئەسەرنى ئىككى قولۇمدا چىڭ تۇتۇپ يېزىقچىلىق ئۈستىلىمگە «دەتتىكام» دەپ تاشلىدىم. «ھازىرقى بالىلار كارامەت» ناملىق ئەسەردىن ئەزىز نەسىن بېشىنى چىقىرىپ «ھەممىڭلارنى ئۆز بالىلىرىمدەك سۆيىمەن. پۈتۈن سۆيگۈلەرگە ئوخشاش، بۇ سۆيگۈدىمۇ شەخسىيەتچىلىكىمىز بار. چۈنكى، بىز ياشانغانلار سىلەرنىڭ ھاياتىڭلاردا ياشايمىز، ئۆمۈر سۈرىمىز دەپ ئويلايمىز ۋە شۇنداق بولىشىغا ئىشىنىمىز. يالغۇز ئۆز بالىلىرىمنى ۋە تۈرك بالىلىرىنىلا ئەمەس، ئامرىكا، رۇس، نېمىس، ئەرمەن، جۇڭگۇ، سىگان........ۋە دۇنيادىكى پۈتۈن بالىلارنى سۆيىمەن». [20] بىر نەرسىنى ئۇنتىمىغايسىلەركى مەن بۇ ئەسىرىمنى «بالىلار ئۈچۈنلا ئەمەس، ئاتا-ئانىلار بىلەن ئوقۇتقۇچىلار ئۈچۈنمۇ يازدىم» دەپ ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىدۇ. ئەزىز نەسىن ئەسەر قۇرۇلمىسىنى بالىلارنىڭ بىر بىرىگە يېزىشقان سالام خەتلىرى بىلەن قوراشتۇرۇپ، چوڭلارغا ئاچچىق كىنايىلەرنى قىلغان ئىدى. بالىلار نىڭ «ئوماق خاتالىقلىرى» ئارقىلىق چوڭلارنى تەربىيلەشكە ئۇرۇنغان ئىدى. ھەتتا ئەسىرىنى ئەڭ ئاخىرىدا «مەن سىلەرگە مەن ياشانغان، سىلەر بالا بولغىنىڭلارەك مۇئامىلە قىلمىدىم، ئۆزۈمنىڭ سىلەردەك بالا بولالمايدىغانلىقىمغا نىسبەتەن سىلەرنىمۇ ئۆزۈمدەك چوڭ ھىسابلىدىم، سىلەرنى بالا ئورنىغا قويماي، چوڭلار ئورنىغا قويدۇم. لېكىن، يەنىلا بالا ئىكەنلىكىڭلارنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىققا تىرىشتىم. شۇنىڭ ئۈچۈن، مەن بۇ كىتابتا نېمىلەرنى قىلماقچى بولغانلىقىمنى سىلەرگە ئىزاھلاشقا تىرىشتىم. ھەر بىر سۆزۈمنى ئۆز ئۆلچىمىڭلار دائىرىسىدە چۈشىنىشىڭلارغا ئىشىنىمەن.» [21] دەپ ئاياغلاشتۇرۇپ بالىلارغا تەسەللىي بەرگەن ئىدى. قارايدىغان بولساق، ئەزىز نەسىننىڭ ئۇسلۇبى ئەنئەنىۋىي رىئالىستىك رامكىلارنىڭ نېرىسىغا ئۆتمىگەندەكلا بىلىنەتتى. شۇنىڭ بىلەن جوستېئىن گائادېرنىڭ «سوفىيەنىڭ دۇنياسى» نامىلىق رومانىغا كۆز يۈگۈرىتتىم. مېنى سۈر بېسىشقا باشلىدى. ئەقلىيلىكنىڭ تارىخى ئېقىنى روماننىڭ ئۈگە-ئۈگىلىرىگە تۇتاشقان بولۇپ، ياۋرۇپا پەلسەپە تارىخىنىڭ بالىلار قەلبىگە سىغدىلىۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى قالايمىقان ئۇلانغان كىنو لىنتىسىدەك ئادەمنى ھالسىرىتىپ قوياتتى. مەن روماندىكى ئۇقۇم ۋە ئوبرازلار قوينىدا لەيلەپ قالدىم. «ناتۇرالىستىكپەيلاسۇپلار»، «دېموكرىت»، «سوقرات»، «ئەپلاتۇن»، «ئارىستوتېل»، «گرېك مەدەنىيىتى»، «ئوتتۇرا ئەسىر»، «ئەدەبىي ئويغىنىش»، «باروكۇدەۋرى»، «دىكارت»، «سپنوزا»، «لوك»، «يۇم»، «بېركىلىي»، «بجېركلېي»، «كانت»، «رومانتىزىم»، «گېگېل»، «كېرگارد»، «ماركس»، «دارۋېن»، «فروئىد».............قاتارلىق بىر تالاي ئۇقۇم ۋە ئوبرازلار ئىخچام تۈستە بالىلارنى ئۆزىگە ماگىنىتتەك تارتىدىغانلىقىدا گەپ يوق ئىدى. لېكىن بۇنېڭغا نورمال سەۋىيە كۇپايە قىلمايىتتى. ناۋادا ئاپتۇر ئىپادىلىش ئۇسۇلىدا سەللا بىخەستەلىك قىلسا بۇ ئىدىيىلەرنى بالىلار قوبۇل قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، «ئالە شەرىڭنى» دەپ پەش قېقىپ كېتىپ قالاتتى. مەن بىر ئىلىم ساھىبىغا ياراشمايدىغان زىرىكەرلىك تۇيغۇ ئىچىدە روماننى ئېغىر ئۇھسىنىپ يېپىپ قويدۇم. يېپىپ قويۇشۇم ھەقىقي زىرىككەنلىكتىن ئەمەس، توغرىسىنى دېگەندە غەرىب پەلسەپىسىگە بولغان ھۆرمىتىمدىن ئىدى. ئاخىرىدا سېلما لاگەلوفنىڭ «نىلىسنىڭ غاز ئۈستىدىكى ساياھىتى» نامىلىق رومانىنى قولۇمغا ئالدىم. بۇ كىتابتا شۋېتسىيىنىڭ ئەڭ جەنۇبىدىكى سېكونى ئۆلكىسىنىڭ غەربى ۋېمېنخوگ يېزىسىدا تۇرۇشلۇق نىلىس دېگەن ئوغۇل بالا ھېكايە قىلىناتتى. مىجەزى غەلىتە بۇ بالا ئوقۇشقا زادىلا قىزىقمايىتتى. ھەدېسىلا كەپسىزلىك، بەڭباشلىق قىلىپ ئاتا-ئانىسىنى بەك قاخشىتاتتى. قىلىقسىز، تەبىئەتنى سۆيمەيدىغان، چوڭلارنىڭ نەسىھىيىتىنى ئاڭلىمايدىغان بۇ شۇمتەكنى كىچىك تۈلكە پەرىشتە چىمچىلاق بارماقچىلىك بالىغا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. شۇنىڭ بىلىن نىلىس ئۆز قولىدا باققان غازغا مېنىپ، بىر توپ ياۋا غاز بىلەن سەككىز ئاي بىرگە بولىدۇ. ئۇ پۈتۈن شىۋىتسىيىنى ئايلىنىپ چىقىدۇ. بۇ ساياھەت ئۇنى تەربىيلەپ ئۇنىڭغا شۋېتسىيىنىڭ كۆركەملىكىنى، خەلقنى، ۋەتەننىڭ تاغ دەريالىرىنى، ھايۋانلىرىنىمۇ سۆيۈشنىڭ لازىملىقىنى تونىتىدۇ. ئۇ پۈتۈن شۋېتسىيىنى ئايلىنىپ چىقىپ خۇش پېئىل سەمىمي، ئاق كۆڭۈل ۋە تولىمۇ مەسئۇلىيەتچان بالىغا ئايلىنىدۇ. بۇ ئەسەرنىڭ ئاپتۇرى ئايال بولسىمۇ، ھەتتا پۇتى ئەيىپناك بولىشىغا قارىماي موشۇ ئەسىرىنى يېزىش ئۈچۈن «شۋېتسىيىدىكى ھايۋاناتلارغا ۋە ئۆسۈملۈكلەرگە دائىر ماتىرايللارنى ئىخلاس بىلەن توپلاپ، ئۇچار قاناتلارنىڭ ياشاش قانۇنىيەتلىرىنى تەتقىق قىلغان. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا بېرىپ، تاغ-داۋانلار ئېشىپ، دەريالار كېزىپ ئەمەلىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. پەسىل قۇشلىرىنىڭ كېلىپ-كېتىش ماكانلىرىنى تاپقان، شۇ يەرنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئۈگەنگەن، خەلق رىۋايەتلىرىنى توپلىغان» [22] ئىدى. مەن يېزىقچىلىق ئۈستىلىمدىكى قاتار قويۇلغان تۆت پارچە ئەسەرگە تەپسىلىي قاراپ چىقتىم-دە، ئەزىز نەسىننىڭ «ھازىرقى بالىلار كارامەت» نامىلىق ئەسىرى بىلەن جوستېئىن گائادېرنىڭ «سوفىيەنىڭ دۇنياسى» نامىلىق رومانىنى كىتاب ئىشكاپىغا ئىلىۋەتتىم. بۇ ھەرگىزمۇ سىلىشتۇرۇش ئەھمىيىتىنىڭ يوقلىقىدىن ئەمەس، ئومۇمىي جەھەتتىن بالىلار تېمىسىغا بىغىشلانغان بولسىمۇ، سىلىشتۇرۇش نوقتىلىرىنىڭ سۇس ھەم ئاجىزلىقى سەۋەبىدىن، ھەم بۇ ئىككى رومان ئوخشىمىغان كاتىگورىيىلەرنى بويلاپ ماڭغىنى ئۈچۈن، بولۇپمۇ «سوفىيەنىڭ دۇنياسى» نامىلىق رومان دۇنياۋىي يۈكسەك پەللە ياراتقىنى ئۈچۈن، «كرورانلىق بالىلار» رومانىغا سىلىشتۇرۇشنى راۋا كۆرمىدىم. ئۈستەلدە «كرورانلىق بالىلار» رومانى بىلەن «نىلىسنىڭ غاز ئۈستىدىكى ساياھىتى» نامىلىق رومانىلا قالدى. سېلما لاگەلوفنىڭ بۇ رومانى بىلەن تەكرار-تەكرار ئوقۇپ قانمىغان پەرھات ئىلياسنىڭ رومانى مەلۇم دەرىجىدە بىر-بىرى بىلەن ھۆسىن تالىشىۋاتاتتى. بىرسىدە بىر بالا ئومۇمىي توپقا ۋەكىللىك قىلىپ ئۆزىنىڭ ۋەتىنىنى ئايلانغان ئىدى. بىرسىدە بىر توپ بالىلار ئۆز يىلتىزىغا شۇڭغۇپ، دۇنياۋىي مەدەنىيەت بىرلىكى ئىچىدە كىملىكىنى نامايە قىلغان ئىدى. بالىلار ھەر ئىككىلا روماندا سەپەرگە چىققان ئىدى. بالىلارنىڭ قايتىش مەنزىللىرى ۋە ئۇنىڭغا يوشۇرۇنغان مۇددىئا ھەر ئىككىلا روماندا بىر نوقتىدا كېسىشەتتى. نىلىس ئۆيىگە قايتاتتى. كرورانلىق بالىلار كروراندىن چىقىپ يەنە كرورانغا قايتاتتى. ھەر ئىككىلى روماندا فانتازىيە ئۆزىنىڭ كۈچىنى كۆرسەتكەن ئىدى. ئاپتۇرلار ئەنئەنىۋىي پروزىچىلىقنىڭ تار رامكىلىرىدىن قۇتۇلۇشقا تىرىشقان ئىدى. ھەر ئىككىلا ئەسەردە ھەر خىل سىموۋۇللار ئادەملەرنىڭ بالىلىق خاتىرىلىرىگە كۆلەڭگە تاشلاپ ئۈلگىرەتتى. سېلما لاگەلوفنىڭ رومانىدا بايان تەرتىپى زامان تەرتىپىدىن جىق ھالقىمىغان بولسىمۇ، ئەمما «كرورانلىق بالىلار» رومانىدا پەرھات ئىلياس قاراملىق بىلەن تەقدىر ئاتا قىلغان ۋاقىت تەرتىپىنىڭ قۇلىقىدىن تۇتۇپ، بالىلارنىڭ قولىغا تاپشۇرغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بالىلار ماكان ۋە زامان چىگرالىرىدىن بىمالال ھالقىپ ئۆتمۈشنىڭ، ھازىرنىڭ، كەلگۈسىنىڭ، بارلىق ئىستەكلەرنىڭ خوجايىنلىقىنى قىلغان ئىدى...

  خوش، ئەمدى يەنە نېمە قالدى؟ «پەھات ئىلياسقىمۇ نوبىل ئەدەبىياتى مۇكاپاتى بېرىۋىتەيلىمۇ يا؟» (چاقچاق)........شۇنداق، بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىزدا «ئانا تېمىلار» نىڭ بالىلار ئەدەبىياتىغا سېڭىپ كىرىشى بىزنى بەك خۇرسەن قىلىدۇ. بالىلار ئەدەبىياتىغا دائىر ئۆزگىچە نەزىرىۋىي سىستىمىلار بولمىغان، بالىلىرىمىز بۈگۈنكى تېخنىكا تەرەققىياتى ئالدىدا گاڭگىراپ تۇرىۋاتقان موشۇنداق بىر دەۋىردە پەرھات ئىلياستەك بىر يازغۇچىمىزنىڭ بولغانلىقىدىن تېخىمۇ خۇرسەنمىز. پەرھات ئىلياس ۋە ئۇنىڭ «كرورانلىق بالىلار» رومانى بىلەن بۈگۈنكى بالىلىرىمىزلا ئەمەس بالىلىقىنى ياشاپ بولالماي چوڭ بوپكەتكەن «قىرى بالىلار» مۇ تولىمۇ بەخىتلىكتۇر. بۇندىن ئاز-كەم 15 يىل مۇقەددەم ھۆرمەتلىك تۇرسۇن قۇربان مۇئەللىم ئۆزىنىڭ بالىلار ئەدەبىياتىغا دائىر يازغان كىتابىدا ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن «1980- يىللاردىكى ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرى___ ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كاتېگورىيىسىدە مۇستەقىل ئەدەبىي تەركىب بولۇپ رەسمىي شەكىللىنىشنىڭ سىگنالىنى چالدى. بۇ ئون يىلنى __ ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتى زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن دەۋر دېيىشكە بولىدۇ. ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتى ئۆزىنىڭ كۈمۈش دەۋرىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك تاماملاپ، ئالتۇن دەۋرىنى باشلاپ ئاز-تولا دۇنياۋىي قىممەتكە ئىگە ئەسەرلەرنى يارىتالىسا، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ مۇستەقىل، بىر قەدەر مۇكەممەل نەزەرىيە سېستىمىسىنى قۇرالىسا، ئاندىن ئۇ ھەقىقىي ئەدەبىيات بولۇپ شەكىللىنەلەيدۇ.»[23] دېگەن ئاقىلانە يەكۈننى چىقارغان ئىدى. شۇ تاپ بىز 15 يىلدىن كېيىن ئارزۇ ئىستەكلىرىمىزنىڭ رىئاللىققا ئايلىنىش قەدىمىنىڭ تىزلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز. ئىشىنىمىزكى، ئەمدى «كرورانلىق بالىلار» رومانىدا تىرىلگەن بالىلىق خاتىرىلىرىمىزنى، سۆيۈملۈك يۇرت-مەھەللىرىمىزنى، ئۆتمۈشلىرىمىزنى، ھازىرىمىزنى، كەلگۈسىمىزنى تەكلىماكانغا ئوخشاش قۇم بېسىپ كېتەلمەيدۇ. بالىلىرىمىز قورۇقماستىن «بىز كروراندىن چىققان، كرورانغا قايتىمىز» دەپ ئەسىرلىك ئۈمىدلىرىنى جىلتىلىرىگە تېڭىپ، ئۆزىنىڭ ھاياتىنى كەلگۈسىگە ئۇلايدۇ. بالىلار ئەدەبىياتىمىزمۇ يېڭى ئەسىردىكى شانلىق نەتىجىلىرىنى سۆيۈملۈك خەلقىگە سۇنۇش بىلەن ئۆزىنىڭ يېڭى پەللىلىرىنى يارىتىپ، كەلگۈسىگە ئىشەنىچلىك نەزىرىنى تاشلايدۇ.

  (ئاپتۇرنىڭ ئادرىسى: شىنجاڭ ئۈنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەتقىقات يۆنىلىشىدىكى 2009 - يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانت.)ئىزاھاتلار: [1] ئەسئەت سۇلايمان:«تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ.» شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2000-يىل نەشىرى 117-بەت[2] سۋېن ھېدىن: «كۆچمە كۆل»، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 2000- يىل، خەنزۇچە نەشىرى، 122- بەت[3] ئەسئەت سۇلايمان:«تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ.» شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2000-يىل نەشىرى 179-بەت[4] ئايتۇللا ھەبىبۇل: «ئۇيغۇر بالىلار پىروزىسىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا» تارىم ژورنىلى 2010- يىللىق 2- سان 129- بەت[5] پەرھات ئىلياس: «ئۆز ئاۋازىمىز ھەممىدىن مۇھىم» تەڭرىتاغ ژورنىلى 2009- يىلى 4- سان 94- بەت [6] پەرھات ئىلياس: ««كرورانلىق بالىلار» شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى 2009- يىلى 9- ئاي 1- نەشىرى 1- بەت[7] پەرھات ئىلياس: ««كرورانلىق بالىلار» شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى 2009- يىلى 9- ئاي 1- نەشىرى 4- بەت[8] پەرھات ئىلياس: ««كرورانلىق بالىلار» شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى 2009- يىلى 9- ئاي 1- نەشىرى 483- بەت[9] پەرھات ئىلياس: ««كرورانلىق بالىلار» شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى 2009- يىلى 9- ئاي 1- نەشىرى 495- بەت[10] توڭ جىنجۈن : «بالىلىق قەلىب چاڭ-توزان باسقان خاتىرىلەرنى ئويغاتتى» تەڭرىتاغ ژرنىلى 2009- يىللىق 5- سان 72- بەت[11] توڭ جىنجۈن : «بالىلىق قەلىب چاڭ-توزان باسقان خاتىرىلەرنى ئويغاتتى» تەڭرىتاغ ژرنىلى 2009- يىللىق 5- سان 73- بەت[12] ئەركىن روزى: « بۇ يەردە كىيىنكىلەرنىڭمۇ ھەققى بار» شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1999-يىل نەشىرى. 6 –بەت [13] پەرھات ئىلياس: ««كرورانلىق بالىلار» شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى 2009- يىلى 9- ئاي 1- نەشىرى 98- بەت [14] پەرھات ئىلياس: ««كرورانلىق بالىلار» شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى 2009- يىلى 9- ئاي 1- نەشىرى 103- بەت [15] پەرھات ئىلياس: ««كرورانلىق بالىلار» شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى 2009- يىلى 9- ئاي 1- نەشىرى432- بەت [16] پەرھات ئىلياس: ««كرورانلىق بالىلار» شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى 2009- يىلى 9- ئاي 1- نەشىرى432- بەت[17] توڭ جىنجۈن : «بالىلىق قەلىب چاڭ-توزان باسقان خاتىرىلەرنى ئويغاتتى» تەڭرىتاغ ژرنىلى 2009- يىللىق 5- سان 72- بەت[18] پەرھات ئىلياس: ««كرورانلىق بالىلار» شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى 2009- يىلى 9- ئاي 1- نەشىرى405- بەتتىن 410- بەتكىچە.[19] پەرھات ئىلياس: ««كرورانلىق بالىلار» شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى 2009- يىلى 9- ئاي 1- نەشىرى411- بەتتىن 413-بەتكىچە. [20] ئەزىز نەسىننىڭ: «ھازىرقى بالىلار كارامەت» شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2003- يىلى 2- ئاي 1- نەشىرى1- بەت (كىرىش سۆز)[21] ئەزىز نەسىننىڭ: «ھازىرقى بالىلار كارامەت» شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2003- يىلى 2- ئاي 1- نەشىرى 182-بەت[22] سېلما لاگەلوفنىڭ: «نىلىسنىڭ غاز ئۈستىدىكى ساياھىتى» شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1985- يىلى 1- ئاي 1- نەشىرى 5-بەت (كىرىش سۆز)[23] تۇرسۇن قۇربان: «مائارىپ ۋە بالىلار ئەدەبىياتى» شىنجاڭ داشۆ نەشىرىياتى 1996- يىل 12- ئاي 1- نەشىرى. 373- بەت

  

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر