باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>ئەدەبىيات

ئاماننىساخان مەھمۇد نەفىسىي تۆرت يۈز سەكسەن ياشتا(1)

ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانى

2014.05.16 15:38   مەنبە: خەلق تورى

  بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن بۈيۈك ئالىمە، ئۇيغۇر مۇقام ئۇستازى ئاماننىساخان نەفىسىي تەۋەللۇتىنىڭ 480 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئېچىش نۇتقى

  سەلامۇ ئەلەيكۇم، ئەزىز قېرىنداشلار!

  بۈگۈن بىز مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى بۇ يەردە، داغدۇغىلىق يىغىلىش ۋە ئەھمىيەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، بۈيۈك ئالىمە، ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقام ئۇستازى ئاماننىساخان مەھمۇد نەفىسىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 480 يىللىقىنى غۇرۇر بىلەن خاتىرىلەۋاتىمىز.مەلۇمكى، ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى دېگىنىمىز، ئۇزاق ئەسىرلەر جەريانىدا، ئەمگەكچان ئۇيغۇر خەلقى تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان، مىلادىيە ئون ئالتىنچى ئەسىرگە كەلگەندە، ئاماننىساخان نەفىسىي باشلىق مۇقام پېشۋالىرى تەرىپىدىن رەتلەپ مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن ئۈچ يۈز ئاتمىش ئاھاڭلىق ئون ئىككى يۈرۈش نەغمە ۋە ئۇنىڭغا جۆرە قىلىنغان ئۈچ مىڭ تۆرت يۈز ئوتتۇز ئالتە مىسرا نەزمەدىن تەركىب تاپقان بۈيۈك مەدەنىيەت خەزىنىسىگە ئېيتىلىدۇ.

  شۇنداق، ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ ئەنە شۇنداق بۈيۈك مىللىي مەدەنىيەت خەزىنىسى بولۇپ، دۇنيا مىللەتلەر مەدەنىيەت خەزائىنلىرى قاتارىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇشى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھبە قوشقان ھىدايەتكار پېشۋا ئاماننىساخان مەھمۇد نەفىسىيدۇر. ئۇ مىلادىيە 1534-يىلى، ئۇيغۇر يۇرتىنىڭ دولان دىيارىدا، بىر مەرىپەتپەرۋەر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ دادىسى مەھمۇد قالۇن ۋە ساتارنى ياخشى چالىدىغان ماھىر مۇزىكانت ۋە ئۇيغۇر مۇقاملىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىدىغان ئۇستا مۇقامچى ئىدى. ئاماننىساخان نەفىسىي مىلادىيە 1567-يىلى تۇغۇتتا شەھىدە بولغان. ئۇنىڭ مۇبارەك مېيىتى ياركەند خانلىقىنىڭ خان جەمەت قەبرىستانلىقى «ئالتۇنلۇقۇم»غا دەپنە قىلىنغان. ئۇنىڭ قەبرىگاھى كۈنىمىزدە، ياركەند شەھرىدىكى مۇھىم بىر زىيارەتگاھ-تاۋاپگاھ بولۇپ كەلمەكتە ھەقلىق يۇسۇندا.

  بىز مۇقام ئۇستازى، ئاتاقلىق ئالىمە ئاماننىساخان نەفىسىينى غۇرۇر بىلەن خاتىرىلىگەن ۋاقتىمىزدا، ئۇ بۈيۈك مومىمىزنىڭ ئىشەنچلىك تارىخىي خاتىرىلەر، مۆتىۋەر كلاسسىك ئەسەرلەر تەرىپىدىن تونۇشتۇرۇلغان ھايات كارتىنىسىنى ئىپتىخار ۋە ئېھتىرام بىلەن كۆز ئالدىمىزدىن ئۆتكۈزۈشىمىز مۇمكىن:

  ئاماننىساخان نەفىسىي بالىلىق ۋاقتىدىن باشلاپلا، مەرىپەتپەرۋەر ئاتا مەھمۇدنىڭ تەربىيەسى ۋە تەسىرىدە، ئۇيغۇر شېئىرىيىتى، ئۇيغۇر مۇزىكىسىغا ئىشتىياق باغلىغان تىرىشچان ئوقۇغۇچى، غايىلىك ئۆسمۈر بولۇپ، 13-14 ياشلارغا كىرگەن چېغىدا، ئۆزىنىڭ نەفىسىي تەخەللۇس بىلەن يازغان شېئىرىنى پەنجگاھ مۇقامىغا سېلىپ تەمبۇر بىلەن ئورۇنلاپ، ئۆز زامانىسىنىڭ شائىر پادىشاھىنى ھەيران-ھەسلىكتە قالدۇرغان. بۇ دەلىل-ئىسپاتنى چىقىش قىلىپ شۇنداق دېيىشكە ھەقلىقمىزكى، ئاماننىساخان نەفىسىي ئەمەلىيەتتە، 4-5 يېشىدىلا پۈتۈن-پۈتۈن شېئىرلارنى دېكلىماتسىيە قىلغان، 14-15 ياشلارغا كىرگەندە بولسا، نادىر ئەسەرلىرى بىلەن ئەل- جامائەتكە تونۇق ئۆسمۈر شائىر بولغان بۈيۈك ئۇيغۇر مۇتەپەككۇر شائىرى ئەلىشىر نەۋائىيدىن ئۇدۇم ئالغان ئىقتىدار ئىگىسى ۋە تالانت ساھىبىدۇر.

  ئاماننىساخان نەفىسىي ياركەند خانلىقىنىڭ ئىككىنچى پادشاھى سۇلتان ئابدۇررەشىد خانغا خانىش بولغاندىن كېيىن، مەزكۇر تەرەققىيپەرۋەر پادشاھنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، ئوردىدىكى مۇزىكىشۇناس قەدىرخان ياركەندىي قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە، ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنى رەتلەپ مۇكەممەلەشتۈرگەن؛ ئۇ يەنە «ئىشرەتەڭگىز» (ھاياتنى جانلاندۇرۇش، ياشامنى گۈزەللەشتۈرۈش) ناملىق مۇقامنى ئىجاد قىلغان؛ «دىۋانى نەفىسىي» (نەفىسىي شېئىرلار توپلىمى)نى تۈزۈپ ئېلان قىلغان؛ شۇنداقلا، ئەخلاقشۇناسلىق ۋە مۇزىكانتلىققا ئائىت بولغان «ئەخلاقى جەمىلە» (گۈزەل ئەخلاق) ۋە «شۇرۇھۇل قۇلۇب» (قەلبلەر شەرھلىرى) قاتارلىق نادىر ژىرىك ئەسەرلارنى يازغان. ئەمدى، بىز مانا بۇ پاكىتلارنى ئاساس قىلىپ شۇنداق باھا بېرىشكە ھەقلىقمىزكى، ئاماننىساخان نەفىسىي ئۇنداق بامداد نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپلا: «يوتقان سوغۇپ بولغىچە كىرىپ، ئۇخلىۋالسا ساۋاب بولىدۇ» دەپ چۈشكىچە ئۇخلايدىغان ھۇرۇن مۇسۇلمان ئەمەس ئىدى. دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، سەھەر تورغايلىرىنىڭ مەسلىكىنى كەلتۈرۈپ مۇقام ياڭرىتىدىغان ھارماس مۇزىكانت، گۈلزار بۇلبۇللىرىنىڭ زوقىنى قوزغاپ، كۆڭۈل جۇشقۇلىرىدىن شېئىر تۈزۈپ ئوقۇيدىغان شائىرە، يۈرىكىگە ۋەتەن-مىللەت ئارزۇسىنى پۈكۈپ، ئەۋلادلارنى تەربىيەلەيدىغان ھىدايەتكار ئەسەرلەرنى يازىدىغان مەسئۇلىيەتچان ئالىمە ئىدى. بولۇپمۇ، ئۇنىڭ راھەتپەرەس خانىش بولۇشنى راۋا كۆرمەي، ۋەتەننىڭ ئەرتىسىنى، مىللەتنىڭ كەلگۈسىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۆز زامانىسىدا نىسبەتەن چېچىلاڭغۇ ھالەتتە تۇرغان ئۇيغۇر مۇقام كۈيلىرىنى سىستېمىلاشتۈرۈپ، مۇقام تېكىستلىرىنى رەتلەپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ بىر پۈتۈن گەۋدە ھالىتى بىلەن ئەۋلادلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلغان ئەمگىكى بىلەن ئۇيغۇر مۇزىكا-سەنئەت تارىخىدا مىسلىسىز بۈيۈك پىر-ئۇستازدۇر.

【1】 【2】 【3】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى دوكتور ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىسىنىڭ دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئېلىپ تاشلىدى
      ·138 ئالىي مەكتەپ 180 تۈردە 2014-يىللىق دۆلەتلىك پەن تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى 
      ·ئامېرىكىدا بالىنى 18 ياشقىچە بېقىش ئۈچۈن 245 مىڭ دوللار كېتىدۇ
      ·2015-يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باھالاش ئۆلچىمىنى ئۆزگەرتىدۇ، جەريان خاراكتېرلىك ب…
      ·شىنجاڭ: ئەڭ ياخشى مائارىپ بايلىقىنى ئەڭ چەت رايونلارغا يەتكۈزىمىز
      ·«تولۇق 3-يىللىقتا پەقەت ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، خەنزۇ تىلىنىلا ئۆگىنىشكە بولمايدۇ»
      ·دۆلەت ھۆكۈمەتنىڭ ئەۋەتىشى بىلەن چەت ئەلدە ئوقۇشقا بۇ يىل 23 مىڭ كىشى قوبۇل قىلدى
      ·جۇڭگو-قازاقىستان مەركىزىي بانكىلىرى ئۆز پۇللىرىنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىدى
      ·مەرھابا ئاسپىرانت قىزلار، تىرىشچانلىقىڭلارغا ئاپىرىن
      ·تۈركىيە ۋە ئىتالىيە زۇڭلىسى بىرلەشمە مۇخبىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى(1)