باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

شۇ كۈنى

ــ مەشرەپكە مەرسىيە

2014.04.24 10:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى





شۇ كۈنى دېڭىزلار تاشتى قېنىدىن،
بوران يالتىرىدى سۇدا شۇ كۈنى.
زېمىن لەرزىگە كەلدى ياپراقتەك،
ئاسمان كۆيدى،
يەتتى ئەرىشكە،
مۇز باسقان تاغلارنىڭ ئەلەملىك ئۇنى.

شۇ كۈنى ئازابلىق نۇرلاندى جەننەت،
شۇ كۈنى قان بىلەن يۇيۇندى دوزاخ.
بىر لەھزە مۇزلىدى قۇياش شۇ كۈنى،
شۇ كۈنى سوزۇلدى ئەسىردىن ئۇزاق.

شۇ كۈنى قار ياغدى گۈللەرگە قىزىل،
شۇ كۈنى يورۇدى قاراقلار قارا.
يۇلتۇزلار يىغلىدى
)شۇكۈنى پەريات(
مىڭ يىللىق دەرەخنىڭ يۈرىكى يارا.

شۇ كۈنى ھىدايەت باياۋانلىرى،
يالقۇنلۇق ساماغا چۈشتى تولغىنىپ.
شۇ كۈنى تاشلارنىڭ تىلاۋەتلىرى،
مۇناجات ئەۋجىگە كەتتى قوشۇلۇپ.

شۇ كۈنى بىر بوۋاق تۇغۇلدى ئوتتىن،
بىر بوۋاق ئوت ئارا قايتتى ئۆزىگە.

شۇ كۈنى كۆزلەردىن يىرتىلدى ھىجاپ،
شۇ كۈنى ئەكسىنى يوقاتتى كۆزلەر.
شۇ كۈنى ئالۋۇنغا ئېچىپ باغرىنى،
مۇقەددەس مەنادىن ئايرىلدى سۆزلەر.

بارخانلار سەل بولۇپ ئاقتى شۇ كۈنى،
بۇلاقلار تەكتىدىن ئوخچىدىن نىدا.
شۇ كۈنى ئەرىشكە تۇتاشتى پىغان،
شۇ كۈنى ئاي تۈنگە قىلدى ئىقتىدا.
شۇ كۈنى شامالنىڭ كۆكسى يېرىلدى،
پارلىدى قىيامەت دېگەن بىر سادا!

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر