ئۇيغۇر قىزى
ئەزىزى
2014.04.24 10:35 مەنبە: خەلق تورى
پىغانىڭدا ئالەم ئۆكسۈيدۇ،
ئىرىپ كېتەر ئۇنىڭدە يۈرەك.
سەن كۈيلەرنىڭ يالقۇنلىرىدا،
پىغان بولۇپ ئېچىلغان چېچەك.
ئاقار قۇمدەك نەپەسلىرىڭدە،
ئەكس ئېتەر شەرقنىڭ ئىزى.
سەن يۇلتۇزغا ئاسمانسەن تەنھا،
سەن ئاسماننىڭ تەنھا يۇلتۇزى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر