مەن ۋە يوپۇرماق
ئەزىزى
2014.04.24 10:33 مەنبە: خەلق تورى
سوغۇق شامال باشلاندى يەنە،
قارنىڭ ھىدى كېلەر ئەتراپتىن.
ئەڭ ئاخىرقى ئادەمدەك گويا،
تىترىمەكتە قەلبىم ئازابتىن.
توساتتىنلا بىر تال يوپۇرماق،
ھەسرەت كەبى چۈشتى ئالدىمغا.
تەنھالىقنىڭ بېشارىتىنى،
قالتىس گۈزەل سالدى يادىمغا.
ئۇنتۇغاندەك بولدۇم ئۆزەمنى،
يا ئۇنتۇلدى دۇنيا (بىلمىدىم).
مەندىن غېرىپ،
مەندىن يېگانە،
شۇ يوپۇرماق ئۈچۈن يىغلىدىم.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر