دەرەخلەر
ئەزىزى
2014.04.24 10:33 مەنبە: خەلق تورى
دەرەخلەر
چېچەكلەيدۇ نازلىنىپ،
چۈش كۆرگەندەك گويا باھاردا.
دەرەخلەر − گاھىدا ئۆتكۈنچىلەرگە،
سايىۋەن بولىدۇ چوغدەك تومۇزدا.
دەرەخلەر،
دەرەخلەر چوغ بولۇپ يالقۇنجار قىشتا.
دەرەخلەر دار بولار ھەتتاكى ھەيۋەت،
ھاياتقا ئاداققى مۇڭلۇق بېقىشتا.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر