گۇما تاغلىرىدا
ئەزىزى
2014.04.24 10:32 مەنبە: خەلق تورى
بىر قەدىم كۈي −
سېھىرلىك ناۋا
تاغ باغرىنى چايقايدۇ سەلدەك.
يىگىت قىزلار سەرخۇش بېقىشىپ،
بىر − بىرىنى ئەگىيدۇ يەلدەك.
ھەممە بىھۇش −
مەستۇ − مۇستەغرەق
ھاياجاندا تىترەيدۇ يۈرەك.
مەشرەپ قاينار، قاينىغان قاندەك،
ئۆرگەلدى پەلەك، چۆرگەلدى پەلەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر