باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

دەرىزەمدە ئۇخلايدۇ شامال

ئەزىزى

2014.04.24 10:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

ئولتۇرىمەن كۈلبەمدە تەنھا،
كۆزلىرىمدە چېچەكنىڭ ئىزى.
خىيالىمغا ئوخشاپ كېتىدۇ،
مۇخۇركىنىڭ گىرىمسەن ئىسى.

دەرىزەمدە ئۇخلايدۇ شامال،
تۇرۇپ تىمتاس،تۇرۇپ پۇشۇلداپ.
شوخ قىزلاردەك مارايدۇ يۇلتۇز،
يىراقلاردا غۇۋا پىلدىرلاپ.

ئىزتىراپتا ئىرىپ مەي كەبى،
ئاخشاملىرى ئۇخلىمىقىم تەس.
يازالمىسام ئوتلۇق مىسرالار
ئەقىدەمنى يۇلتۇز بىلسە،بەس!

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر