ئويغان كۆزۈم
ئەزىزى
2014.04.24 10:30 مەنبە: خەلق تورى
ھارغىن كېچە
ئەسنىمەكتە
شاماللارنىڭ مۇزلىغان ئۆيى.
غىدىقلار
خىلۋەت بۇلاقنىڭ زىناقلىرىنى،
يۇلتۇزلارنىڭ كۈمۈشرەڭ كۈيى.
ئۇزاپ بارار
مەستلىكىدىن يىشىلگەن سايە،
كوچىلارنىڭ پەللىسى تامان.
ئويغان كۆزۈم
بىغەملەرنىڭ
قارا رەڭلىك دەرىزىسىدە،
ئۇسۇل ئوينار ئاخىرقى زامان.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر