سېغىنىش
ئەزىزى
2014.04.24 10:26 مەنبە: خەلق تورى
مەن ئۆزۈمنى سېغىندىم شۇنچە
دەرىزىدىن باقتىم تەلمۈرۈپ.
خەت يوللۇدۇم ئۇزۇندىن ئوزۇن،
يامغۇر كەبى ئۆكسۈپ،تۆكۈلۈپ.
چىچەكلىدى ئۆرۈكلەر يەنە،
ئۈمۈت كۈتتۈم رەڭدار كۈنلەردىن.
مەندەك يالغۇز،مەندەك مۇڭلۇنۇپ،
نەي ئاۋازى كېلەر تۈنلەردىن.
سېغىنىشنىڭ مەنزىلى چەكسىز،
ياشاپ كەلدىم قىلدەك تىلەكتە.
ئونسەككىزمىڭ ئالەمگە سىغماس
سېغىنىش بار مۇشتەك يۈرەكتە.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر