باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

ئۆزۈمگە قايتىش

2014.04.22 10:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

كەچ بولدىمۇ ياكى تاڭ سەھەر،
مىسكىن ۋاقىت توزىدى قايان؟
ئۇيقۇسىنى ئەسلەپ يىراقتا،
دېرىزىلەر باقار پەرىشان.

تۆكۈلگەندەك گۈلدىن يوپۇرماق،
ئۇزاپ كەتتىم ئۆزۈمدىن تەنھا.
ئېيتىلمايلا خەير دېگەن سۆز،
چىقىپ كەتتىم ۋاقىت سىرتىغا.

چەكسىز ماكان، چەكسىز سۈكۈنات،
چەكسىز تىلەك، چەكسىز تېڭىرقاش.
چەكسىزلىكتە سەزدىم تۇنجى رەت،
چەكسىز گۇمان، چەكسىز يېتىرقاش.

مەن دېگەن كىم، مېنىڭدىن بۆلەك،
قېنى ئاشۇ مېنىڭدىكى مەن؟
مېنى ئوراپ تۇرغىنى بەلكىم،
بىر قەدىمى تاشلاندۇق كېپەن؟

سوئاللارغا سوئال قوشۇلۇپ،
تۇرغىنىمدا ئازابتىن مۇزلاپ.
چەكسىزلىكتىن ياڭرىدى ئەجەم،
مېنى ئوتلۇق باغرىغا چىللاپ!


مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر