باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

پەريات

ئەزىزى

2014.04.22 10:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

گۈمبەزلەردە يۇلتۇز شولىسى،
سۈكۈت ئارا قاينار بىر پەريات.
ئەسىرلەرنىڭ غەمكىن تەكتىدىن،
كۆز يېشىدەك ئۆرلەر مۇناجات…

ھىممىتىڭگە تەسەددۇق بۇ جان،
ئىلتىپاتقا مېنى يار قىلدىڭ.
سالدىڭ دىلغا قىيامەتلىك ئوت،
تۈنلىرىمنى كۈنگە زار قىلدىڭ.

بولسام بىھۇش مەيخانىلاردا،
بىر قەترە مەي سۇنۇپ كەلمىدىڭ.
پىغانىمغا جۆر بولدى سابا،
نىدا قىلسام سادا بەرمىدىڭ.

ھەسرەت، پىغان باياۋىنىدا،
مېنى سەرسان − دىۋانە قىلدىڭ.
قىيامەتلىك ئوتلارغا سېلىپ،
ھەيران قىلدىڭ، ۋەيرانە قىلدىڭ.

گۈمبەزلەردە يۇلتۇز شولىسى،
ھەر زەررىدىن كېلەر بىر پەريات.
نە پەرياتكىم، ئېرىگەن يۈرەك،
يۈرەك كەبى مىسكىن مۇناجات.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر