تەكلىماكان — ئۇنتۇلمىغان چۈش
ئەزىزى
2014.04.22 10:50 مەنبە: خەلق تورى
قۇم ئاقىدۇ ئۈنسىز، تىۋىشسىز،
چايقىلىدۇ بارخان شامالدا.
ئۈزۈلمەيدۇ ياۋايى بىر كۈي،
پەرىشتىلەر بەزمىسى بۇندا.
قېرىتىدۇ خىزىرنى ۋاقىت،
ئەسىردىنمۇ ئۇزاق لەھزىلەر.
كارۋان ئۆتەر گاھى تىلسىمدىن،
ئىزلىگەندەك ئالتۇن ئەڭگۈشتەر.
توغراق كۈيەر غايىب گۈلخاندەك،
يۇلغۇن ئۈنەر،
مۆجىزە ئۈنۈش.
سەنمۇ كۆرگەن، مەنمۇ كۆرگەن ھەم
تەكلىماكان — ئۇنتۇلمىغان چۈش.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر