ئانا سېغىنىشى
ئەزىزى
2014.04.22 10:48 مەنبە: خەلق تورى
شامال كەبى تۇتسا شوخلۇقۇم،
ساھىلىڭدىن ئۇچتۇم ئەركىلەپ.
ئېزىپتىمەن، تەنتەك خىياللار،
لەۋلىرىمگە سۆيسە پەپىلەپ.
گۈلدەك نازۇك ئىكەن سېغىنىش،
سەن تەرەپكە تەلمۈردۈم ئۇزاق.
ئەلەم قىلدى ماڭا شوخلۇقۇم،
ئۇچقان چاغدا كۆزلەردىن پىراق.
ئۈمىد بىلەن كۈتتۈم دەرىخا،
پەرىشتىدەك كىلەمدىكىن دەپ.
ئاخشاملىرى باغرىغا يېقىپ،
چۆچەك ئېيتىپ بېرەمدىكىن دەپ.
سالام ئېيتسام قارلىغاچلاردىن،
تېغىچىلا جاۋاب بەرمىدىڭ.
تاڭ سەھەردە يۈزۈمنى سىلاپ،
شامال بولۇپ كەلگەن سەنمىدىڭ؟.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر