باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

راھىتى شۇ بالا دېگەننىڭ

ئەزىزى

2014.04.22 10:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى


-ئوغلۇم تۈرگۈننىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە

باسالمىدىم باغرىمغا ئۇزاق،
ئەركىلىتىپ سېنى قانغۇچە.
ئاخشام تېخى
بۇدرۇققىنا بىر بالا ئىدىڭ،
يىگىت بولدۇڭ مانا تاڭغىچە.
بىر تال چوغ ئىدىڭ،
(ئۆچۈرمىگەن يۈرەككە تېڭىپ)
گۈلخان بولدۇڭ بىردىنلا يېنىپ.
ئوغلۇم، دېدىم،
قامىتىڭدىن قاماشتى كۆزۈم،
باقالمىدىم ئارتۇق، ئەيمىنىپ.
راھىتى شۇ بالا دېگەننىڭ،
بىر ئۆمۈرلۈك ھاردۇقۇڭ چىقار،
پۇرۇۋالساڭ قېنىپ، بىر قېنىپ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر