قەلبىمگە قار ياغدى
ئەزىزى
2014.04.22 10:47 مەنبە: خەلق تورى
پەسىللەر خىيال كەبى غايىپ بولدى،
ئەڭ ئاخىرقى كېپىنەك رىۋايەتكە ئايلاندى.
ئەستىن چىقتى
يارنىڭ كوچىسىغا يۆگىمەچتەك يۆگەلگەن يوللار.
ئەستىن چىقتى
كاۋا چېچىكىدەك سارغايغان چاغلار.
سۈكۈناتقا ئايلاندى تىلاۋەتكە سوزۇلغان قوللار...
يولۇچىمەن چەكسىزلىكتە چېكىتتەك،
قەلبىمگە قار ياغدى ــ
ئۈنۈپ چىقتى بىر ئىستەك.
ئاشىقلار ئىلىگە تۇتاشتۇردى ئوت،
جاناننىڭ كۆز يېشىدەك نازۇك بىر يۈرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر