سېنى سۆيمەي ياشاپ بولمايدۇ
ئەزىزى
2014.04.22 10:45 مەنبە: خەلق تورى
(بىر رەسىمگە بېغىشلىما)
كۆز يېشىدەك نازۇكسەن گويا،
جىگدە چېچىكىدەك خۇشپۇراق.
باغرىمنى تىلغىغان كۆزلىرىڭ،
قىلىچنىڭ بىسىدەك يالتىراق.
سېنى سۆيمەي ياشاپ بولمايدۇ،
ئەمما سۆيۈپ چىداپ بولمايدۇ.
يوللۇرۇڭغا بېشىمنى قويۇپ،
توزۇپ كەتسەم ئارمان قالمايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر