باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

شامالغا سۆزلىدىم، ئۆزۈمگە باقتىم

ئەزىزى

2014.04.22 10:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

تاڭ سەھەردە توزىغان چىچەك
يېڭى بىر باھارغا ئاچىدۇ قۇچاق.

تورغاي تۈنەكتە يىتىلەرمىش،
تۈنىمىسە ئۆلەرمىش.
ئۆمرىدە بىر نۆۋەت
تاڭ سەھەر قۇياشقا يۈزلەنمىگەن ئەر،
تۇماندا بىر ئۆمۈر تېنەپ يۈرەرمىش.

قەدىمىي تاغلاردىن سىرغىغان شامال،
ئويغىتىدۇ چىچەكنى.
ئويغىتىدۇ تاڭنى، تورغاينى،
ئويغىتىدۇ،
غەپلەت بېسىپ قاتقان يۈرەكنى.

شامالغا سۆزلىدىم، ئۆزۈمگە باقتىم،
شامالنىڭ قېتىدا تۇز بولۇپ ئاقتىم.
چوققىلاردىن كەلگەن نىداغا،
ئاشىقلارچە باغرىمنى ياقتىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر