باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

سالام دەڭلار كاككۇكقا

ئەزىزى

2014.04.22 10:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

سەھرادا توغۇلۇپ،
ياشاپ قالدىم شەھەردە.
قىسمەت دېگەن شۇ بولسا كېرەك،
ئۆزەمنى شۇقەدەر تەنھا سېزىمەن،
مەندىن بۈلەك ئادەم يوقتەك بۇ يەردە.

چۈمۈلىدەك قىم ـ قىم گەۋدىلەر،
يۇقاتقاندەك گويا ئەسلىنى
بىر ـ بىرىگە دوقۇرۇپ يۈرەر.

غېرىپسىنىپ قالىمەن گاھى،
تۆت كوچىدا، قايناق رەستىدە
چۈش كۆرگەندەك گويا ئۇيقىدا.

غورا ساتار
ئۆمرىدە بىرەر تۈپ كۆچەت تىكمىگەن،
ھەتتاكى چىچەكنى كۆرمىگەن باققال.
ھاياجاندا توۋلار شائىردەك:
ئالساڭ ئالغىن، ئالمىساڭ مەيلى،
پۇل ئالمايمەن، ئوبدان قارىۋال.

مانا بۇ شەھەر
كۈندۈزمۇ،كېچىمۇ يۇرۇق تۇرىدۇ،
كۈرمىڭلار كېلىدۇ، يەنە كېتىدۇ.
مەن ئۆزۈم شەھەردە، كۆڭلۈم يىراقتا
نە ئامال، قىيغىتىپ سەھرا كېزىدۇ.

ئەي سەھرادا قالغان دوستلۇرۇم،
كاككۇك كەلسە ئەگەر باغلارغا،
سالام دەڭلار مەندىن سېغىنىپ.
تۇغۇلغاندەك بۇلاتتىم قايتا،
شۇ يېقىملىق سايراشلىرىنى
ئاڭلىۋالسام قېنىپ، بىر قېنىپ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر