- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ھۆپۈپ ھەققىدە ئەپسانە
ئەزىزى
2014.04.22 10:41 مەنبە: خەلق تورى
شاھانە تاج
شاھانە لىباس،
نىسىپ بولغان بىر ساڭىلا خاس.
ئەپسانە كۆپ سەندىن تارالغان،
ئەپسانىلار ــ تارىخقا قىياس.
قۇشلار ئارا زېرەك ئىمىشسەن،
توققۇز پەلەك، ئوتتۇز مەلەكنىڭ،
سىرلىرىنى بىلەر ئىمىشسەن.
ئاقىللارنىڭ تەختىدە يەكتا،
دەۋران سۈرۈپ ئۈتەر ئىمىشسەن.
مەغرۇرلىنىپ بىلگەنلىرىڭدىن،
يەتكۈزمەپسەن ئەلگە قەترە نەپ.
خىزىر ئاڭلاپ بۇنى غايىپتىن،
غەزەپ قىپتۇ سېنىڭ شەنىڭگە،
«بىلگەنلىرى سېسىپ كەتسۇن»دەپ.
شۇندىن بىرى
شاھانە سۈرەتتە يۈرسەڭمۇ سەپتە،
ھېچكىم ساڭا سالماپتۇ نەزەر.
يىللار ئۆتۈپ
كۆچسە زامانلار،
لەقەم كۆچەر،كۆچەر قارغىش ھەم،
ئەسىرلەردىن ئەسىرگە قەدەر.
قارغىشنىڭ ئوتى يامان،
سۇ سەپكەنگە ئۆچمەيدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر