باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

نورۇز بايرىمى ۋە مىللىي خاسلىق

2014.03.25 09:02         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەدەنىيەت ئىنسانلار تۇرمۇش ئەمەلىيىتى جەريانىدا ياراتقان بارلىق ماددىي ۋە مەنىۋى بايلىقلارنىڭ يىغىندىسى بولۇپ، ئۇ كۆپىنچە مەنىۋى بايلىقنى كۆرسىتىدۇ. مەدەنىيەت بىر مىللەتنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە ئىجاد قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم مەنبە، شۇنداقلا ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى مۇھىم تىرەك. مەدەنىيەت ئارقىلىق يېتەكلەش، مەدەنىيەت سىستېمىسىنى كېڭەيتىشتىكى مۇھىم يول. نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىز كەڭ كۆلەمدە قۇرۇلۇش قىلىش، ئېچىۋېتىش ۋە ئىلمىي تەرەققىي قىلىشتەك ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەتكە يۈزلەنمەكتە.بۇنداق شارائىتتا ئەسلىدە بار بولغان ئىلغار مەدەنىيەتنى قانداق تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئۇنىڭغا قانداق ۋارىسلىق قىلىش ھازىرقى مەدەنىيەت خىزمىتىدىكى مۇھىم ۋەزىپىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

  ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيىتى ئىلغار ياكى قالاق دەپ ئايرىلمايدۇ. ئىلغار مەدەنىيەت زامانىۋىلىققا، دۇنياغا ۋە كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن مەدەنىيەت بولۇپ، ئۇ مىللىيلىققا، ئىلمىيلىققا ۋە ئاممىۋىيلىققا ئىگە. نورۇز بايرىمى ئەنە شۇنداق مىللىيلىققا، ئىلمىيلىققا ۋە ئاممىۋىيلىققا ئىگە بايرامدۇر.

  نورۇز پارسچە سۆز بولۇپ، ‹‹يېڭى كۈن››، ‹‹تۇنجى باھار كۈنى››، ‹‹يېڭى يىل كۈنى›› دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. ئۇيغۇرلاردا نورۇز بايرىمى باشقا تۈركىي خەلقلەرگە ئوخشاش ھەر يىلى 21 – مارت ئۆتكۈزۈلىدۇ. نورۇز مىلادىيە كالېندارى بويىچە كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تەڭلىشىدىغان مارت ئېيىنىڭ 21 – كۈنىدىن 23 – كۈنىگىچە بولغان ۋاقىتنى كۆرسىتىدۇ. ‹‹ئۇيغۇر ئۆرپ – ئادەتلىرى›› دېگەن كىتابتا قەيت قىلىنغان نورۇز بايرىمى ھەققىدىكى ئەپسانە – رىۋايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، نورۇز بايرىمىنىڭ ئىسلام دىنىدىنمۇ بۇرۇن مىللەت بايرىمى سۈپىتىدە مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. 1000يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان ھېچقانداق دىننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىماي، ئۈزۈلۈپ قالماي داۋاملىشىپ كېلىۋاتقانلىقى دەل نورۇز بايرىمىنىڭ ئىلغارلىقىنىڭ ناماياندىسى! ئەگەر بۇ بايرامدا ئىلغارلىق بولمىغان بولسا، بۈگۈنگىچە يېتىپ كەلمەيتتى. ئالىم مەھمۇد كاشىغەرىي ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى›› ناملىق ئەسىرىدە ‹‹يېڭى كۈندىن كېيىنكى تۇنجى باھار ئاينى ئوغلاق ئاي دەيدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئاي ئۇلۇغ ئوغلاق ئاي دېيىلىدۇ. چۈنكى بۇ ئايدا ئوغلاقلار چوڭىيىدۇ، ئىنسانلار ۋە جانلىقلار نەۋرۇز بىلەن جانلىنىدۇ. نەۋرۇز – جاھان بەخت – سائادىتىنىڭ ئانىسى، بەرىكەت ۋە خۇشاللىقنىڭ مەنبەسىدۇر. بۇ سەۋەبتىن كىشىلەر بىر – بىرىگە كۆڭۈللىرىنى ئىپادىلەپ سېخىلارچە خۇشاللىقىنى نامايان قىلىدۇ›› دەپ يازغان. قەدىمكى ئەنئەنىلەردىن قارىغاندا، بۇ بايرامنىڭ ۋاقتى 15 كۈن ئەتراپىدا بولىدىكەن. ھازىر بەزى جايلاردا ئۈچ كۈن ئەتراپىدا خاتىرىلىنىدۇ. نورۇز بايرىمىنىڭ يېتىپ كېلىشى زېمىستان قىش تۈگەپ، تەبىئەت قىشلىق ئۇيقۇدىن ئويغانغان، قار – مۇز ۋە توڭلار ئېرىپ، ئەگىزلەر ۋە ئېرىق – ئۆستەڭلەردە سۇلار شىلدىرلاپ ئېقىشقا باشلىغان، دەل – دەرەخ، گۈل – گىياھلار كۆكىرىپ چېچەكلەشكە باشلىغان، دېھقانلار ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا كىرىشىدىغان گۈزەل باھار پەسلىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  نورۇز بايرىمى – تەبىئەت بايرىمى، ئەمگەك بايرىمى. نورۇز كېلىشى بىلەن كۆپچىلىك كونا يىلنى ئۇزىتىپ، يېڭى بىر يىلنى كۈتۈۋېلىش يۈزىسىدىن ھويلا – ئارانلارنى تازىلايدۇ، دېھقانلار ئېرىق – ئۆستەڭلەرنى تازىلاپ، رېمونت قىلىپ، تېرىقچىلىقنىڭ باشلىنىشى ئۈچۈن تەييارلىق قىلىدۇ. ئەمگەكنى، تەبىئەتنى سۆيۈش، مۇھىتنى قوغداش نورۇز بايرىمىدىكى بىرىنچى باسقۇچلۇق خىزمەت. ئاتا – بوۋىلىرىمىز ئەمگەكنى، تەبىئەتنى سۆيۈشتىن ئىبارەت مانا مۇشۇنداق مەزمۇننى بۇ بايرامغا قوشۇپ، مەزكۇر بايرامنىڭ ئىلغارلىقىنى نامايان قىلغان.

  نورۇز بايرىمى دوستلۇق، ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىق بايرىمى. بۇ بايرامدا مەھەللىلەردە داش قازانلار ئېسىلىپ نورۇز تامىقى ئېتىلىدۇ. ھەر كىم قۇدرىتىنىڭ يېتىشىچە ئۇن، ياغ، گۈرۈچ، قۇرۇق يېمىش، نان ۋە باشقا يېمەكلىكلەرنى كەلتۈرىدۇ. جامائەت بىر يەرگە جەم بولۇپ، نورۇز ئېشىغا ئېغىز تېگىدۇ. يېڭى بىر يىلدا يۇرتنىڭ تىنچ – ئامان، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئىشلىرىنىڭ ئاسايىشلىققا تولۇشىنى تىلەپ، ئۆتكەن يىلدىكى ئىشلاردىن يەكۈن چىقىرىپ، يېڭى يىلدىكى قىلماقچى بولغان ئىشلار توغرىسىدا پىلان تۈزىشىدۇ، ياردەمگە موھتاجلارغا ياردەم قىلىدۇ، كېسەللەرنى، ئاجىز – مېيىپلەرنى يوقلايدۇ، ئازارلىشىپ قالغانلارنى ياراشتۇرىدۇ.

  نورۇز بايرىمى ئۆرپ – ئادەت ۋە ئەدەبىيات – سەنئەت بايرىمى. بايرام كۈنى ھۈنەرۋەن – كاسىپلار، مەدداھلار، ناخشىچىلار، ئۇسسۇلچىلار، ئەلنەغمىچىلەر، يازغۇچى – شائىرلار ئۆز ماھارىتىنى كۆرسىتىدۇ. نورۇز بايرىمى – تەنھەرىكەت بايرىمى. نورۇزدا تۈرلۈك شەكىلدىكى ئەل ئىچى تەنتەربىيە پائالىيىتى، يەنى سەرۋازلىق، دارۋازلىق، ئوغلاق تارتىشىش، چېلىشىش، ئات چاپتۇرۇش، بۇقا سوقۇشتۇرۇش، توخۇ سوقۇشتۇرۇش، چاقپىلەك، گۈلەڭگۈچ ئويناش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ.

  نورۇز بايرىمى كىشىلەرنى ساۋابلىق ئىشلارنى قىلىشقا ئۈندەيدىغان بايرام، بىر – بىرىگە بەخت – ئامەت تىلىشىدىغان ئامانلىق بايرىمى. نورۇزدا كىشىلەر ئۆز ئارا ئائىلىسىنىڭ تىنچ – ئامان بولۇشىنى، يېڭى يىلدىكى ئىشلىرىنىڭ بەرىكەت تېپىشىنى تىلىشىدۇ، دېھقانلار زىرائەتلىرىنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىماي بولۇق ئۆسۈشىنى، مال – چارۋىلىرىنىڭ كۆپىيىشىنى تىلىشىدۇ. قىسقىسى، نورۇز – يېڭى يىل بايرىمى، ئاسايىشلىق يېڭى باھارنى كۈتۈۋېلىش، يېڭى يىلنىڭ يېڭىچە خۇشاللىق ئەكىلىشىنى تىلەش، تەبىئەتنى ئاسراپ، مۇھىتنى قوغداش، كىشىلەرنى ئىلىم – مەرىپەتكە ئۈندەش، ئىتتىپاقلىق ۋە ئىناقلىقنى تەشەببۇس قىلىش، ساخاۋەتلىك ۋە دىيانەتلىك بولۇشقا ئۈندەش، ئىناقلىق، مەرتلىكنى كۈيلەش بايرىمى.

  نورۇز بايرىمى ئەمەلىيەتچانلىققا، مىللىيلىققا ۋە زامانىۋىلىققا ئىگە بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. ھەر خىل مەدەنىيەتلەر ئۆز ئارا گىرەلىشىپ كەتكەن بۈگۈنكى دەۋردە، بۇنداق مەدەنىيەتنىڭ ئالاھىدىلىكىنى پۇختا ئىگىلەش ۋە توغرا چۈشىنىش تولىمۇ زۆرۈر. ھەر بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيىتى ئۆزىگە خاس ئالاھىدە شەكىل ۋە مەزمۇنغا ئىگە بولىدۇ. نورۇز بايرىمىدىكى بارلىق شەكىل ۋە مەزمۇنلار بىۋاسىتە ئەمەلىي تۇرمۇشتىن كەلگەن بولۇپ، ئۇ ئەمەلىي تۇرمۇشنىڭ كونكرېت ئىپادىسى. لېكىن بۈگۈنكى دەۋردە مۇشۇنداق مەدەنىيەتنىڭ ئۈزۈلمەي داۋاملىشىش ۋە تارقىلىش شارائىتىنىڭ تارىيىشى ۋە ئۇنى بىلىدىغانلارنىڭ ئازىيىشىغا ئەگىشىپ، بۇ بايرامنى ئۆتكۈزۈش تازا ئېتىبارغا ئېرىشەلمەي كەلمەكتە. ھەر بىر مەدەنىيەت ئالاھىدە بەلگىلەنگەن ماكان ۋە زاماننى مەنبە قىلغان بولىدۇ. ئوخشاش بىر مىللەت ئەزالىرىدا ئورتاق بولغان مەدەنىيەت بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلاردا قىزغىنلىق ۋە پەخىرلىنىش تۇيغۇسى شەكىللىنىدۇ. بۇ، كىشىلەرنىڭ قەلبىنى تۇتاشتۇرىدۇ، ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرىدۇ، كىشىلىك مۇناسىۋەتنى تەڭشەيدۇ ۋە ئىجتىمائىي تەرتىپنى قوغدايدۇ، شۇنداقلا شۇ مىللەتنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ. بۇ دەل بىر مىللەتنىڭ مىللەت بولۇپ تۇرۇشىدىكى ھەل قىلغۇچ ئامىلدۇر. نورۇز بايرىمى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي بايرىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بىر مىللەت ئىچىدىكى بارلىق خەلقنىڭ قەلبىنى تۇتاشتۇرۇپ، بۈگۈنگىچە داۋام قىلىپ كەلگەن، ئىلغار بولغانلىقى ئۈچۈن ھازىرغىچە ھېچقانداق دىننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىماي داۋام قىلىپ كەلگەن. شۇڭا نورۇز بايرىمىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە مۇھىملىقىغا بولغان تونۇشىمىزنى ئۆستۈرۈپ، ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇشىمىز لازىم.

  ئىشىنىمەنكى، ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنى تېزلىتىش داۋامىدا، چوقۇم بۇنداق مەدەنىيەتنىڭ قىممىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ ھەم ئۇنى قوغدايدۇ. جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ بۈيۈك گۈللىنىشى مۇقەررەركى جۇڭگو زېمىنىدىكى ھەر قايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ بۈيۈك گۈللىنىشىدىن ئىبارەت. ئەگەر مىللەتلەر مەدەنىيىتى ئوخشاش تەرەققى قىلمايدىكەن، ئۇنداقتا بىر پۈتۈن جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىمۇ بولمايدۇ. ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلىش – قىلالماسلىقى، شۇ رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىغا، شۇنداقلا يەنە دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت بىخەتەرلىكىگە، بولۇپمۇ پۈتكۈل دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشى ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك، ماس، سىجىل تەرەققىياتىغىمۇ مۇناسىۋەتلىك . ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيىتىنى قوللاپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرغاندىلا، كىشىلەرنىڭ پارتىيەگە، ھۆكۈمەتكە بولغان مايىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جەمئىيەت باشقۇرۇشنى تېخىمۇ ئاسانلاشتۇرغىلى بولىدۇ. شۇڭا ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ جۇلاسى نورۇز بايرىمى دېسەك ھەرگىزمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ!

  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر