باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

روھىيەت ئايىمى - نورۇز(1)

ئابلىز ئۆمەرھاجى

2014.03.24 15:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈركىي مىللەتلەر ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان باشقا خەلق تۈركۈملىرى قاتارىدا روزى ھېيت بىلەن قۇربان ھېيتنى ئەنئەنىۋىي ئايەم سۈپىتىدە ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقىلى 1400 يىلدىن ئاشتى. قۇمۇل ئۇيغۇرلىرى شامان دىنى ۋە بۇددا دىنىنىڭ تەسىرىگە ئەڭ كۆپ ئۇچرىغانلىقى، ئىسلام دىنىنىڭ قەشقەر قاتارلىق جايلاردىن 600 يىلچە كېيىن قوبۇل قىلىنغانلىقى، باشقا يۇرتلاردىكى ئۇيغۇرلارغا قارىغاندا موڭغۇللارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ئەڭ ئۇزۇن تۇرغانلىقى، مىلادى 1697- يىلدىن 1930- يىلغىچە جەمئىي 233 يىل ھۆكۈم سۈرگەن قۇمۇل ۋاڭلىقى دەۋرىدە ئاساسەن بېكىنمە ھالەتتە ياشىغانلىقى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قۇمۇللۇقلار ياشاش ئۇسۇلى، ئۆرپ- ئادەت، يېمەك- ئىچمەك، كىيىم- كېچەك، پىسخىك خۇسۇسىيەت ... جەھەتلەردە ئۆزگىچە ئەنئەنىلەرنى ياراتقان ھەم داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. مەيلى باشقا رايونلاردىكى ئۇيغۇرلار بولسۇن ياكى قۇمۇل ئۇيغۇرلىرى بولسۇن، روزى ھېيت بىلەن قۇربان ھېيتنى بىر يىلدىكى ئىككى چوڭ ئايەم دەپ قاراپ، بىر قاتار تەييارلىقلار بىلەن كۈتۈۋالىدۇ ۋە ئىككىلا ئايەمنى ئۆز خاسلىقلىرى ئاساسىدا ئۆتكۈزىدۇ. ئۇنداقتا ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشتىن ئىلگىرى بايرام ئۆتكۈزمەيتتىمۇ؟ بۇ ئەستايىدىل ئويلىنىشقا تېگىشلىك ماھىيەتلىك مەسىلە، ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەر ئىسلام دىنى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن روزا ھېيت، قۇربان ھېيتلارنى ئۆتكۈزۈشكە ئۆتۈشتىن ئىلگىرى ئۇلارنىڭ بۇ ئايەملەردىنمۇ داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلىدىغان، مەزمۇن- خاسىيەتلىرى تېخىمۇ مول بىر بايرىمى بولغان، ئۇ بولسىمۇ نورۇز بايرىمىدۇر!

  تەتقىقاتچىلار نورۇز بايرىمىنى «ئەنئەنىۋىي مىللىي بايرام، ئەمگەك بايرىمى، ئىناقلىق بايرىمى، ساۋابلىق بايرىمى، قۇتلۇق بايرام، تەبىئەت بايرىمى» دېگەندەك ناملاردا سۈپەتلەپ ھەم تەرىپلەپ كەلدى. ھازىر بىرقەدەر ئومۇملاشقىنى بولۇۋاتىدۇ. مەن بۇنى ماھىيەتكە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇپ، «نورۇز - روھىيەت بايرىمى» دەپ ئاتاشنى خوپ كۆردۈم.

  نورۇز بايرىمى تەتقىقاتچىلىرىمىز سۈپەتلىگەندەك بىرقاتار ناملارغا مۇناسىپ، چۈنكى بۇ بايرام شۇ مەزمۇنلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان ھەم شۇ خۇسۇستا يېقىنقى دەۋرلەرگىچە داۋاملىشىپ كەلگەن. ھەرخىل ئىجتىمائىي داۋالغۇشلار سەۋەبىدىن بىر مەزگىل پەسكويغا چۈشۈپ قالغان بۇ قۇت بايرىمى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 30- يىللىرىدىن باشلاپ قايتىدىن ئاستا- ئاستا جانلىنىشقا، ھاياتىي كۈچىنى ئانچە- مۇنچە تىرىلدۈرۈشكە باشلىدى. 90- يىللاردىن باشلاپ نورۇز تەتقىقاتى چوڭقۇرلاشتى. بۇ خۇسۇستا مەرھۇم ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ۋە ئىمىن تۇرسۇن، ئابدۇكېرىم راخمان قاتارلىق مۆتىۋەرلىرىمىزنىڭ ئەجىرلىرى بىرقەدەر گەۋدىلىك بولدى. نورۇز تەتقىقاتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى بىلەن ئۇ سەھنىلەرگىمۇ ئېلىپ چىقىلدى. ھالبۇكى، تەتقىقات ئۇسۇلى ۋە ئۇنىڭ ماھىيەتلىك تەرەپلىرىنى گەۋدىلەندۈرۈش جەھەتلەردە ھەركىمنىڭ كۆز قارىشى ئوخشاش بولماسلىق قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن نورۇزنىڭ ھەقىقىي خاسىيەتلىك مەزمۇنلىرى ئۆز خاسلىقى خۇسۇسىدا نامايان بولالمىدى. ھەتتا بەزى «تەتقىقاتچى» لىرىمىز قىسمەن خاتا قاراشلارنىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇشتى. نورۇز پائالىيەتلىرىدە بۇ خىلدىكى خاتا قاراشلار ئاساسىدا شەرھىلەر بېرىلدى. ئالايلۇق، بىرنەچچە يىلنىڭ ئالدىدا قۇمۇلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بىر نورۇز پائالىيىتىدە كۆچە «نورۇز ئېشى» دېيىلدى. نەتىجىدە، نورۇزنى چۈشەنمەيدىغان ھەم چۈشەنچىسى چوڭقۇر بولمىغان نۇرغۇن كىشىلەر بۇ خىل قاراشقا ئىشەندى. قۇمۇلدا نورۇز پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمىگىلى ئۇزاق يىللار بولغان، بىر تۈركۈم كىشىلەر بۇ ھەقتە ھېچقانداق چۈشەنچىگە ئىگە ئەمەس. مۇشۇنداق ئەھۋالدا مەتبۇئات ياكى سەھنىلەردە خەلقنى قايمۇقتۇرىدىغان مۇنداق مۇجمەل، خاتا قاراشلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشقا بولمايدۇ.

  دۇنيادىكى مىللەتلەرنىڭ يېڭى يىلنى تەبرىكلەش ئۇسۇللىرى ئاساسەن ئوخشاپ كەتسىمۇ، ۋاقىت ھېسابى ئوخشاش بولمايدۇ. چۈنكى باھار يەر شارىنىڭ ھەممە يېرىگە تەڭ كەلمەيدۇ. جۇڭگو ۋە باشقا نۇرغۇن دۆلەتلەر مىلادىيە كالىندارى بويىچە 1- ئاينىڭ 1- كۈنىنى يېڭى يىل بايرىمى قىلىدۇ. بەزى دۆلەتلەر ئۆز دۆلىتى ۋە مىللىتى ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك بولغان كۈنلەرنى ئەنئەنىۋىي يېڭى يىل بايرىمى قىلغان. ئالايلۇق، فىلىپپىنلىقلار مىللىي قەھرىمانى خېسەي لىساڭ قۇربان بولغان كۈن ـــ مىلادىيە 12- ئاينىڭ 30- كۈنىنى «يېڭى يىل» دەپ تەبرىكلەيدىكەن. ھىندونېزىيەدىكى كرابىت خەلقى يىل ھېسابىدا ئاسرىلىدىغان قۇشلارنىڭ كېلىش ۋاقتىنى ئاساس قىلىپ، قۇشلارنىڭ تۇنجى كەلگەن كۈنىنى يېڭى يىلنىڭ بېشى - نورۇز قىلىدىكەن. ئۇگاندادا كىشىلەر بىر يېغىن پەسلى ياكى قۇرغاقچىلىق پەسىلىنى بىر يىل ھېسابلايدىكەن. بىر يىل ئىچىدە (مىلادىيە كالىندارى بويىچە) ئىككى يېڭى يىل بولىدىكەن. ئۇلار بۇ ئىككى «يىل» نى «يېغىن نورۇزى» دەپ ئاتايدىكەن. تۈركىي مىللەتلەرمۇ تەبىئەت قانۇنىيەتلىرى ئاساسىدا ھەم نەچچە ئەسىرلىك كۈزىتىش، تەتقىق قىلىش نەتىجىسىدە نورۇز، يەنى يىل بېشىنى بېكىتكەن. بۇنىڭ تارىخىي قاتلىمى باشتا دېگىنىمىزدەك، روزى ھېيت، قۇربان ھېيتلاردىن خېلىلا ھالقىپ كېتىدۇ. «نورۇز» سۆزى خۇددى «مۇقام» سۆزىگە ئوخشاشلا تاللاش، تاۋلىنىش جەريانلىرىنى بېسىپ ئۆتۈپ ئاخىرى مۇقىملاشقان. شەرقىي ئىران - تاجىك تىلى تەلەپپۇزىدا «نەۋ» يېڭى، «رۇز» كۈن مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. دېمەك، «نورۇز» نى ئەسلى تەلەپپۇزى «نەۋرۇز»، كېيىنكى يىللاردا «توققۇز ئوغۇز» دەپ ئاتالغان غەربىي ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى بايرام- باراۋەتلىرىنى «مەشرەپ» دەپ ئاتىغاندەك يېڭى يىل - باش باھار بايرىمىنى زارائاسترىزم دىنىدىن كېيىن شەرقىي ئىران - تاجىك تىلى بويىچە «نەۋرۇز بايرىمى» دەپ ئاتاشتى. شەرقىي ئۇيغۇرلار بولسا، بۇ ئايەمنى ئۇزاق ئەسىرلەردىن تارتىپ، «كۆك بۇرناق، سۈمۈك ئايىمى، كۆك مەشرىپى» دېگەندەك ناملاردا ھېلىھەم قوللىنىۋاتىدۇ ھەم نورۇز بايرىمىنى مۇشۇ ناملاردا ئاتاپ كەلدى. قۇمۇلدا «زارا خەتمە، كۆك مەشرىپى» دېگەندەك ناملاردا ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتىدۇ. دېمەك، قۇمۇل ئۇيغۇرلىرى ئىسلام دىنىنى خېلى كېيىن قوبۇل قىلغاچقا، بۇ ناملار نورۇزنىڭ ساقىندىلىرى سۈپىتىدە ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلگەن. شۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، قۇمۇل ئۇيغۇرلىرى مۇشۇ ناملار ۋە «ئۈندۈرمە» (ھەقىقىي نورۇز ئېشى) ئارقىلىق نورۇزنىڭ قەدىمىيلىكىنى ئەينەن دېگۈدەك ساقلاپ كەلگەن.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر