- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


كاشغەرىي يىلى
ناخشا تېكىستى
2014.03.18 13:40 مەنبە: خەلق تورى
ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي
ئوپال ئارت تېغىدىن بالقىغاندا كۈن،
نۇر ئىمىپ ئىللىدى ئۇيغۇر زېمىنى.
چىللىدى ئالەمگە ئىرپان خورىزى:
"كاشغەرلىك مەھمۇد بۇ-ئىلىمنىڭ پىرى!"
ئەسىرلەر قوينىدا سىنالدى "دىۋان"،
ئالەمنى سۆيدۈردى ئۇنىڭ قىممىتى.
مىڭ يىللار ئۆتۈپمۇ ئۇنتۇلمىدى ھېچ،
مۆجىزە ياراتقان ئالىم ھىممىتى.
شۇڭلاشقا ئىككى مىڭ سەككىزىنچى يىل،
ئاتالدى دەپ "مەھمۇد كاشغەرىي يىلى".
دۇنياۋى شاراپەت كۈلدۈردى ئەلنى،
ياشنىدى شادلىقتىن ئۇيغۇرنىڭ دىلى.
مىڭ يىلغا قۇت!يەنە مىڭ يىلغا پىلان،
كۆمۈلمەس ئەجدادنىڭ ھىدايەت ئىزى.
ئىلىم-پەن مەشئىلى قوللاردا ئېگىز،
ئەۋلادلار بەستىدە نۇسرەت جىلۋىسى.
نەقرات:
كاشغەرىي ۋەتەننىڭ ئابىدە تېشى،
مەھمۇد بار ئۇيغۇرنىڭ مەڭگۈ تىك بېشى!
( بۇ ناخشا تېكىستى ئاتاقلىق ياش ناخشىچى شىرئەلى ئەلتېكىن تەرىپىدىن ئاھاڭغا سېلىنىپ، 2008-يىللىق قۇربان ھېيت ‹12-ئاينىڭ 9-كۈنى› ئۈچۈن ھازىرلانغان 16-سان ‹ناۋا› پروگراممىسىدا، زوق-شوق بىلەن ئوقۇلغان)
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر