باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

مىراس ۋە ۋارىس

ناخشا تېكىستى

2014.03.18 13:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

(بۈيۈك ئالىم يۈسۈف خاس ھاجىب ۋە «قۇتادغۇ بىلىك» شەنىگە ئاتاپ)

ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي

تەڭرىتاغ باغرىدا، تارىم قوينىدا،
ياشىغان كۆپلىگەن ئىلىم سەردارى.
ئۇلارنىڭ ئىچىدە تولىمۇ ياڭراق،
يۈسۈف خاس ھاجىبنىڭ مۇبارەك نامى.

ئۇ يازغان شاھ ئەسەر «قۇتادغۇ بىلىك».
مەرىپەت ئەھلىگە ئوقۇشلۇق كىتاب،
ئىلىم-پەن بويىچە نۇسرەت قۇچۇشنى-
ئۆگەتكۈچ دەستۇر ئۇ قىممەت بىھىساب.

ئوقۇدۇق ئەۋلادلار ئۇنى ئون ئەسىر،
قانمىدۇق ئۇ بەرگەن شەربەتتىن ئىچىپ.
جاپالىق تۈنلەردە داۋانلار ئاشتۇق،
تۇرغاچ ئۇ مەشئەلدەك پارلاق نۇر چېچىپ.

بۈگۈنكى پەن-تېخنىك بەرق ئۇرغان دۇنيا،
قۇت بەرگۈچ بىلىككە ئوخشاشلا مۇھتاج.
ئىلىم-پەن بەيگىدىن چىقىمىز غالىب،
«قۇتادغۇ بىلىك»نىڭ ۋارىسى بولغاچ.

نەقرات:
يۈسۈف خاس قالدۇرغان «قۇتادغۇ بىلىك»،
مىراستۇر ئۇيغۇرغا پۈتمەس كۈچ-يىلىك.

2013-يىل، 2-نويابىر، بېيجىڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر