باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

«چوڭايتىش ئەينىكى»

2014.02.11 08:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «چوڭايتىش ئەينىكى»

  ئابلەت ئەخمەت

  ــــ ئادەم كىتاب ئوقۇمىسا كۆڭلى قاراڭغۇلۇقتا قالىدىكەن، نېمىنى قىلىش، نېمىنى دېيىشنى بىلەلمەيدىكەن. مەن ھەر كۈنى ئاز- تولا كىتاب ئوقۇيمەن، دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلىدە بىرەر كۈن كىتاب ئوقۇيالمىسام، بىرەر قىممەتلىك نەرسەمنى يوقىتىپ قويغاندەك، بىئارام بولۇپ كېتىمەن.......

  ئىشىنەمسىز؟ بۇ 70 ياشلارغا يېقىنلىشىپ قالغان، خىلۋەت بىر سەھرادىكى قارا دېھقاننىڭ ئېغىزىدىن چىقىۋاتقان گەپلەر.

  خېلى يىللار بولۇپ قالدى، ھەر قېتىم ناھىيە بازىرىدىكى شىنخۇا كىتابخانىسىغا كىرسەم، ئۈستى بېشى ساڭگۇل- سۇڭگۇل، ناھايىتى ئاددىي كىيىنگەن، بىر قاراپلا سەھرايى قىيامەتتىن كەلگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىغان بىر كىشىنىڭ چىنەقىش ئۈستىدىلا يۈكىنىپ ئولتۇرۇپ ئەستايىدىل كىتاب كۆرۈۋاتقانلىقىنى كۆرىمەن. مېنىڭمۇ كىتابخانىلارغا كىرىدىغان كۆپ پۇرسىتىم يوق، ھەپتىدە بىر، ئىككى قېتىم كىرەلەيمەن، ھەر ئۈچ قېتىم كىتابخانىغا كىرگىنىمدە ھېلىقى دېھقاننى كېمىدە ئىككى قېتىم ئۇچرىتىمەن. ئىككى يىلچە بولدى، بوۋاينىڭ كۆزى ئاجىزلىشىپ قالغان بولسا كېرەك، يەنە شۇ كىتابخانىدا، چەت بىر يەردە يۈكىنىپ ئولتۇرۇپ، كىتابنى شۇنچىلىك قەدىرلەپ ئىككى تىزنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، ئوڭ قولىدا كىتابنى ئاۋايلاپ ۋاراقلاپ، سول قولىدا ئالىقان چوڭلۇقىدىكى چوڭايتىش ئەينىكىنى كىتاب قۇرلىرىغا تۇتقان ھالەتتە كىتاب كۆرۈۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ۋاھ، نېمىدىگەن ئېسىل كۆرۈنۈش! فوتو ئاپپاراتىمنى ئېلىۋالغان بولسام بىر پارچە بەدىئىي سۈرەت تارتىۋالاركەنمەن. ھەر قېتىم شۇنداق بىر ئارمانلارنىڭ ھەسرىتىدە يۈرسەممۇ، كۆڭۈل ئېكرانىمدا ئاللىقاچان پورتېرتى مۇقىملاشقان بۇ مويسىپىتنى بۈگۈن يەنە شۇ كىتابخانىنىڭ بۇلۇڭىدىكى خاس ئورنىدا كۆرۈپ، ۋەدەمدە تۇرالمىغان فوتوگرافتەك بىر خىل غەشلىكتە، ئۆزۈمنى غىل- پال ئەيىپلىگەن بولدۇم.

  بۈگۈن 2014- يىللىق چاغاننىڭ ھارپا كۈنى، كىتابخانا خادىملىرى بالدۇرراق ئىشتىن چۈشۈشكە ئالدىراۋاتقان بولسا كېرەك، سائەت ئىستىرېلكىسى بەشنى كۆرسىتە- كۆرسەتمەيلا، كىتابخانىدا كىتاب كۆرۈۋاتقانلارنى چىقىپ كېتىشكە ئالدىراتقىلى تۇردى. ھېلىقى بوۋاي خۇددى مۇھىم بىر ئىشىغا بەھرەم يېتىدىغاندەك جىددىي قىياپەتتە قولىدىكى ئەمدىلا بىرنەچچە ۋاراق ئۆرۈلگەن «شېرىن بۇلاق» ناملىق كىتابنى ئېلىپ، ھېسابات فۇكىيىگە يۈگۈردى ۋە قويۇنىنىڭ ئەڭ ئىچكىرىسىدىكى يانچۇققا قولياغلىققا ئوراپ تۈگەللىۋالغان پۇللىرى ئارىسىدىن 68 يۈەننى ئايرىپ، مۇلازىمغا ئۇزاتتى......

  كىتابخانىدىن چىققاندىن كېيىن بوۋاينىڭ قولىدىكى كىتابنى كۆرۈپ بېقىش باھانىسىدە ئۇنى گەپكە تۇتۇپ، مۇنۇلارنى ئۇقتۇم:

  *** ناھىيە گۈلباغ يېزا ئەگىتېرەك كەنتى 2- مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق بۇ بوۋاينىڭ ئىسمى مۇھەممەت تۇرسۇن بولۇپ، كىچىكىدە ئاتىسىنىڭ ياردىمىدە ئەرەپچىنى ئۆگەنگەن ئىكەن، مەكتەپتە يېڭى يېزىقتا ئوقۇپتۇ، 1984- يىللىرى كىتابقا بولغان ھېرىسمەنلىكىنىڭ تۈرتكىسىدە ئۇيغۇر كونا يېزىقىنى ئۆزى ئۆگىنىۋاپتۇ، ئۆمرىدە بىرقانچە قېتىم ئۆيلەنگەن بولسىمۇ پەرزەنت يۈزى كۆرمەپتۇ، ئالدىنقى يىلى بىردىن بىر قەدىناسى بولغان ئايالى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن تىكەندەك يالغۇز قاپتۇ. يېقىندىن بۇيان كۆزلىرى ياخشى كۆرمەيدىغان بولۇپ قالغاچقا، كىتاب ئوقۇشتەك يۈكسەك ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن مەدەنىيەت بۇيۇملىرى ماگىزىنىدىن 25 يۈەنگە چوڭايتىش ئەينىكى سېتىۋېلىپ، كىتاب ئوقۇيدىغان بوپتۇ. بوۋاي ھازىر ئايدا ھۆكۈمەت بېرىدىغان 150 يۈەنچە تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى پۇلى ۋە خولۇم- خوشنىلارنىڭ ئىش- كۈشلىرىگە ياردەملىشىپ تاپقان پۇلى بىلەن تۇرمۇش كەچۈرىدىكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، مەھەللىدىكى دېھقانلار قىرائەتخانىسى ۋە كەنت قىرائەتخانىسىدا ئوقۇپ پايدىلانغىدەك كىتابلار قالماپتۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بوۋاينىڭ كىتاب كۆرۈشكە پۇرسىتى چىققان ۋاقىتلاردا ئۇ قىرائەتخانىلار ئېچىلماي قالىدىكەن. ياخشى يېرى كەنت سېكرىتارى، كەنت ساقچىلىرى بوۋاي تەلەپ قىلسىلا كەنتكە كەلگەن گېزىتلەردىن بىرنەچچە سان بېرىدىكەن. شۇڭا بۇ بىچارە بوۋاي ئازراق ۋاقتى بولسىلا 10 كلومېتىرچە يولنى ۋەلىسىپىت بىلەن بېسىپ، ناھىيە بازىرىدىكى كىتابخانىدا كىتاب كۆرىدىكەن، ئىمكانىيىتى يار بەرسە كىتاب سېتىۋالىدىكەن، ئۆيىدە يىغىپ ساقلىغان بىر تاغاردىن ئارتۇقراق كىتابى باركەن.بوۋاي بىلەن ئۇزۇنغا قالماي ئۇنى يوقلاپ بېرىشقا ۋەدە قىلىپ خوشلاشتىم، ۋەلسىپىتكە چاققانلىق بىلەن مىنىپ يولىغا راۋان بولغان بۇ ۋىجىككىنە بوۋاينى خۇددى ئۆزىنىڭ ئىچ يانچۇقىغا ئاۋايلاپ سالغان چوڭايتىش ئەينىكىدە كۆرۈۋاتقاندەك ھېسسىياتقا كېلىپ قالدىم.

  بۇلتۇر خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن چەت، يىراق باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە بېرىپ، مەكتەپلەردە گېزىت- ژورناللارنىڭ ئىنتايىن كەمچىللىكىنى بايقىدىم، مەكتەپلەر تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن گېزىت- ژورناللارغا يېتەرلىك مۇشتەرى بولالمايدىكەن، مۇشتەرى بولغان گېزىت- ژورناللارمۇ يەنە تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ۋاقتىدا، تولۇق يېتىپ بارالمايدىكەن. ئۆزۈمنىڭ ئىقتىسادىي كۈچۈم چەكلىك بولغاچقا، ئاشۇ مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ گېزىت- ژورنال، كىتاب كۆرۈش ئېھتىياجىنى ئاز بولسىمۇ قاندۇرۇش مەقسىتىدە ناھىيە بازىرىدا تىجارەت قىلىپ، باي بولغان بىرقانچە تونۇشۇمنى ئۆزلىرى ئوقۇغان ئانا مەكتەپلىرى ئۈچۈن 2014- يىللىق بىرنەچچە سان گېزىت- ژورنالغا مۇشتەرى بولۇپ بېرىشكە، بىرنەچچە پارچە كىتاب سېتىۋېلىپ، يەتكۈزۈپ بېرىشكە دالالەت قىلغان ئىدىم. مىڭ ئەپسۇس، دەسلىپىدە ماقۇل بولغاندەك كۆرۈنگەن بايلار ۋاقتى كەلگەندە مېنى نائۈمىتتە قويدى، زور بىر ئەھمىيەتلىك ئىشقا تۇتۇش قىلغاندەك شىرىن خىياللاردا بولغىنىمغا چۇشلۇق، بىرەرسىمۇ نەچچە ئون يۈەنلىك بىرەر گېزىت ياكى ژورنالغا مۇشتەرى بولۇپ بەرمىدى.

  بۈگۈنكىدەك ھېيت- بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە ئاشپۇزۇل، رېستۇرانلارغا، رەستە، ماگىزىنلارغا قارايدىغان بولساق ئادەملەر مىغ- مىغ، ئۆزلىرىنىڭ ماددىي ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئۇزۇندىن ئۇزۇن، ئۇزاقتىن ئۇزاق ئۆچرەتتە تۇرىشىدۇ. لېكىن، كىتابخانىغا كىرسەك ھېلىقى چوڭايتىش ئەينىكىدە كىتاب كۆرۈۋاتكان بوۋاي بىلەن قوشۇپ ھېسابلىساق ئون بارمىقىمىز توشمايدۇ. يامان يېرى، مەن بۇ پەرقنى يەنە ھېلىقى بوۋاينىڭ چوڭايتىش ئەينىكىدە كۆرۈۋاتقاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالدىم. ئاخىرىدا پەخىرلىك ئەدىبە نەزىرە مۇھەممەد سالىھنىڭ مۇنۇ سۆزىنى قېرىنداشلىرىمغا يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتكىم كەلدى:

  ــــــــ يۈزىمىزنى توپا باسسا باسسۇنكى، كىتابلىرىمىزنى توپا باسمىسۇن. كىتابلىرى غېرىپ بولۇپ قالغان خەلقنىڭ ئەرلىرى نادانلىققا قۇل، ئاياللىرى روھى تۇل بولۇپ قالىدۇ.

  ئابلەت ئەخمەت

  2014- يىلى 30- يانۋار، پوسكام

  ئاپتور پوسكام ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدا

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر