باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

ئوۋچى

ياقۇپ ئىسمائىل

2013.11.04 16:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھاۋا بەك سوغۇق بولغاچقا بارات توڭلاپ كېتىۋاتاتتى. ئۇ مىلتىقىنى قويۇپ ئىككى قولىنى يېڭىنىڭ ئىچىگە بەكرەك تىقىپ چىشىنى چىشلەپ ئولتۇراتتى. مۇشۇ كۈنلەردە گەرچە ئوۋلىنىدىغان ھايۋانلار ئازلاپ كەتكەن بولسىمۇ، بەرداشلىق بەرسىلا قۇرۇق قول كەتمەيدىغانلىقىنى ئۇ ئوبدان بىلەتتى. چۈنكى ئۇ مۇشۇ قىيا تاشنىڭ بېقىنىدىكى چېغىر يولدا تاغ ئۆچكىسىنىڭ ئىزلىرىنى كۆرگەنىدى.

  ئۇ ئىسسىغاندەك قىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئۇيقۇسى كېلىپ، كۆزلىرى يۇمۇلۇشقا باشلىدى، ‹‹غەيرەت قىل بارات. ئۇخلاپ قالساڭ بولمايدۇ. بۇنداق چاغدا ئۇخلاش بەكمۇ خەتەرلىك. ئۇيقۇ سېنى جېنىڭدىن جۇدا قىلىدۇ›› دەپ پىچىرلىدى بارات ئۆز – ئۆزىگە. ئۇ كۆزىنى زورىغا ئېچىپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتمەكچى بولۇشىغا، قۇلىقى تىقىرلىغان شەپىنى تۇيدى. بۇ تاغ ئۆچكىلىرىنىڭ شەپىسى ئىدى.

  بارات ئالمان – تالمان مىلتىقىنى قولىغا ئېلىپ ئالدىغا قويۇۋالغان تاشلار ئارىسىدىن ئەتراپنى كۆزىتىپ، بىر توپ تاغ ئۆچكىسىنى كۆردى. باراتنىڭ يۈرىكى ئويناپ كەتتى. ئۇ دېمىنى ئىچىگە يۇتقىنىچە تاغ ئۆچكىلىرىنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭىنى نىشانلاپ تەپكىنى باستى. ‹‹پاڭ!›› قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ تاغ ئىچى لەرزىگە كەلگەندەك بولدى. ئۇ ئورنىدىن چاچراپ تۇرغاندا تاغ ئۆچكىلىرى كۆزدىن غايىب بولغان ئىدى. بارات ئەندىكىپ كەتتى. باراتنىڭ مەرگەنلىكىنى بۇ ئەتراپتا بىلمەيدىغانلار يوق ئىدى. ئۇنىڭ ئاتقان ئوقى پەقەتلا زايە كەتمەيتتى. ئەمما بۈگۈن....ئۇ ھەرقانچە ئويلاپمۇ بۇنىڭ تېگىگە يېتەلمىدى. مىڭ تەستە كەلگەن ئامەت ھەش – پەش دېگۈچە كۆزدىن غايىب بولدى. ئەمدى ئۇنىڭغا بۇيەردە تۇرۇۋېرىشنىڭ ھاجىتى قالمىغانىدى.

  بارات ئېغىرلاشقان قەدىمىنى تەستە يۆتكىدى. مىلتىق ئاۋازىدىن كېيىن ئەتراپ سۈكۈتكە چۆمدى. نە تىقىرلىغان، نە غۇيۇلدىغان ئاۋاز بولسۇن. تاغ ئېتەكلىرى ۋە ھاڭ، قىيالاردا تۇمان ئەگىيتتى. ھەيۋەتلىك تاغ تىزمىسى ئۈستىدە بۇلۇتسىز ئاسمان چەكسىزلىكىنى نامايان قىلىپ تۇراتتى.

  بارات ئاخىرقى ئۈمىدىنى قويۇق قارىغايزارلىققا باغلىدى. قارىغايزارلىقنىڭ ئىچىمۇ تىمتاس بولۇپ، ھېچقانداق شەپە ئاڭلانمايتتى. پەقەت بەزى – بەزىدە ئاياغ ئاستىدىكى دەرەخ شاخلىرىنىڭ قاراسلاپ سۇنغان ئاۋازىلا ئاڭلىناتتى.

  بارات بىرەر يەرگە ئىز چۈشۈپ قالدىمۇ دەپ ئەتراپقا سىنچىلاپ قاراپ ماڭدى. بىراق ئۇنىڭ ئۈمىدى يوققا چىقتى. ئۇ كېتىۋېتىپ بىردىنلا توختاپ قالدى. ئۇنىڭغا يېقىنلا يەردە بۇغۇغا ئوخشاش بىر نەرسە ئۇنىڭغا قاراپ تۇراتتى، ئۇ راستىنلا بۇغا ئىدى. ئۇ شاخلاپ كەتكەن مۈڭگۈزىنى مۈرىسىگە قويۇپ تۇراتتى. شۇنداقلا قويۇق ئورمان ئىچىگە چاقماقتەك ئېتىلىپ كىرىپ كېتىدىغاندەك ھاۋانى پۇراپ، ئەتراپقا دىققەت بىلەن قۇلاق سالاتتى.

  بارات دەرھال يوشۇرۇنۇپ، مىلتىقىنى قورۇلغا ئالدى. ئۇنىڭ بۇنداق بۇغىنى كۆرۈپ باقمىغىنىغا كۆپ يىل بولغانىدى. ھەممە ئادەم ئوۋچى بولۇپ كەتكەن شۇ يىللاردا بۇغىنىڭ نەسلى قۇرۇپ، بۇغا كۆردۈم دېگەن ئادەملەرنى ئۇچرىتىش تەس ئىدى.

  بارات ھەممىنى ئۇنتۇدى. بۇغا ئېتىشنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى، سېزىلىپ قالسا كېسىلىپ كېتىدىغانلىقىنى ئۇنتۇدى. ئۇنىڭدىكى ئوۋغا بولغان ئىشتىياق ھەممىنى يالماپ كەتكەنىدى. شۇڭا ئۇ مىلتىقىنى قورۇلغا ئېلىپ تەپكىنى باستى. ‹‹پاڭ›› قىلغان ئاۋاز قارىغايلىق ئىچىدە ياڭراپ، قارىغايلارنىڭ يىڭنەسىمان يوپۇرماقلىقىدىكى قارلار تۆكۈلدى. ئەمما بۇغا يىقىلمىدى. ئۇ كەينىگە بۇرۇلغىنىچە ئورمانلىققا كىرىپ كۆزدىن غايىب بولدى.

  بارات يىغلىۋېتىشكە تاسلا قالدى. بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلەلمەي بېشىنى چاڭگاللىغىنىچە ئولتۇرۇپ قالدى، بۇ زادى قانداق ئىش؟

  ئۇ بېلىدىكى پاتروننى يېشىپ ئوقلارنى ئالدىغا ئالدى. ئاندىن جەزنى سىقىمداپ ئۇنىڭ ئاغزىغا كەپلىگەن قەغەزلەرنى چىقاردى، ئۇ ھەيران قالدى. جەزنىڭ ئىچىدە دورىدىن باشقا ھېچنېمە يوق ئىدى. بۇ مۇمكىنمۇ؟ چۈنكى ئاخشام ئۆز قولى بىلەن مىلتىقنى ئوقلىغان تۇرسا. ئۇ بىردىنلا ئوغلىنى ئەسلەپ قالدى. ‹‹بۇ چوقۇم شۇنىڭ قىلغان ئىشى›› دېدى، ئۆز – ئۆزىگە پىچىرلاپ. چۈنكى ئوغلى ئۇنىڭغا ئوۋغا چىقماسلىق، مىلتىقنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا تاپشۇرۇپ بېرىش ھەققىدە مەسلىھەت بەرگەنىدى. بارات ‹‹ئوغلىنىڭ قۇشلار ھەم ياۋايى ھايۋانلار ئادەملەرنىڭ دوستى، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈش جىنايەت.›› دېگەنلىرىنى ئويلاپ جايىدا ئۇزاق ئولتۇرۇپ قالدى. ئەگەر ئۇنىڭ ئاتقان ئوقى بۇغىغا تەگكەن بولسا قانداق بولۇپ كېتەتتى – ھە؟ ئوغلى راست دەيدۇ. ئىنسانلار بەزىدە تەبىئەت ئاتا قىلغان ئەڭ قىممەتلىك نەرسىلەردىن ھۇزۇرلىنىشنى بىلمەي، ئۇنى نابۇت قىلىدۇ. بىردەملىك خۇشاللىقى ئۈچۈن ئۆزىگە ھېچقانداق زىيان – زەخمەت يەتكۈزمىگەن جانىۋارلارنىڭ جېنىغا زامىن بولىدۇ. ئەجدادلىرى نۇرغۇن يىل ئاسرىغان، بىنا قىلغان نەرسىلەرنى بىر كۈندە ۋەيران قىلىپ، ئۇنى تۈزەش ئۈچۈن ئۆمۈر بويى جاپا چېكىدۇ...

  بارات بېشىنى كۆتۈردى. ئۇنىڭ كۆزىگە ئوغلى ئۇنىڭ يېنىغا يۈگۈرۈپ كېلىۋاتقاندەك كۆرۈنۈپ كەتتى. بارات ئورنىدىن تۇردى. قۇچىقىنى كەڭ ئېچىپ ئوغلىنى باغرىغا بېسىشقا تەييارلاندى...

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر