باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

دادام ئۇلۇغ بوياقچى

خەلق تورى

2013.11.01 10:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى


نېمە دېگەن كەڭرى بۇ ئاسمان؟
نېمە دېگەن كەڭرى بۇ ئاسمان؟
نېمە ئانچە يورۇق يۇلتۇزلار؟

مەن ئېرىشمەكچى بولغان رەڭگە ئاخىرى ئېرىشتىم
مەن سۆيمەكچى بولغان ئاينى ئاخىرى سۆيدۈم
مەن ئىسمىنى قويماقچى بولغان يۇلتۇزنى ئاخىرى تاپتىم

دادام ئۇلۇغ بوياقچى
بەرپا قىلغان ھويلىمىزدا ئاسمان رەڭگىنى
كەڭ دالا
چاھار پاي يايلاپ يۈرگەن ھويلىمىزدا
تاغلار تۇتاشقان ئايىقىمىزغا
بۇلۇتلار پۇتلىرىمىز ئارىسىدا
بىزنى مىسلىسىز كەڭ ئاسمان قۇچاقلايدۇ
ۋۇجۇدىمىزدا
توپلاشقان بارچە يۇلتۇزلار
جان يۇلتۇزلىرى چاقنايدۇ...

دادام ئۇلۇغ بوياقچى
سىزالايدۇ ھاۋاغا ھەممە نەرسىنى
تامنى،لەمپىنى، دەرۋازىنى...
سۇۋادان تېرەكلەر ئەسكەرلىرى
ھەر بىر كۆچەتكە قويغان بىزنىڭ ئىسمىمىزنى

ئۇ بىز ئۈچۈن جەننەتنىڭ رەڭگى
ئۇ بىز ئۈچۈن خىزىرنىڭ قولى
بىز ئۇنىڭ يۇلتۇزلىرى
بىز ئۇنىڭ تۇغ-ئەلەملىرى...
كېتىۋاتقان كەڭ ئېتىزلىقتا
يېيىلىۋاتقان يېشىللىققا
لەپىلدەۋاتقان بوشلۇقتا

دادامنىڭ ئالىقىنىدا
ئاسمان كەڭ بولسا بولۇر شۇنچىلىك
دادامنىڭ بارماقلىرىدا
ئۈمىد يورۇق بولۇر يۇلتۇزچىلىك ...

دادام ھەممە نەرسىنى كۆك سىزىدۇ
دادام مەڭگۈ يېشىللىقتا ياشايدۇ
ئۇزاق يىللاردىن بېرى ئاغرىقچان ئۇ
سەۋرچان ئەييۇپكە ئوخشايدۇ
چوڭقۇر ئۇھسىنىپ كۆككە قارايدۇ
يۇلتۇزسىز تۇنلەردە نالە قىلمايدۇ
تالاي كېسەللەر دادام تېنىدە
ئۆلىدۇ خىجىللىقتا كۈندە
ئۇلار سەمىرىپ كەتكەچكە كۈندىن-كۈنگە

دادامنىڭ بىر قېتىممۇ ۋايسىغىنىنى بىلمەيمەن
كېسەل كارۋىتىدا قىزىل گۈللەر ئىچىلىدۇ
بوغۇق ئۈنىدىن ئىپار تارايدۇ
ئارمان بىلەن باقار ھەر كېچە
ئاي مارىلاپ تۇرغان ئاسمانغا...

دادامنىڭ ئاغرىقى - ئەنە شۇ ئاسمان...



مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر