كېچە
ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم
2013.11.01 10:41 مەنبە: خەلق تورى
كېچە-تاۋۇت
ئاي نۇرى ــ كىپەن
كىپەن ئىچرە بىر غېرىب ئادەم
قول باغلىشىپ تۇرار تېرەكلەر
قىينار ئۇنى ئۇيقۇسىز تۇنلەر
ئۇيقۇ ـ ئۇزاق،گۇزەل كەلگۇسى
ئۇندا گۈللەر،ياپراق ۋە شەبنەم.
بىر قۇش شاختا سايرار دانىشمەن
ئۇيقۇ-گۈزەل،نۇرلۇق پەرىشتەم.
پەرىشتىلەر قولىدا قەلەم
يازار مېنى بۈيۈك مۆھتىرەم!
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر