باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

خەيرى-خۇش تاغلار

ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم

2013.11.01 10:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

خەيرى دوستلار ،كۆزۈم ئارقىدا،
ئاق بۈلۈتقا مىنگەن بۇ تاغلار
چەۋەندازلار ئىزى نەلەردە،
كۆزۇم ئۇنچە تۆككەن بۇ تاغلار.

كىشنەۋاتقان ئەرۋاھى
ئوقلار يامغۇرىغا قارشى ئاتلارنىڭ...

يېشىل چىملىقلار-قىزىل چىملىقلار
بۈلۈتلاردەك يېغىلغان بارچە تىنلىقلار
تېنىچلىققا ئىنتىلگەن ئۇچار-قاناتلار
تاغ –جىرالاردىن كەلگەن بەڭباش ئېقىنلار
قارىغاي،تاغ تېرەكلىرى ئاستىداچۆمۇپ سۈكۈتكە
يېلتىزلىرى يۈرەككە تۇتاشقان بۇ تاغلار...

قاراڭغۇ ئۆڭكۈرلەردە يەكلەر نەغمىسى
پەرىلەر ئۇسسۇلىغا چۆمۇلگەن يۇلتۇز كېچىسى
ئىمارەت- راۋاق تاغلار ئارىسى
غەرق مەست بولدۇم
چاشتانى ئىلىك بەگنىڭ بۈيۈك ئۇيقۇسىدا
نىرۋاناغا يەتكەن بۇ تاغلار...

ئاق قېيىن،شەمشات ئورمانلىقىدا
شاتلىقتا ئۇچقۇچى قۇشلارنىڭ مەنزىلگاھىدا
غەمسىز كىشىگە ئايلانغان چاھارپايلارنىڭ
ئۇچار-قاناتلارنى قوغدايدىغان ئىزگۈ روھلارنىڭ
بۈيۈك قەتلىئامىدا
يېقىلغان ئاتلارنىڭ قارچۇقىدىن ئېقىپ چۇشكەن بۇ تاغلار...

بۈلۈتلاردىن
چوققىلاردىن سېرىلىپ
ئاپتاپقا يارىسىنى سېلىپ
تاشقىنلاردا گۈمۈرۈلۈپ كەتكەن بۇ تاغلار...

مۇڭغا چۆمۇلگەن ئەنە شۇنداق جايلاردا
چەكسىز ئېنتىزارلىققا ئايلىنىپ كەتكەن بۇ تاغلار...

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر