- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
كۆيۈك تاغلار
ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم
2013.11.01 10:39 مەنبە: خەلق تورى
ئەي...كۆز يەتكۈسىز ھاڭنىڭ ھەسرىتى
سېنى ئۇزاقلاردىن كېزىپ كەلدىم.
تەننىڭ راھەتسىز سەھەرلىرىدە
ھېرىپ-ئېچىپ،ئېزىپ كەلدىم.
قوزا چۇشلىرىدە ئويغىنىمەن.
ئاپتاپلىرىڭدا كۆكسۇمنى داغلايمەن
داغلايمەن
يۇلغۇن بىلەن
گۇر-گۇر كۆيۈۋاتقان گۇلخانلىرىڭدا
تاپانلىرىمنى.
تاپانلىرىمنىڭ يېرىقىنى
...داغلايمەن سېنى
شېئىر يازىدىغان قىز.
يۇزلىرىڭدە تىرناق يارىسى
يۇلغۇن،قامغاق،ئىدىر ئارىسى
يالاڭئاياغ
قوغلايمەن
ئاچ بۆرە يېدى قوزىلىرىڭنى...
چوڭقۇر ئۇھسىنىپ ئويغىنىمەن
ئىشىنەمسەن
ھېلىمۇ شۇ تاغلاردا يۇرگەن مەجنۇنمەن
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر