باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

قىزىل چىراق

ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم

2013.11.01 10:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى



كېسىپ ئۆت،
كېسىپ ئۆت قىزىل چىراقنى،
قۇترايدۇ ئىچىمدە بىرتەلۋە ئىستەك.
ئۇزاقتىن سېغىنغان مەسۈم يۇزۇڭنى،
قاپقارا كۆزۈڭنى كۆرىدىغاندەك.
كېسىپ ئۆت ،
قارايدۇ ساڭا ئادەملەر،
كۆرىدۇ بوشلۇقتا سېرىك ئويۇنى.
پۇتلىرىڭ پەلەككە كۆتۈرۈلۇش بىلەن،
كۆرسىتىپ قويىسەن موللاق ئېتىشنى...

چىقىدۇ بېشىڭدىن رەڭدار چەمبىرەك،
چىملىقتا غۇچچىدە ئېچىلغان گۈللەر،
سەكرىشەر ئۇچتى دەپ ئۇششاق بالىلار،
تەنتەنە قىلىدۇ چىچىلغان گۈللەر...

بىر قۇش ھاۋادا لەرزان ۋە لەرزان...
ھاڭۋىقىپ قارىشىپ قالىدۇ كىملەر.
بىر قاراپ قويمىغان سۇلغۇن يۇزۈڭگە،
قارىشار جانلىنىپ نازىنىن كۆزلەر.
كۆزلەردە قالىدۇ ئۆچمەس سىمايىڭ،
كۆزلەردە، ئەبەتكە قاتقان كۆزلەردە...

كۆكسۈڭگە تەگكۈزۈپ نازۈك قولىنى،
دوختۇر قىز تىڭشايدۇ غەمكىن ئىچىڭنى.
شۇ شېرىن،شۇ چەكسىز ھاياجان ئىچرە،
يۈرىكىڭ سوقۇشتىن توختايدۇ بىردىن.
سىرىلىپ چۈشكەندە بىر تامچە يېشىڭ،
ئۇ بەخت يېشىمۇ بىلمەيدۇ ھېچكىم...

كۆتۈرىلەر پەلەككە شايى روماللار،
قانىتىڭ بوشلۇقتا قالدۇرىدۇ ئىز.
قانغۇسى قىزىل رەڭگە ئاشىق يۈرىكىڭ،
قۇچاقلار ئەرشتە سېنى سۆيگەن قىز...

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر