- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ياپراق
ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم
2013.11.01 10:37 مەنبە: خەلق تورى
باھارنىڭ ياپرىقى ئۆلگەن كۈنلىرىم،
بېھىشنىڭ ھۆرلىرى ئەسكەن شاماللار
بىر ئۇپۇپ ئۆتىدۇ شايى رومالى،
كۆزلىرى يۇمۇلۇپ كەتكەن خىياللار.
پورەكلەپ ئېچىلغان خۇشبۇي چېچەكلەر،
سىلەرگە باققانچە تەۋرەر ئىشەنچەم.
يېڭناغۇچ ئۆلتۇرۈپ قويار بەرگىمنى،
ئاق گۈللەر،ئاق گۈللەر ئەي، غېرىب قەبرەم.
ئوغلۈمنىڭ كۆزىدىن يانار يېشىل نۇر،
قەھرىمان بولسام دەپ ئويلايتتىم مەنمۇ،
بۇ ئۇزاق ھېكايەم،ئۇزاق ھېكايەم،
بىر غېرىب شائىر بوپ قالىسەن سەنمۇ.
كىملەردۇر يىراقلاپ كېتەر ئارىدىن،
كىملەردۇر چاقىرار قارشى قىرغاقتا.
كۆرىنەر دوستلىرىڭ،قىرىنداشلىرىڭ،
شۇ تەرەپ يېقىملىق سەن ئۈچۈن بۇندا.
باھارنىڭ ياپرىقى ئۆلگەن كۈنلىرىم،
ھەركۇنى ئوخشاشلا چېقىدۇ قۇياش.
كىملەردۇر بازاردىن سودىلىق قىلىپ،
كەچقۇرۇن ئۆيىگە قايتقانغا ئوخشاش.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر