دەرەخ
ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم
2013.11.01 10:36 مەنبە: خەلق تورى
كۆزلىرىڭدە يېشىللىق
يۈرىكىمدە چەكسىز ئىزتىراپ
بىرتال يوپۇرماق تۆكۈلسە
بىر شاخ سۇنسا
يېقىلىشىڭ مۇمكىن تېرەكتەك
چاقناپ كېتەر كۆزلىرىڭ
چەكسىز كەتكەن توقايغا قاراپ
كېتىۋىتىپ ئورماندا
چۈشەرسەنمۇ تېرەكتەك غولاپ...
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر