باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

شامال

ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم

2013.11.01 10:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

يامغۇر تامچىپ-
تامچىپ چۈشتى زېمىنغا،
سىڭىپ كەتتى كېيىن نەمخۇش ھاۋاغا.
شامال يارىدار چەكتى تالاي ئىشىكنى،
ئىشىك تاقاق،
شامال قالدى تالادا.

شامال دەيدۇ؛
ئېزىتقۇدۇر ھېكايەم،
چەكسىز سىم-سىم يامغۇر بىلەن نەمدەلگەن.
كېزىپ چىقتىم كوھىقاپنى يەتتە رەت،
ھايات ماڭا سۆيگۈ ئەمەس غەم بەرگەن.

شامال غاردا،
يامغۇر چەكسىز ھاۋادا،
ماكان ئەيلەپ، قاقسۇن قانات پەر دەيدۇ.
چۈشەي دېدىم قانچە قېتىم چوققىدىن،
قۇشلار يىغلاپ قانىتىڭنى بەر دەيدۇ.

شۇڭا مىسكىن، نامرات شامال بوپ قالدىم،
قوغلاپ يۈرەر مېنى ھىجران قامچىسى...

قېتىپ قالدى يۈزلىرىمدە شاماللار،
كىرپىكىمدە چاقنار يامغۇر تامچىسى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر