باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

قاراڭغۇدا يولغا چىققان ئۆلۈكلەر

ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم

2013.11.01 10:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

گويا ئوق ۋىڭ قىلىپ
تۇمەن ساداقلار ئۈچۈپ كېلىپ
كۆتۇرۇلگەندەك ئاسمانغا
ھەسرەت بىلەن كىشنەپ يېقىلدى...

يۈرىكىمنى بېسىپ ئۆتتى
دۇپۇر-دۇپۇر
ئاتلار دۇپۇرى

تۇۋىقىدىن ئوتلار چاچرايتتى.
قۇيرۇقلىرى ئويناپ تۇراتتى
يايلىسىنى شامال يەلپۇيتتى

پەشتاقتىكى مەزىننىڭ ئۇنى
چاقىرماقتا ئۇلارنى
بېھىشنىڭ كەڭ باغچىلىرىغا...

كۆتۇرۇلگەن توزان جەڭگاھتا،
بېھىشنىڭ خىش –ئەقرىبالىرى.
كۆكسىگە سانجىلغان نەيزە قىزىل ئېچىلىدۇ،
يايلىسى بولىدۇ ھۆرلەرنىڭ سۇمبۇل چاچلىرى...

قاسساپ ئۇلارغا قىسماق قۇرۇپ يىقىتىدۇ،
سانجىيدۇ كۆكسىگە ئۇزۇن خەنجەرنى.
قىزىل گۈللەر تۆكۇلىدۇ
گويا بىلىكىگە سانجىلغان ئوكۇلدەك
مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كېتىدۇ
پۇتلىرىنى سۇنۇپ
قىزىل گۈل ئارىسىدا ئۇخلىغان قىزدەك
...يوغان كۆزلىرىدىن ئېقىپ چېقىدۇ
تۈكلۈك يۇزلىرىدە قېتىپ قالىدۇ ئىككى تامچە...

قوللىرىمدا شېئىر ئوقۇيمەن،
پۇتلىرىمدا چاۋاك چالىمەن.
كۆزلىرىمنى يۇمۇپ يىقىلىمەن،
چىمەنلەرنىڭ ئۇستىگە...

دۇپۇر-دۇپۇر
ئېلىپ كەلدىڭ بوراننى
دۇپۇر-دۇپۇر
ئېلىپ كەلدىڭ شامالنى
ھاسىرەپ
كىشنەپ
چاقماق چاقتۇرۇپ
مېنىپ كەلدىڭ بۇلۇتلارنى

...يايلىسىدىن ساقىپ چۇشتى تامچە-تامچە
ئايلاندى سەلگە
پۇشقۇرۇشلار ئىچرە
ئېچىلىپ گۈللەر
بىر چوغ چۇشتى جەننەتكە

نۇر تۆكۈلدى
ئاسماندىن يەرگە

قاراڭغۇدا يولغا چىقتى ئۆلۈكلەر
ئۇستىدىكى ئەزرائىل
ئورۇق،مېسكىن ،لېكىن شاش يىگىت.

چاپتۇرماقتا
دۇلدۇللار ئۇنى
ئەگەشمەكتە سۆڭەكلەر

يۈرىكىمدە چاپماقتا
دۇپۇر-دۇپۇر
ئاتلار دۇپۇرى...

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر