باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

كەشتە يوپۇرماق

ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم

2013.11.01 10:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

قوشۇلغاندا بىر جان،
ئىككى تەن،
كىچىك ئۆي، كىچىك ۋەتەن.
ئاۋات ئىكەن ۋەتەن دېگەن،
پەرزەنت بىلەن.

جېنىم بالام،
تېنىم بالام،
قانداق پەيدا بولدۇڭ ئۆيۈمدە
شولا تاشلاپ تورۇسقا، تامغا
قېتىلىسەن ناخشا كۈيۈمگە.

ئۆيدىن چېقسام
تۆت تامغا قاراپ
قالىسەن يېغلامسىراپ

ئۆيگە كىرسەم
ئەگىشىپ كىرىسەن ئارقامدىن يەنە
تۇرىسەن ياكى ئىشىك چېكەلمەي
ئىشىك تۇۋىدە...
مىجەزىڭ ئوخشىمايدۇ ھېچكىمگە...

ئەنسىزلىك، سۇخانىدا
ئايلىنىمەن قىزىل رەڭگە
قىزىل رەڭ ئاقار سۇدا
قارايسەن ئەتراپىڭغا
شورايسەن بارمىقىڭنى
ئوخشاپ بالىلىقىمغا...

ھەركۈنى
ئىشتىن كېلىشىمگە
يۈگۈرۈپ كېلىسەن...
ئاتنىڭ بېشى چايقىلىپ
تۇرىدۇ تامدا...

ئىشىكتىن چىقىشىمغا
پەيدا بولىسەن ئالدىمدا يەنە...

كۈلۈشسىمۇ دوستلار ئارقامدىن
ئاتا بولدۇم
ئاخىرى ئاتا
يۈرىكىمگە سانجىلغان تىكەن
چېچەك ئاچقان ۋاقىتتا.

خۇشخۇيلۇقۇڭ تۇرمۇشۇمدا
چاچار ئەنبەر
چاچار پۇراق

بۇدرۇق-بۇدرۇق بارماقلىرىڭ
قويغىنىدا يۈزۈمنى سىلاپ
چۈشۈم چۆچۈپ قېچىپ كەتتى
سەن بۇرنۇمغا پۇراپ- پۇراپ...


جېنىم بالام سېنىڭ بىلەن
مۇڭداشقۇم بار
ئۇزاق-ئۇزاق...

* * * *
دېرىزەمدە
كەشتە يوپۇرماق
تۇرار كۆكلەپ

باقتۇق ئۇنى
بالام دەپ...

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر