باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

شېئىر يازدىم خېلىدىن بۇيان

ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم

2013.11.01 10:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

شېئىر يازدىم ئۇزاقتىن بېرى،
يېشىل قۇشقا ئايلىنىش ئۈچۈن.
توڭلار ئېرىپ ئەگىزلەر ئاقتى،
قاناتلىرىم چىقمىدى نېچۈن؟

پاتقاق كېچىپ كېلىدۇ بەزەن ،
بالىلىقىم خىلۋەت كوچىدىن.
(تېرەكلەرنى ساناپ بارىمەن،
مەكتەپتىكى ئۆستەڭ بويىدىن)

ئون يىل ئۆتۈپ كۆرۈشتۇق يەنە،
تونۇغاندەك قارىدىڭ ...
كەتتىڭ.
قېرى سۆگەت پېچىرلار غەمكىن:
ـ شامال بولساڭ سۆيۈپ ئۆتەتتىڭ...

باغلىرىڭنى كەلسەم ئايلىنىپ،
قوللىرىڭغا ئالساڭ ئۇچۇملاپ...
يۇيۇۋەرگىن قولۇڭنى مەيلى،
مەن بارىمەن بىر سېنى ئويلاپ.


كۆزلەر غېرىپ، ۋۇجۇدلار تىم- تىم،
تەقدىر دەيمەن پېچىرلاپ تەمكىن.
قايتىپ باردىم ئىللىق ئۆيۈمگە،
كوچىلارنى ئايلىنىپ غەمكىن.


كوچىدىكى سۇۋادان تېرەك،
مۇھەببەتنى چۈشەنمەس نېچۈن؟
كېچىلەردە يۈكۈندۇم قانچە،
شېئىر يازدىم پەقەت سەن ئۈچۈن.

ئۆمرۈم مېنىڭ سۆيگۈ بوشلۇقى،
«شېئىرىمدا قورشىۋالىمەن.»
ماڭا قاچان يۆلىنەركىن دەپ،
قېرى سۆگەت بولۇپ قالىمەن.


مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر