- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
غۇلجا ھەققىدە
ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم
2013.11.01 10:08 مەنبە: خەلق تورى
مەن تەنھا
يىگىرمە بەش ياشتا
غۇلجا شەھىرىدە
ياۋا چۆپتەك
كىچىك قۇرتتەك
مەن تەنھا
كۆك تېرەكلىك كوچىلار ئارا
ئۇچۇپ يۈرگەن ياپراققا ئوخشاش
چۈش كۆرىمەن ئۇزاقتىن _ئۇزاق
ياز كەلگىچە تۇپراققا ئوخشاش
چىراغ ئاستى
ياپراقلار ئارا
ئولتۇرىمەن تاش قەدەھلەردە
شوخ يىگىتلەر
نازىنىن قىزلار
قاقاقلىشىپ ئىچەر قېنىمنى
چاينىشىدۇ ئۇستىخىنىمنى
ئېگىز بىنا
كەڭرى ئايۋاندا
تونۇمايمەن تامدىن باشقىنى
سۈركىلىدۇ مۇلايىم تاملار
ئىشلار بىسىق ئىشخانىلاردا
غۇلجا يازدا
دەرياغا ئوخشار
ئەتىيازدا
يامغۇرغا ئوخشار
كۆك چىمەنلىك دولقۇنلار ئارا
ئەرلەر ئاقار
ئاياللار ئاقار
غۇلجا كۈزدە
سۆگەتكە ئوخشار
ياش ئاياللار مۇڭلىنىپ قالار
غۇلجا قىشتا جەنۇپقا بىرىپ
يېشىل يازنى ئېسىگە ئالار
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر