باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

ئۇيغۇر قىزى

ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم

2013.11.01 09:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى


خىلۋەتخانەم قەلبىمىزگە دال،
ئىشىكلىرىم سەن ئۈچۈن ئوچۇق.
قۇلۇڭدۇرمەن، ئەسىرىڭدۇرمەن،
كۆك ۋە يەرنى تەسلىم قىلدۇرۇپ،
قوللىرىڭغا سۇنىمەن تولۇق.
ئۇيغۇر قىزى -باشپاناھىمسەن،
سۆيگۈنۈمسەن، پادىشاھىمسەن،
ۋەتىنىمدۇر ئۇزۇن چاچلىرىڭ،
سەن ئىشىكتىن چىقىشىڭ بىلەن
سۆرىلىمەن چاچلىرىڭغا تەڭ...

كۆزۈڭ، كۆزۈڭ، قارا كۆزلىرىڭ،
كېچە، كېچە، تىنىق كېچىسەن.
تالا سوغۇق، تالا بەك سوغۇق،
كەل يېقىنراق يۈرىكىمگە سەن.
يۈرىكىمدە بىر پىيالە چاي،
قېنىپ -قېنىپ ئوتلىغىن چاينى.
ئېسەدىگەن ،قاينىغان چاينى...
ياشلىرىڭمەن، بىلىقلىرىڭمەن،
يۈتىۋالاي ھەسرەتلىك جاينى
ئاپئاق-ئاپئاق كوچىمىز يالغۇز،
ئۈزۈپ چۈشەي يېگانە ئاينى.

ئاي مۇڭلىنار دەل -دەرەخلەردە.
ئۇنتۇپ كەتتى كىشىلەر ئاينى،
تىۋىنمايدۇ بۇ كېچىلەردە.

ئۇيغۇر قىزى، ئامرىقىم مېنىڭ -
كۆكتە ئۈزگەن يېگانە شۇ ئاي.
خانىدانىم– لەۋلىرىڭ سېنىڭ،
لەۋلىرىڭدىن بەرگىن ماڭا جاي.

سان-ساناقسىز كىشىلەر ئۆتتى،
سەن ياشايسەن بىرتال يۇلتۇزدەك.
تەلمۈرىمەن، ئەگىپ يۈرىمەن
نىگاھىڭدا سەگىپ يۈرىمەن،
بىر گېپىم بار
ھېچ گېپىم يوقتەك
سۆيگەنمىدىڭ؟...
ئەسلىيەلمەيمەن
سۆيگىنىم راست
لېكىن سەن يوقتەك
ئۇزاق- ئۇزاق ئەسىرلەر بۇيان
سېغىنىمەن- سېغىنىمەن بەك...

كۆزلىرىڭنى- ۋەتىنىم دېسەم،
سۆزلىرىڭنى- ۋەتىنىم دېسەم،
كۆزۇم دېسەم، يۈزۈمگە سۈرتسەم...
قەيەرلەردە ئۇچۇپ يۈرىسەن؟
ئۆلۈم كەلسە ساڭا يۈگۈرسەم،
ئاچارسەنمۇ قۇچىقىڭنى كەڭ!...

ئۇزاق-ئۇزاق ئەسىرلەر ئۆتۈپ،
ھەممە نەرسە ھازىر بوپ، يۈتۈپ
ئۇزاق -ئۇزاق يىللار ئۇزىتىپ،
ئولتۇرىمەن بىر سېنى كۈتۈپ.

ئۈستىمىزدە بىر غېرىب يۇلتۇز،
سېغىنىمەن كېچىلەر يالغۇز.
يالغۇز ئەمەس كىشىلەر ئەمدى،
يالغۇزلۇقۇم ساقىغان يۇلتۇز...

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر