باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

سەن

ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم

2013.11.01 09:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

سەن تاشلايسەن باغلارغا نەزەر،
ئىللق كۈلۈپ تۇرسام باھاردەك.
ساڭا قاراپ جىلمايسا گۈللەر،
ماڭا گۈللەر كۆرۈنەر داردەك.
ۋۇجۇدۇمدا ئايازنىڭ تەپتى،
مەن قەلەندەر
ساڭا گۈل كېرەك.
قاي كوچىدىن كەلدىم بىلمەيسەن،
ئىللىق كۈلۈپ تۇرسام باھاردەك.
سەبىيلىكىڭ چانار بويۇڭدىن،
بۇ كوچىدىن ئۆتمىكىڭ مۈشكۈل.
راھەت، لەززەت قانار خۇيۇڭدىن،
لېكىن ھەسرەت يۈتمىكىڭ مۈشكۈل.
تىترەپ كېتەر نازۇك يۈرىكىڭ،
كۈز شامىلى قىيغىتسا چېچەك.
ئاشىقلاردىن باشلايسەن چۆچەك،
ئىللىق كۈلۈپ تۇرسام باھاردەك.
بويلىرىڭدىن تاشىدۇ گۈللەر،
ھىدلاپلا ئۆت سەيلە قىل يەنە.
ماڭا كېرەك ئەمەس بۇ كۈنلەر،
ساڭا كېرەك شادلىق تەنتەنە.
مەن ئىشقىڭدا پۈتسەم ھېكايە،
سانجىلىدۇ سۆيگۈم تىكەندەك.
چۈشلىرىم دەپ ھېس قىل كۇپايە،
ئىللىق كۈلۈپ تۇرسام باھاردەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر