باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

پىخسىق ئادەم

2013.05.29 14:15         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تولىمۇ بىر پىخسىق ئادەم بولغان ئىكەن، يېمەي-ئىچمەي بىر ئۆمۈر پۇل يىغىپتۇ. پۇل دېسە جېنىنىمۇ بېرىشكە رازى ئىكەن، ھەتتا سەكراتتىكى چاغدىمۇ ئايالىغا مۇنداق دەپتۇ:

  ـــ ئاڭلاپ تۇر، مەن ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن بارلىق پۇللىرىمنى مەن بىلەن بىللە دەپنە قىلىۋەتكىن، مەن پۇللىرىمنى ئېلىپ بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالىشاي.

  ئايالىمۇ ئامالسىز ئۇنىڭغا ۋەدە بېرىپتۇ.

  ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ پىخسىق ئۆلۈپ كېتىپتۇ. ئايالى قارلىق كىيىمنى كىيىپ، دوستلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا مېيىت ساندۇقىنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپتۇ. مۇراسىم ئاياغلاشقاندىن كېيىن، دەپنە ئىشلىرى خادىمى ئەمدى مېيىت ساندۇقىنىڭ ئاغزىنى ياپماقچى بولغىنىدا ھېلىقى ئايال ‹‹توختاڭلار›› دېگىنىچە ئاياغ كۇرۇپكىسىدىن بىرنى كۆتۈرۈپ كېلىپ ساندۇق ئىچىگە سېلىپ قويۇپتۇ.

  دەپنە ئىشلىرى خادىمى ساندۇق ئاغزىنى ئەتكەندىن كېيىن ماشىنىغا سېلىپ قەبرىستانلىققا قاراپ يول ئېلىپتۇ. ئايالنىڭ دوستلىرى ئۇنىڭدىن:

  ـــ سەن ئەخمەقلىقتە پۇللارنىڭ ھەممىسىنى راستىنلا مېيىت ساندۇقىغا سېلىپ قويمىغانسەن؟ ـــ دەپ سوراپتۇ.

  ئايال:

  ـــ ھەقىقەتەن سېلىپ قويدۇم، چۈنكى مەن ئۇنىڭغا ۋەدە بەرگەن، شۇڭا يالغانچىلىق قىلسام بولمايدۇ. چۈنكى ئۇنىڭغا پۇللىرىنىڭ ھەممىسىنى يېنىغا قويۇپ قويىمەن، دېگەن ئىدىم، ـــ دەپتۇ.

  ـــ ئازراقمۇ ئېلىپ قالماي ھەممىنى بەردىڭمۇ؟

  ـــ ئەلۋەتتە، ـــ دەپتۇ ئايال، ـــ بارلىق پۇللارنى ئۆز ھېساباتىمغا سېلىۋېتىپ، ئۇنىڭغا بىر پارچە چەك يېزىپ بەردىم.

  خالىدە ئوسمان تەرجىمىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

ئالاقىدار خەۋەرلەر