باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئەدەبىيات

بىلىكيارنىڭ تەپەككۇر جەۋھەرلىرىدىن (2)

2013.05.28 16:51         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  (13) ئىنسانىيەتنىڭ ئىنتايىن كىچىككىنە بىرەر مىكرو ھەركىتى ۋە ئۆزگىرىشلىرىمۇ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ھەر قايسى تارماق سىستېمىلىرىغا بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىق تەسىر كۆرسىتىپ، تۈمەنلىگەن مۇرەككەپ ئۇچۇر ۋە ئۆزگىرىشلەرنى بىيو-ئىنتېرنېت (Bio-Internet) ئارقىلىق ماكان زامانلاردىن ھالقىتىپ، كائىنات ـــ كەڭ تەبئىەتتىكى بارلىق جانلىق (ھاياتلىق)لارنىڭ پۈتكۈل تادۇ (گېئو-فىزىكىلىق ھەرىكەت)، ماھۇ (بىيو-فىزىكىلىق ھەرىكەت)لىرى ۋە بۇلار ئوتتۇرىسىدىكى تالايلىغان گارمۇنىك مۇناسىۋەتلەردىكى ئۆزگىرىش ۋە ئۇچۇرلار ئۆزئارا زەنجىرسىمان چاتما تەسىر كۆرسىتىپ، ئىنسان تەسەۋۋۇرىدىن ھالقىغان ۋە كونتىرول قىلىش ئىنتايىن مۈشكىل بولغان نەتىجە ۋە ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. شۇ ۋەجىدىن، بۈگۈنكى ئىنسانلار ئۆزلىرىنى ئەقىللىق ۋە مەسئۇلىيەتچان دەپ قارايدىكەن، ئۆزى ۋە كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ بەھۇزۇر، خاتىرجەم ھالدا خۇشال-خۇرام بەختلىك ياشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ ھەر بىر قىلمىش ئەتمىشلىرىگە قەتئىي مەسئۇل بولۇشلىرى، ھەممە ئىشتا ئىلمىي ئىدراكىي بولۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى زىيانغا ئۇچرىتىدىغان ھەر قانداق پايدىسىز ئىش-ھەرىكەتلەردىن ھەزەر ئەيلەپ، بارلىق چارە- ئاماللارنى قوللىنىپ، ئىنسانىيەت بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق-دوستانە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە مەڭگۈلۈك سىجىل-ئىجىل تەرەققىياتىغا پۇختا ئاساس سېلىشى لازىم. مانا بۇ بۈگۈنكى زاماندار ئۆگلۈك يولىنى تۇتقان مۇنەۋۋەر ئىنساننىڭ ئەقەللىي ھەرىكەت مىزانىدۇر.

  (14) ئىناق جەمئىيەت قۇرۇش ئىنسانىيەت ئىنتىلىدىغان كۆڭۈلدىكىدەك جەمئىيەتتۇر، ئېكولوگىيەلىك ئىناقلىق بولسا ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىم بىيوئاساسى. شۇڭا بىز ھەممىمىزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا دەرىجىدىن تاشقىرى ئەسەبىيلەچە كۆڭۈل بۆلۈش ھەققىمىز، ھوقۇقىمىز ۋە قەرزىمىز بار.

  (15) سەمىمىي ۋە پەزىلەتلىك بولۇش باشقىلارنىڭ مازاق قىلىشى ياكى كۆزىگە ئىلماسلىقىدىن قورقۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئادەم بولۇشنىڭ مىزانى بولۇشى كېرەك.

  (16) تەبىئەت تەڭرىنىڭ بىرىنچى كىتابى بولسا، تەبىئىي پەن ئۇنىڭ بىرىنچى تىلى. بىرىنچى تىلنى بىلمەي تۇرۇپ بىرىنچى كىتابنى ھەقىقىي ئوقۇغىلى ۋە ئۇنىڭ ساماۋىي قانۇنىيەتلىرىنى چۈشىنىپ مۇكەممەل ئىگىلەپ كەتكىلى بولماس.

  (17) ئۆگىنىش ۋە تەپەككۇر ھاياتىم ۋە بەختىمنىڭ بىر قىسمى.

  (18) كىتاب ئوقۇپ تەپەككۇر قىلماسلىق تاماق يەپ ھەزىم قىلمىغانغا باراۋەر، ئېسىل تەپەككۇرنى رېئال ھەرىكەتكە ئايلاندۇرماسلىق ئىنسانىي بايلىقنى ئىسراپ قىلغانلىق ۋە زېمىنغا يۈك بولۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

  (19) تەبىئىي پەن شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلۇغ ۋە مۇقەددەسكى، ئۇ تەڭرىنىڭ بىرىنچى كىتابىي بولمىش تەبىئەتنىڭ تىلى. شۇڭا ئۇ تەبئىي ھەم چىنلىق،دەلىل-ئىسپاتلار ئۈستىگە قۇرۇلغان ۋە بارلىققا كەلگەن. ئۇنىڭ ئەزەلىي ۋە ئەبەدىي تۈپ قانۇنلۇق ھەم قانۇنىيەتلىك خاراكتېرى، مۇقىم ۋە تۇراقلىق ھالدىكى يېتەكچىلىك ئەھمىيىتكە ئىگە بولغانلىقىدىن ئىنسان ئۇنى قانچىكى ئىچكىرىلەپ ئۆگەنگەن ھەم تەتقىق قىلغانسېرى ئادەمنىڭ ئەقلىنى شۇنچە بىلەپ، روھىنى پاك ھەم جەسۇر، قەلبىنى ھۆر، پىكىرىنى ئۆتكۈر قىلىپلا قالماستىن، ئادەمنى شۇنچە راستچىل، سەمىمىي–ساداقەتمەن، ۋاپادار ۋە ئالىجاناب قىلىپ، ھىيلە-مىكىر ۋە نەيرەڭۋازلىقتىن يىراقلاشتۇرىدۇ، ئادەمدىكى ئۆزى ئۈچۈنلا باش قاتۇرىدىغان شەخسىيەتچى ‹‹ئۆزلۈك›› (自我؛ Ego) كىشەنلىرىىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئالەملىك نەزەر، ئىنسانىي بىرلىك-بۈيۈكلىك ۋە دۇنياۋىي سەۋىيەدە تۇرۇپ تەپەككۇر–تەتقىقات ۋە ئىش ھەركەت قىلىدىغان ‹‹ئۆگلۈك›› (超越自我؛ 真实的我؛ 超我؛ 创新性人精؛ Pass ego ؛Real ego؛ Ogluk) ئىنسان بولۇشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ ھەم يېتەكلەيدۇ.

  (20) ئەقىل كۆزى ۋاقتى ئۆتكەن-چىرىگەن بىلىم لاتقىلىرى ۋە ھېسسىيات بىلەن پەردىلەنگەن، كىتاب ۋە نوپوز دېگەنلەرنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ كەتكەن كىشىلەر ئارىسىدىن ھەرگىزمۇ نادىر ۋە گەۋدىلىك بولغان تۇنجى ئىلىم–پەن ئىجادىيەتلىرى ۋۇجۇدقا چىقمايدۇ.

  (23) دۇرۇس ۋە لىللا ياشاش، ھالاللاپ نان يېيىشمۇ ئىمان جۈملىسىدىندۇر.

  (24) مەن خاراباتىنىڭ ئىلىم ھەققىدىكى ھېكمەتلىرىدىن مۇنداق بىر ھەقىقەتنى ھېس قىلدىمكى، ئىلىمنى ۋە ئۆز ئىلىمدارلىرىنى قەدىرلىمىگەن قەۋم خار ۋە زەبۇنلۇق ئىچىدە ئۆتكۈسى. بىلسەك، ئەسلىدە ئۇنداقلاردىن تەڭرىمۇ بىزار بولۇپ، لەنەت قىلارىكەن، چۈنكى ئىلىم ۋە ئىلىمدارنى خار قىلغانلار ئۇنىڭ نەزىرىدىمۇ خارىكەن. بۇنىڭدىن قارىغاندا ئىسلام پەيلاسوپلىرىنىڭ ئالىملار پەيغەمبەرنىڭ ۋارىسلىرىدۇر دېيىشمۇ قىلچە ئاساسسىز ئەمەسكەن. بىز بۇلارنى بىلىپ تۇرۇپ يەنە نېمە ئۈچۈن ئىلىمنىڭ ۋە ئۆز ئىلىمدارلىرىمىزنىڭ قەدرىگە يەتمەيمىز؟ نېمشقا ئومۇمىي خەلق بويىچە ئىلىم-پەنگە يۈرۈش قىلىپ، زامانىۋى پەن-تېخىكا مىللىتى ۋە پاراسەتلىك ئەقلىي مىللەتلەردىن بولۇش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسەتمەيمىز؟!

  (25) مېنىڭ ئۆمۈرلۈك كەسپىم بىلمىگىنىمنى ئۆگىنىش، بىلگىنىمنى بىلمەيدىغانلارغا ئۆگىتىش. ئويلاپ باقسام بۇ مەندىلا ئەمەس، بارلىق ئىلىمدارلاردا بولۇشقا تېگىشلىك بۇرچ ۋە ۋىجدانىي مەسئۇلىيەت ئىكەن. مەن بۇ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش يولىدا ئاخىرقى نەپىسىمگىچە تىرىشىمەن.

  (26) ھاياتنىڭ قىممىتى ئۇنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىدا بولماستىن، بەلكى ھاياتنىڭ كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقىدا. ئۇنىڭ ئەھمىيىتى ھاياتنىڭ مول مەزمۇنلۇق ھەم رەڭدار، مەنىلىك–خەيرىلىك ئۆتۈشىدە. ھايات ئىگىسىنىڭ بەختى دەل ئۇنىڭ باي-كەمبەغەللىكى ياكى ئەمەل مەرتىۋىسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىدە بولماستىن ئۆز ئارزۇسى ۋە ئەجرىدىن سۆيۈنۈش، ئۇنىڭدىن ھۇزۇر ئېلىش، شۇ ئارقىلىق ئېرىشكەن ھۇزۇر–لەززەت، ئۇتۇق ۋە مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسىدىن ئىبارەت.

  (27) ئادەم ئۈچۈن ئىلىم-مەرىپەت ۋە خەيرىلىك ئىشلاردىن يىراق ھالدا تۆگۈمەس مال دۇنيا ۋە ماددىي بايلىقلارنىڭ ئۈستىدە ئۆلۈپ قىلىشمۇ ئوخشاشلار نومۇس ۋە تولىمۇ يىرگىنىشلىكتۇر.

  (28) ئىجادچان تەپەككۇرلۇق ئۆگلۈك يولىنى تۇتقان زاماندار ئادەملەرنىڭ ۋۇجۇدى پىداكارلىق، شەخسىيەتسىز تۆھپە قوشۇش روھىغا، قەلبى ساماۋىي تىلەك ۋە ئىلاھىي ئىلھاملارغا توشقان بولۇپ، ئۇلار خۇددى ھەر زامان-ماكاندا ھەرخل سەرخىل مېۋە بېرىدىغان خاسىيەتلىك مېۋىلىك دەرەخقە ئوخشايدۇ، ئۇلار ھەم كۈچلۈك ھەققانىيەت ۋە ئادالەت تۇيغۇسىغا ئىگە بولىدۇ.

  (29) كىشىلەرنىڭ مۇئەييەن شەيئى، مەلۇم ئىدىيە-مەسلەك، ئىزم (مەسىلەن، ماركىسىزم-لېنىنىزم، ئىسلامىزم، بۇددىزم دېگەندەك)، تەشەببۇس، ئىدىيە، ئېقىم، ئېدىئولوگىيە-پىكىر سىستېمىسى ۋە مۇئەييەن شەيئى ياكى ئۇنىڭ بارلىق تەرەپلىرى ياكى قىسمەن تەرىپىگە قارىتا چەكسىز ئېشىنىش، تەلپۈنۈش-ئىنتىلىش، چوقۇنۇش، ھۆرمەتلەش، ئىتائەت قىلىش ۋە شەرتسىز بويسۇنۇش ئاساسىدا شەكىللەنگەن تەۋرەنمەس چىن ۋە پاك ئەقىدىنىڭ ئادەم ۋۇجۇدىدىكى ماھىيەتلىك ئىپادىسى ئېتىقاد دەپ ئاتىلىدۇ.

  (30) دارۋىنىزم ـــ تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيەسىگە قارشى پىكىرلىك كىشىلەرمۇ ئاۋال ئۇنى ئوبدانراق تەتقىق قىلىپ ئوقۇپ كۆرۈشى كېرەك، ئاندىن ئۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدىكى دۇنياۋى سەۋىيەلىك پىكىر قىلغىلى ۋە ئىلمىي رەددىيە بەرگىلى بولىدۇ. بولمىسا بۇ بىر بىلىمسىزلىك ۋە زامانىۋى جاھىللىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

  (31) ئىلىم-پەن دېموكراتىيەسى ھەقىقىي يولغا قويۇلۇپ، ئالىملار سەمىمىي، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ھەق-نەق گەپ قىلالايدىغان، تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەر ۋە باشقۇرۇش قاتلىمىدىكىلەر قارشى پىكىرلەرنىمۇ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ ئاڭلىيالايدىغان بولغان دەقىقىدە جۇڭگونىڭ ئىلىم-پەن ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىش ۋە گۈللىنىشنىڭ يېڭى مۇقەددىمىسى بولۇپ قالغۇسى.

  (32) بىلىمنىڭ ئەڭ يۈكسەك چەك-چېگرىسى ۋە ئەڭ ئالىي قىممىتى دەل ئالەم، ئادەم ھەققىدىكى تۈپ ھەقىقەتلەرنى تونۇشتىن ئىبارەت.

  (33) پاكىز ۋە ئەدەپلىك بولۇش ئىمان جۈملىسىدىن بولۇپ، ئۇ ئىنساننىڭ ئەڭ ئېسىل خىسلەتلىرىدىن بىرى.

  
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە