باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

بىلىكيارنىڭ تەپەككۇر جەۋھەرلىرىدىن (1)

2013.05.28 16:51         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  (1) پەن–تېخنىكا بىرىنچى دەرىجىلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچىلا بولۇپ قالماستىن، ئۇ ھازىرقى زامان ئىنسان مەدەنىيىتىنىڭ ئۇل تېشى ۋە جېنى، پەن–تېخنىكىدىن ئايرىلغان مەدەنىيەت قۇرۇق ۋە ساختا، كۈچسىز مەدەنىيەتتۇر.

  (2) تۇنجى نۆۋەتلىك سانائەت ئىنقىلابىدىن كېيىن ئىلىم-پەن ۋە تېخنىكا ئەسەبىي، خوراپىي ئىلاھشۇناسلارنىڭ ‹‹دېدىكى›› بولۇشتىن قىلىپ، پەسكەش كاپىتال ئىگىلىرىنىڭ ‹‹قول چومىقى››غا ئايلىنىپ قالماقتا. بۇ ئەمەلىيەتتە ئىنسانىيەتنىڭ ئەقلىيلىق، ئىلمىيلىققا قاراپ زور بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن بولسىمۇ غايە، ئېتىقاد ۋە ئەخلاق پەزىلەت جەھەتتە بىر قانچە قەدەم چېكىنگەنلىكىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.

  (3) ئۆزى ئۆگەنگەن بىلىم ھەم تەتقىق قىلغان ئىلىم-پەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاۋام-خەلققە ئومۇملاشتۇرۇشنى خالىمىغان ھەر قانداق ئادەم قانچىلىغان توم كىتابلارنى ئوقۇغان-يازغان، تاغدەك مول بىلىمى بولغان ۋە ياكى قانچىلىك كاتتا مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشكەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇ ھەرگىز ‹‹ئالىم›› ياكى ‹‹ئىلىمدار›› دېگەن شەرەپلىك نام بىلەن ئاتاشقا ئەسلا مۇناسىپ كەلمەيدۇ.

  (4) پۇختا نەزەرىيە سىستېمىسى بولمىغان ھەر قانداق پەن مۇكەممەل بىر پەن سۈپىتىدە دۇنيا ئىلىم مۇنبەرىدە پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ، نەزەرىيەدىكى ئەمالىق ئىلىم-پەن تەتقىقاتىنى تۇيۇق يولغا باشلايدۇ.

  (5) سەمىمىي ئادەم بولۇش ، ھەق گەپ قىلىش ئەمىلىيەتچىل بولۇش، بېرىلىپ ئۆگىنىش، ئۆزىنى بېغىشلاپ خالىس تۆھپە قوشۇش ۋە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ھەر قانداق ئىلىمدارنىڭ قەرزى ۋە پەرزى.

  (6) ئىلىم-پەننى ئۆگىنىش (چۈشىنىش)، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش، ھۇزۇر-نەپ ئېلىش پەقەت ئىنسانغىلا خاس بولغان ئالىي ئىقتىدار ۋە پاراسەت بولۇپ، بۇ ئەمەلىيەتتە ئىنساننىڭ ئەقلىنى تېپىپ بەختكە ئېرىشىش جەريانىدىن ئىبارەت.

  (7) ئىلمىي نەزەرىيەدە ئىزچىل باشقىلارغا بېقىنىپ كەلگەن، ئۆزىگە يارىشا ئىلمىي نەزەرىيە سىستېمىسى ۋە بىلىش مېتودى بولمىغان مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس ئادىمىيەت پەنلىرى بولمايدۇ.

  (8) ئىلىم-پەن تۇرمۇشۇمنىڭ بىر قىسمى، مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا ئىلىم-پەنسىز تۇرمۇش ئوكسىگېنسىز ھاياتقا ئوخشايدۇ.

  (9) پەلسەپىسىز ھايات ـــ ئىلىم-پەنسىز ھايات. ئۇ ئىنساننى نادانلىق، نامراتلىق، ئىناقسىزلىق ۋە ئاخىرى زاۋاللىققا ئېلىپ بارىدۇ.

  (10) ئىلىم-پەننى ئۆگىنىش (چۈشىنىش)، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش، ھۇزۇر-نەپ ئېلىش پەقەت ئىنسانغىلا خاس بولغان ئالىي ئىقتىدار ۋە پاراسەت بولۇپ، بۇ ئەمەلىيەتتە ئىنساننىڭ ئەقلىنى تېپىپ بەختكە ئېرىشىش جەريانىدىن ئىبارەت.

  (11) بۇلغانغان ئىلمىي مۇھىت بارلىق ئىلمىي پاجىئە ۋە شۇملۇقلارنىڭ مەنبەسى، چىرىك ۋە چاكىنا ئىلىمدارلارنىڭ ئەلگە يەتكۈزىدىغان پايدىسىدىن زىيىنى كۆپ ئارتۇق بولىدۇ.

  (12) ئىلىم ھەقىقەتلىرىگە ئىنتىلگۈچى ۋە تەپەككۇر ئارقىلىق خۇشاللىق ئىزدىگۈچىلەر خۇددى تۇزلۇق سۇ ئېچىپ، ئىچكەنسېرى ئۇسساۋېرىپ تەشنالىقى قانماي كېتىۋاتقان ئادەمگە ئوخشاش بولۇپ، ئۇلار ئۈچۈن تەپەككۇرنى توختاتقانلىق تومۇرىنىڭ سوقۇشتىن توختىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۆگىنىش ۋە تەپەككۇر بۇنداق ئادەملەرنىڭ ھاياتى ۋە بەختىنىڭ بىر قىسمى، ئىلىم تەھسىل قىلىش بىلەن بەخت تېپىش ئۇلارنىڭ ئەڭ زور خۇشاللىقى. ئىلىم-پەن ئۇلارنىڭ ھاياتى پائالىيىتى ۋە تۇرمۇشى بىلەن بىرىكىپ كەتكەنلىكتىن، ئۆگنىش ۋە تەپەككۇر ئۇلار ئۈچۈن ئالاھىدە بىر ھۇزۇر-لەززەت ۋە خۇشاللىقتۇر. بىر ئالىم ئۈچۈن ئېيتقاندا، تېخىمۇ شۇنداق.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

ئالاقىدار خەۋەرلەر