باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

تۇرمۇش يولى

لېف.تولستوي

2013.05.28 16:48         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىر ئىشلەمچى خوجايىنى بىلەن بىر قورۇدا تۇرىدىكەن. ئىشلەمچى بارا – بارا ھۇرۇنلىشىپ، كۈنبويى بىكار يۈرۈيدىغان بولۇۋاپتۇ. خوجايىن بۇ ئىشنى بىلسىمۇ، ئۈندىمەپتۇ ۋە ئۇنى كۆرگەندە گەپ قىلماي بۇرۇلۇپلا كېتىدىغان بوپتۇ. ئىشلەمچى خوجايىنىنىڭ ئۆزىدىن رازى ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىپ، قانداق قىلغاندا ھەم ئىش قىلمايدىغان ھەم خوجايىنىغا ياخشى كۆرۈنىدىغان چارىنى ئىزدەپتۇ. ئىشلەمچى خوجايىننىڭ تونۇشلىرى ۋە دوستلىرىنى ئىزدەپ، ئۇلاردىن ياردەم سوراپتۇ. خوجايىن بۇ ئىشنى ئۇققاندىن كېيىن ئىشلەمچىنى چاقىرىپ:

  ـ سەن نېمە ئۈچۈن ئارىغا ئادەم قويىسەن؟ قانداق قىلغۇڭ كەلسە ماڭا ئۆزۈڭلا دېسەڭ بولمامدۇ؟ دەپتۇ. ئىشلەمچى نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي يەنە باشقا ئامال ئىزدەپتۇ، ئۇ خوجايىننىڭ ئۆيىدىكى تۇخۇملارنى يىغىپ ھەم بىر مېكىياننى تۇتۇپ، بۇ نەرسىلەرنى سوۋغا سۈپىتىدە خوجايىنغا بېرىپتۇ. خوجايىن بۇ قېتىم يەنە:

  ئۆتكەن قېتىم دوستلىرىمدىن ياردەم تىلىگەنىدىڭ، بۇ قېتىم يەنە سوۋغا بېرىش ئارقىلىق كۆڭۈل ئۇتماقچى بولۇۋاتىسەن، سەن ئېلىپ كەلگەن بۇ نەرسىلەر مېنىڭ تۇرسا، مەن بۇلارغا موھتاج ئەمەسمەن، دەپتۇ.

  ئىشلەمچى ئۈچىنچى قېتىمدا خوجايىننى تەسىرلەندۈرۈش ئۈچۈن شېئىر يېزىپ، خوجايىننىڭ دېرىزىسىنىڭ ئالدىدا ئوقۇپتىكەن خوجايىن:

  ـ سەن بىردەم ئارىغا ئادەم سالدىڭ، بىردەم ئۆزۈمنىڭ نەرسىلىرىنى ئۆزۈمگە سوۋغا قىلدىڭ، ئەمدى مېنى ماختاپ شېئىر ئوقۇۋاتىسەن، لېكىن سەن مېنى چۈشەنمەيسەن ھەم چۈشىنىشنىمۇ خالىمايسەن، ماڭا كېرىكى باشقىلارنىڭ سېنىڭ ئۈچۈن ئارىغا كىرىشى ياكى سېنىڭ سوۋغاڭ ھەم ماختاشلىرىڭ ئەمەس، بەلكى سېنىڭ ئەمگىكىڭدۇر، دەپتۇ.

  ئادەتتە تەڭرىنىڭ ئالدىدا ئۆزى ئۈچۈن سۆزلەپ قويۇشنى تىلەيدىغان كىشىلەر، ئىلاھىي چىراغ ۋە ھەرخىل نەزىرلىك بۇيۇملاردىن، قەسىرلەرنى سېلىپ، مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتىپ تەڭرىگە ياخشىچاق بولماقچى بولغان كىشىلەرنىڭ قىلمىشىمۇ دەل يۇقىرىدىكى ئىشلەمچىنىڭ قىلمىشىغا ئوخشايدۇ. ئەمما ھاياتلىقتىكى ئىشلار ھەركىمنىڭ رېئاللىقتىكى قىسمەتلەرگە ئۆزىنىڭ ھالال مېھنىتى ۋە بەردىشى بىلەن يول تۇتىشىدا. (ئەزىزىگۈل ئەخمەت تەرجىمىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

ئالاقىدار خەۋەرلەر