- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


سۇ ۋە قىز
بەگمەت يۈسۈپ
2013.05.28 16:47 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
روھى پاكىز ئادەمنىڭ تېنىمۇ پاكىز بولىدۇ. ئەخلاق ھالقىلىرىنى زەنجىرلەپ، ھاڭ گىرۋەكلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىۋاتقان، تۇرمۇش يولىدا رەسمىيەت باسقۇچلىرىنى بىر قەدەم – بىر قەدەمدىن ئادا قىلىۋاتقان ياش يىگىت تەن ئېھتىياجىغا دۇچ كەلدى. بۇ ئاددىي ھالدىكى تەن ئېھتىياجىلا ئەمەس، ئادەم ئاتىدىن قالغان تېرىقچىلىق ئۇدۇمى ئىدى. ھاياتلىق ئوزۇقلۇققا ئېھتىياجلىق، ئوزۇقلۇق ھاياتلىقنىڭ دەسمايىسى.
ئوزۇقلۇق تاغدىمۇ، باغدىمۇ، دالىدىمۇ بار. تاغدا ياشايدىغانلار ئۈچۈن تاغ ئوزۇقى، باغدا ياشايدىغانلار ئۈچۈن باغ ئوزۇقى، دالادا ياشايدىغانلار ئۈچۈن دالا ئوزۇقى، ھەتتا ئاسماندا ئۇچارلار، سۇدا ئۈزەرلەرنىڭ ئۆز ئوزۇقى بولىدۇ. بىراق، ئۇنىڭمۇ ئۆزىگە يارىشا ئەجىر – مېھنىتى بولىدۇ. ئەجىر – مېھنەت پەم – پاراسەت ۋە ئەمگەك – جاسارەت دېمەكتۇر. بۇ دېمەكلىكنىڭ جەريانى ھەرگىزمۇ يەككە – يېگانە ئەمەس. ھەممە جۈپ – جۈپى بىلەن. ياراتقۇچى ئادەم ئاتا ئۈچۈن ھاۋا ئانىنى جۈپ قىلىپ يارىتىپ بەرگىنىگە ئوخشاش ئۇنىڭ ئەۋلادى بولمىش قىزلارغا مۇھەببەتتىن ئىبارەت سېھىرلىك ئوتنى ئاتا قىلدى. بۇ ئوت كىمگە تۇتاشسۇن ئۇ كۆيۈش، كۆيۈلۈش جەريانىغا سەبىردىن ئىبارەت سالماقلىق كەيپىياتنى توغرا مۇجەسسەملىشى كېرەك.
يىگىت لاۋۇلداق ئوتنى پەسەيتىش ئۈچۈن سۇ ئىچمەك بولدى. سۇ پاكىزمىدۇ؟ ئەگەر سۇ پاكىز بولمىسا ئۇنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى بۇلغاپ قوياتتى. روھ ئەنە شۇ ئىچكى ئەزالاردا. ئەگەر سۇ پاكىز بولمىسا روھىمۇ بۇلغىنىدۇ. يىگىت سۇدا يۇيۇنماقچى بولدى. ئەگەر سۇ پاكىز بولمىسا ئوخشاشلا تەننى مەينەت قىلىپ قوياتتى. مەينەت تەن بىلەن مەينەت روھنى ئېلىپ يۈرگىلى تېخىمۇ بولمايتتى. مەينەتچىلىكنى ھېچكىم قوبۇل قىلالمايدۇ. پاكىزلىق ئازادىلىك دېمەكتۇر. ئازادە مۇھىتتا روھمۇ، تەنمۇ ئازادە ياشايدۇ. ئۇنىڭدىن تۇغۇلغان ئۈمىد – ئىستەكلەرمۇ پاكىز، نۇرلۇق بولىدۇ. يىگىت دۇچ كەلگەن سۇ پاكىز بولۇشى كېرەك، شۇندىلا ئۇنىڭ ھاياتلىق ئاسمىنىدىكى ئۈمىد نۇرىمۇ جۇلالىق بولىدۇ. خۇنۈكلىك بىر بىئارامچىلىقتۇر.
‹‹ئاھ، مېنىڭ يۇلتۇزلىرىم نۇرلۇق بولسىكەن›› دەيتتى ئۇ ھەر دائىم. ‹‹ئاھ، مېنىڭ يوللىرىم ئاق بولسىكەن›› دېدى ئۇ ھايات سەپىرىنى باشلاشتىن بۇرۇن، ئۇ ئاخىرى پاكىز سۇ بىلەن ئىچى ۋە تېشىنى پاكلىدى.
ئۇنىڭغا مەسۇمە بىر پاك، غۇبارسىز قىز نېسىپ بولغان ئىدى.
ئۇلار بىللە ئاسمانغا قارىدى. ئاسماندا يۇلتۇزلار چاراقلاپ يېنىپ تۇراتتى. ئۇلار تاكى تاڭ سەھەرگىچە ۋىسال شادلىقىدا نۇرغۇن ناخشا ئېيتىشتى. سەھەر قۇياشى ئۇلارنىڭ ھاياتلىق يولىنى يورۇتتى...
ئۇلارنىڭ باسقان ئىزلىرىدىن قىزىل گۈللەر ئېچىلماقتا ئىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە
ئالاقىدار خەۋەرلەر